资源描述
9- يىللىق1- سىنىپقا ئۈتىلىدىغان1-سائەتلىك دەرس لاھىيەسى
2 –ھەپتە 3 -ئاينىڭ 6 -كۈنى
دەرس ماۋزۇسى
11. ئىككى نەسىر
باجىن
قۇياش
ئۇقۇتۇش نىشانى
بىلىم نىشانى
1. ئاپتۇر توغرسىدا يىڭى ئوچۇرغا ئىگە بولۇش.
2. «پەرۋانىنىڭ ئوتقا ئىنتىلىشى»، «كۇافۇنىڭ قۇياشنى قوغلىشى» نىڭ ئەسەردىكى مەنىسىنى چۈشىنىش
3. تارىخى ئارقا كۈرۈنشكە بىرلەشتۈرۈپ ئاپتۇرنىڭ ئىددىيەۋى ھىسياتىنى چۈشىنىش
ئىقتىدار نىشانى
1. نەسىرىي ئەسەرلەرنى ھىسياتلىق ئوقۇش ئىقتىدرىنى يوقىرى كۆتۈرۈش
2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەھلىل تەپەككۇر قىلىش ئادىتى ۋە ئىقتىدرىنى يىتىلدۈرۈش
ھېسيات،پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارشى نىشانى
ئۆزىنى بېغىشلاش، قەيسەر پىداكار بولۇش، ھاياتقا تۇرمۇشقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئالغا ئىنتىلىش روھىغا ئىگە بولۇش قارىشىنى تىكلەش
مۇھىم نوقتا
1.ئاپتۇر توغرسىدا يىڭى ئوچۇرغا ئىگە بولۇش.
2.«پەرۋانىنىڭ ئوتقا ئىنتىلىشى»، «كۇافۇنىڭ قۇياشنى قوغلىشى» نىڭ ئەسەردىكى مەنىسىنى چۈشىنىش
قىيىن نوقتا
تارىخى ئارقا كۈرۈنشكە بىرلەشتۈرۈپ ئاپتۇرنىڭ ئىددىيەۋى ھىسياتىنى چۈشىنىش
ئوقۇتۇش قۇراللىرى
دەرسلىك كىتاب، كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسى
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى
ئۆلگە كۆرسىتىپ تېكىستنى ئوقۇش، دېكلىماتسىيە قىلىش ۋە قىلدۇرۇش، مۇھاكىمە قىلدۇرۇپ سۆزلىتىش، خۇلاسىلاش، يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش
ئوقۇتۇش شەكلى
تەجرىبىلىك دەرس
كۆرسەتمىلىك دەرس
كۆپ ۋاستىلىق دەرس
√
تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرىش
1. «يۈرۈكۈم يىغلايدۇ» ناملىق تىكىسىتتە ئادەملەرنىڭ يىغىسنى قانداق خىللارغا ئايرىغان؟ بۇخىل يىغىلارغا نىسبەتەن ئاپتۇرنىڭ كۆقارشى قانداق؟
2. ئەسەردە «ئىنساننىڭ ھەقىقى ھىسداشلىق قىلشقا ،تەسەللى بىرىشكە، ھەمدەم بولۇشقا، كۆڭلىنى ياساشقا تېگىشلىك شۇنداق بىر يىغىسى بار.ئۇ بولسىمۇيۈرەك يىغىسى» دەپ ئاخىرلاشتۇرۇلغان بۇيەردە دېيىلىۋاتقان «يۈرەك يىغىسى» قانداق مەنىگە ئىگە؟ بۇنىڭدىن سىزدە ھايات ھەقىقىتى ھەققىدە قانداق قاراشلار تۇغۇلدى؟
3. تەڭداش قۇشما جۈملە دېگەن نىمە؟ ئۇ قانداق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ؟
4. تەڭداش قوشما جۈملە ھەققىدىكى ئۆگەنگەنلىرىڭىزگە ئاساسەن ئىككى جۈملە تۆزۈڭ؟ بىرسى باغلىغۇچىلىق تەڭداش قوشما جۈملە،بىرسى باغلىغۇچىسىز تەڭداش قوشما جۈملە بولسۇن
ئوقۇتۇش جەريانى
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
ئوقۇغۇچىلارغا «كۇا فۇنىڭ قۇياشنى قوغلىشى »ھەققىدىكى رىۋايەتنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن.
