资源描述
ل-
سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى
-ھەپتە -يىلى -ئاينىڭ كۈنى
دەرس تېمىسى
10. پەندى- نەسىھەتلەر
« ئەتەبەتۇلھەقايىق» دىن پارچىلار
ئەھمەد مەھمۇت يۈكنەكى
ئوقۇتۇش نىشانى ۋە ئۆگىنىش نىشانى
1. بىلىم ۋە قابىلىيەت نىشانى :
1)ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلۇغ ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى « ئەتەبەتۇلھەقايىق » بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش.
2) شېئىرنىڭ ئەسلىيسى بىلەن يەشمىسىنى سېلىشتۇرۇپ ، ھېسسىياتلىق ، راۋان دېكلاماتسىيە قىلىپ شېئىردىكى قاراشلارنى تەھلىل قىلىپ چىقالايدىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بولۇش. .
3)شېئىردا ئىپادىلەنگەن ئاساسى ئىدىيىنى چۈشىنىش.
4). ئوقۇغۇچىلارنى ئەسەردىكى شېرى مىسرالارنى نەسرى شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ ئاددى، ئىخچام جۈملىلەر ئارقىلىق ئىپادىلىيەلەيدىغان قىلىش.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل :
كىتاپ ئوقۇش ئۇسۇلى، ئۈلگە كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تېكىسىت ئوقۇلىدۇ ، ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ تەرجىمىھالى شۇنداقلا ئەسەر ژانېرى ھەققىدىكى مەزمۇنلار يەتكۈزىلىدۇ .
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى :
بىلىملىك بولۇش،راستچىل، سەمىمى، مەردانە بولۇش،ئۆز تىلىنى كونتىرول قىلىش، مەردلىك، سېخىيلىق،راستچىللىقتىن ئىبارەت ئىسىل پەزىلەتلەرنى ئۆزىدە ھازىرلاش، گۈزەل پەزىلەت ئىگىلىرىدىن بولۇش توغرىسىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدۇ .
دەرس سائىتى
بىر سائەت ئۆتۈلىدۇ
ملەر
ئوقۇتۇشتىكى موھىم نوقتا ، قىيىن نوقتا
ۋە ئۇنى ھەل قىلىش
مۇھىم نۇقتا:
شېئىرنىڭ ئەسلىيسى بىلەن يەشمىسىنى سېلىشتۇرۇپ ، ھېسسىياتلىق ، راۋان دېكلاماتسىيە قىلىپ شېئىردىكى قاراشلارنى تەھلىل قىلىپ چىقالايدىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بولۇش. .
قىيىن نۇقتا:
ئوقۇغۇچىلارنى ئەسەردىكى شېرى مىسرالارنى نەسرى شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ ئاددى، ئىخچام جۈملىلەر ئارقىلىق ئىپادىلىيەلەيدىغان قىلىش.
ھەل قىلىش:
يېتەكلەش ۋە مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈش.
ئوقۇتۇش ۋاسىتلىرى
دەرسلىك كىتاپ،ئېلىكتىرونلۇق دەرس دېتالى
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش شەكلى
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى :
مۇلاھىزە، چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى
ئۆگىنىش شەكلى :
ئىزدىنىپ ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنش شەكلى.
ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى (ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئاساسى
بىلىمنى يىغىنچاقلاش ۋە ئىقتىدار سىناش سۇئاللىرى)
1. تەييارلىق سىناق :
1) يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ ياشىغان دەۋرى ۋە ئەسىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ. »
2 ) «قۇتادغۇبىلىك »تىن پارچىلاردا قانداق ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن ؟
2.يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش :
• 1.پۇت يۈگۈرىكى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرىكى باشقا.
• 2.راس سۆزلىسەڭ قۇتىلىسەن، يالغان سۆزلىسەڭ تۇتىلىسەن.
• يۇقىرقى ماقال- تەمسىللەردە قانداق مەزمۇن ئىپادىلەنگەن؟
دېگەندەك سۇئاللار ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش .
3. يېڭى دەرس ئۆتۈش :
1) تېكىسىتنى توغرا ، راۋان ، ھېسسىياتلىق ئوقۇشقا يېتەكلەش . .
2) ئاپتۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى ۋە ۋەكىللىك ئەسىرىنى تونۇشتۇرۇش .
ئەھمەد يۈكنەكى(تولۇق ئىسمى ئەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇت يۈكنەكى،شائىرنىڭ دادىسى مەھمۇد،يۇرتى يۈكنەك دېگەن يەر ئىدى.) قاراخانىيلارخانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، يەنى مىلادىيە 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، 13- ئەسىرنىڭ باشلىرى ياشىغان مەشھۇر شائىر.ئۇ تۇغما ئەما كىشى بولسىمۇ، لېكىن يېتۈك ئەدىپ. بۇ پارچە ئۇنىڭ «ئەتەبەتۇلھەقايىق» (ھەقىقەتتىن سوۋغىلار) ناملىق كىتابىنىڭ 1980- يىلى