تىكىسىت ئوقۇشتىن ئاۋال ئاپتۇر ۋە ئەسەر يېزىلغان تارىخ شارائىت توغىرسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتىلىدۇ.
ئاپتۇر ھەققىدە:
1.باجىن(1904.11.25_ 2005.10.17) ئەسلى ئىسمى لى ياۋ تاڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چىڭدۇشەھرىدە بيۇگرات پومىشچىڭ ئائىلسىدە تۇغۇلغان. يازغۇچى،تەرجىمان. كىچكىدىنلا فېئۇداللىق ئائىلىنىڭ چىرىكلىكى ۋە فېئۇداللىق تۈزۈمنىڭ جىناياتلىرىنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆرۈپ چوڭ بولغاچقا، ئەسەرلىرىدە جاھانگىرلىك ۋە فىئۇدالىزىمنىڭ جىنايىتىنى پاش قىلپ، ئىلىم- پەنگە ۋە دېمگۇراتىيەگە تەلپۈنىش ئىددىيىسىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ ئساسلىق ئەسەرلىرىدىن«ئائىلە»،«باھار»،«كۈز »«مۇھەببەتتتىكى ئۆزچ قىسسە»«تۇمان »قاتارلىق ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بار.
2. ئەسەرنىڭ دەۋىر ئارقا كۆرىنىشى: بۇ ئەسەر 1942-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرى ( 7-ئاينىڭ 21-كۈنى )يېزىلغان بولۇپ،بۇ ۋاقىت ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرى جۇڭگۇنىڭ كۆپ قىسىم زىمىنلىرىنى بېسېۋېلىپ ،ھەممە يەرنى زۇلمەت قاپلىغان ،جۇڭگۇ خەلىقنىڭ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشى ئەڭ قىيىن ،ئەڭ جاپالىق باسقۇچقا كىرگەن ،جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ھايات ماماتى ,دۆلەتنى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مىليۇنلىغان خەلىق قۇرال ئېلىپ قۇربان بۇلۇشتىن قورقماي ئالدىنقى سەپكە ئاتلانغان ، خەلق ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىگە تەلپۈنىۋاتقان ،ئازاتلىققا ،ئەركىنلىككە ئىنتىلىۋاتقان كۈنلەر بولۇپ ئاپتۇر ھاياتقا ،تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچ ۋە ئۈمۈدىنى ئىپادىلەپ بۇ نەسىرنى يېزىپ چىققان .
تىكىسىتنى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئالدى بىلەن ئۆلگە كۆرسىتىپ ئوقۇپ بىرىمەن،كىيىنكى قەدەمدە ئۈچ گۇرۇپپىدىن بىرىدىن ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچىنى تىكىسىتنى ھىسياتلىق ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرىمەن. تىكىسىتنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن سېلىشتۇرۇپ باھالاش ئاساسىدا ئەڭ ياخشى دىكىلىماتسىيە قىلغان ئوقۇغۇچىنى باھالاپ چىقىپ، ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىنىڭ گۇرۇپپىسىنى چاۋاك ئارقىلىق تەقدىرلەش ئېلىپ بارىمەن.( بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت شەخىسنىڭ شان- شەرىپى ئاخىرقى ھىساپتا كوللىكتىپنىڭ، ئومۇمنىڭ شان- شەرىپى بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش)
كىيىنكى قىدەمدە تىكىست ئىچىدىكى يىڭى سۆزلەرگە ئىزاھات بىرىپ ئۆتىلىدۇ.( ئاۋال ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە چۈشەندۈگۈزۈپ تەپەلمىغاندا ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇلى بۇيىچە خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ)
يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات:
ھارارەت: (1)كۈچلۈك دەرىجىدىكى ئىسسىقلىق (2)بىرەر جىسىمنىڭ ماددىنىڭ قىزىش ياكى ئىسسىتىلىش دەرىجىسى
. دەقىقە: قىسقىغىنە ۋاقىت،پەيت
چاڭقاش: ئۇسساپ كېتىش ،ئۇسسۇزلۇقتىن قىينىلىپ كېتىش
زۇلمەت: (1)ھىچ نەرسىنى كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى قاراڭغۇلۇق .(2)كۆچمە مەنىدە نادانلىق ،جاھالەت
تۈتۈن: ئىس-تۈتەك
تىكىسىت تەھلىلى
پىكىر قىلىڭلار
ئوقۇغۇچىلاررنى تۈۋەندىكى سۇئال لايىھەلىرى ئاساسىدا تەھلىلگە يىتەكلەپ تىكىسىت ھەققىدىكى چۈشەنچە چوڭقۇرلاشتۇرلىدۇ.
1.ئاپتۇر بۇتىكىسىتتە تىلغا ئالغان ئوبىكىتلار قايسى؟ بۇلارغا نىسبەتەن ئاپتۇر قانداق ھىسيات مايىللىقىنى ئىپادىلىگەن؟
بۇ سۇئال لايىھەسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تكىسىت ئىچىدىكى يىپ ئوچى بولغان پەرۋانە بىلەن كۇۋافۇنى تاپقۇزۇش ئارقىلىق ئاپتۇرنىڭ ھىسيات مايىللىقىنى قۇزغىغان روھنى بايقاشقا يىتەكلەش مەقسەت قىلنىدۇ.
2.«پەرۋانە نۇر ۋە ھارارەتنى دەپ ئۆزىنى چىراغقا ئېتىپ ،چىراق ئاستىدا ئۆلدى»پەرۋانە شۇنچە كىچىك تۇرسا ،ئاپتۇر ئۇنىڭغانىمە ئۈچۈن يەنە مەدھىيە ئوقۇيدۇ؟
«كۇافۇقۇياشنىڭ كەينىدىن قوغلاپ قۇياش ئولتۇرىدىغان جايدا ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ ئۆلۈپ كەتتى»ئەمما ئاپتۇر نىمە ئۈچۈن ئۇنى ئەسلەيدۇ؟ بۇ ئۇلاردىكى قانداق رۇھ؟سىز ئۇلارغا قانداق باھا بىرىسىز؟
بۇ سۇئال لايىھەسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەرۋانىنىڭ نۇر ۋە ھارارەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئوتقا ئاتسا، كۇۋافۇنىڭ ئاۋام ئۈچۈن ئۆزىنى بىغىشلاش روھىنىڭ ئولۇغلاشقا ۋە تەرىپلەشكە تىگىشلىك رۇھ ئىكەنلىكىنى بايقاتقۇزۇش
3.تىكىسىت « ئەگەر بىر جۈپ قانىتىم بولغان بولسا، پەرۋانە بولۇپ كىتەتتىم، ئوتتەك قىزىق كۈن شارىغا قاراپ ئوچۇپ ، ئالدىمدىكى نۇر ۋە ھارارەت ئۈچۈن ئۆزۈمنى بېغىشلاپ تۈتۈنگە، كۈلگە ئايلىنىپ كېتىشكە رازى ئىدىم.» دەپ ئاخىرلاشتۇرغان بۇ ئاپتۇرنىڭ قانداق ئارزۇسىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ؟ ئاپتۇر ئىنتىلىۋاتقان نۇر ۋە ھارارەت نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
بۇ سۇئال لايىھەسى ئارقىلىق ئاپتۇرنىڭ جۇڭگۇ خەلقىنىڭ ئازادلىقى مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىنمۇ كېچىشكە تەييار ئىكەنلىكىدەك غايىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۈرۈش
4›ئاپتۇر قۇياش ناملىق تىكىستتە قۇياشنى كونكىرىت تەسۋىرلىمەستىن ‹پەرۋانىنىڭ ئۈزىنى ئوتقا ئۇرۇشىنى ›‹كۇئافۇنىڭ قۇياشنى قوغلىشىنى يازىدۇ ،ئارقىدىنلا پەرۋانە ۋە كۇئافۇغا ناھايىتى يۇقۇرى باھا بىرىدۇ .ئاپتۇرنىڭ بۇ باھاسى بىلەن قۇياشنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ ؟
بۇ سائال لايىھەسى ئارقىلىقى قۇياش يۇرۇقلۇق .نۇرنىڭ ،ئىسسىق ھارارەتنىڭ سىمىۋولى ، ‹پەرۋانە ،كۇافۇ›قاتارلىق ئوبرازلار يازغۇچىنىڭ غايىسىگە ۋەكىللىك قىلدىغان ئوبرازلاربۇلۇپ ،يازغۇچىنىڭ يۇرۇقلۇنى قوغلىشىش ،سۇغۇقنى ئىنكار قىلىش ئىدىيەۋى ھىسياتىنى ئىپادىلىگەن . پەرۋانە ۋە كۇافۇنىڭ ھەركىتى ئۇزۈنىڭ ھايات –ماماتى بىلەن ھىساپلاشماي يۇرۇقلۇققا ئىنتىلىش –يازغۇچىنىڭ غايىسىگە ۋەكىللىك قىلدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش.
5.يۇقارقى تەھلىلەر ئاساسىدا نەسىردا ئالغا سۈرۈلگەن ئىددىيەۋى كۆزقاراش نېمە؟ دەۋر ئارقا كۈرنىشىگە باغلاپ كۆزقارشىڭىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇڭ.
بۇ ئارقىلق نەسىردە پەرۋانە بىلەن كۇافۇنىڭ ئۆز غايىسىگە يتىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشتەك ئالىيجاناپ رۇھىغا مەدھىيە ئۇقۇش ئارقىلىق ئەينى دەۋردىكى ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە كۈرەش قىلۋاتقان پىداكار ، قەيسەر ، قۇرۇقماس باتۇر جەڭچىلەرنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتىگە مەدھىيە ئوقۇغان.
6.«ھايات بەك قەدىرلىك ،بىراق سوغۇق ،تىپتىنىچ ياشاپ ئۆتكەندىن كۆرە كىشىلەرگە نۇر ۋە ھارارەت بېغىشلاپ ئۆلگەن ئەلا»دەپ يازىدۇ.سىز ئاپتۇرنىڭ بۇ خىل ھاياتنى قوغلىشىشىنى قانداق چۈشەندىڭىز؟ئاپتۇرنىڭ بۇخىل ھايات قارشىغا قانداق قارايسىز؟
بۇ سۇئال لايىھەسى ئارقىلقى بۇنىڭ ئاپتۇر ئارزۇ قىلغان ،ئىنتىلىدىغان ھايات قارىشى يەنى ئاپتۇر شەيئىلەرنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش ،باش ئەگمەسلىك ،ھاياتقا ،تۇرمۇشقا نىسبىتەن ئىشەنچ باغلاش ،ئۈمىدۋار بولۇشتەك ھاياتلىق قارىشىنى ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تۇغرا بۇلغان كىشىلىك تورمۇش قارشىنى تورغۇزۇش، ئۆز غايىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، باش ئەگمەسلىك، ھاياتقا ئۈمىدۋار، ئىشەنىچ بلەن قاراش توغىرسىدا غايە، ئېتىقاد تەربىيىسى بىرلىدۇ.
ئاخىردا ئوقۇغۇچىلارغا قازاقىستان ئابلىز ھېزىمنىڭ « شەپەرەڭ ۋە پەرۋانە » ناملىق شىئىرىنى دېكىلىماتسىيە قىلىپ بىرىش ئارقىلقى دەرسىنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
تۈندە كۆز ئېچىپ
يۈرگىچە كۈننىڭ
جامال-ھۆسنىنى
قۇچۇپ بەختنىڭ-
ئوتنىڭ كۆكسىنى
ئۆلۈش ئەزەلدىن
تىلىگىم مېنىڭ
بولمىسا نېمە
كېرىگىم مېنىڭ..
ئېتىپ ئۆزۈڭنى
ئالىسەن كۆيۈپ
ئۆتكەن ياخشىغۇ
ھاياتنى سۆيۈپ...
پەرۋانە دەپتۇ:
سۆزۈمنى ئاڭلا.
سەن كەبى ئوتتىن-
يورۇقتىن قېچىپ، كۈندۈزى ئۇخلاپ
دەپتۇ شەپەرڭ
پەرۋانە جانغا:
-ئىچىم ئاغرىيدۇ
سەندەك نادانغا.
ئوتنى كۆردۈڭمۇ،
ئەقلىڭدىن ئېزىپ
شۇنچىلىك قۇۋناق
ھاياتتىن بېزىپ..
شەپەرەڭ بىلەن پەرۋانە
(مەسەل)
ئابلىز ھىزىم (قازاقىستان)
ئىقتىدار يىتىلدۈرۈش سۇئاللىرى
1. « ئەگەر بىر جۈپ قانىتىم بولغان بولسا، پەرۋانىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولاتتىم» دىگەن جۈملىدە پەرۋانىنىڭ ( ) روھىغا مەدھىيە ئوقۇغان.
2. قۇياش» تا ئاپتۇر ئاساسلىقى ( )بىلەن( )نى يازغان
3. ئاپتۇر «قۇياشنى يازغاندا پەرۋانىنىڭ قانداق روھىغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ؟ پەرۋانە ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزدىكى قانداق كىشلەرنىڭ سىمۋۇلى؟
تاپشۇرۇق
Ò تۈۋەندىكى تەلەپتىن خالىغان ئىككى تەلەپنى ئورۇنلاپ كىلىڭ.
Ò 1قۇياش تىما قىلىنغان بىر كۇپلىت شىئىر يېزىپ كىلىش
Ò 2. ھايات قارشى ھەققىدىكى ماقال- تەمسىلدىن ئىككىنى تېپىپ كىلىش
Ò 3.شائىرلارنىڭ قۇياش ياكى پەرۋانە توغرسىدىكى شىئىردىن بىرنى توپلاپ كىلىش
Ò 4.توردىن پايدىلىنىپ باجىننىڭ ئەسەرلەر كاتولۇگىنى تۈزۈش
Ò 5.ئىنسانلارنىڭ قۇياشنى نىمىلەرگە سىمۋۇل قىلىدىغانلىقىنى رەتلەپ كىلىش
دوسكا لايىھىسى
板书设计
11. ئىككى نەسىر
باجىن
قۇياش
باجىن(1904.11.25_ 2005.10.17)
«ئائىلە» ،«باھار» ،«كۈز » «مۇھەببەتتتىكى ئۆچ قىسسە» «تۇمان »
ئالىيجاناپ رۇھ
ئۆزىنى بېغىشلاشقا جۈرئەت قىلىش
قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلىش
پەرۋانە..........نۇر ۋە ھارارەت
كۇافۇ ........ئىسسىقىلىق
قايتا ئويلىنىش
دەرس تەييارلىقىغا بىرىلگەن باھا
ئەلا
ياخشى
لاياقەتلىك
لاياقەتسىز
گۇرپا باشلىقىنىڭ تەستىق پىكىرى
3 - ئاينىڭ 5- كۈنى
11. ئىككى نەسىر
باجىن
قۇياش
( 9- يىللىق 2- قىسىم)
تىۋەت يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ يىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى: ئابلەت مەتتوختى
2017- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى
展开阅读全文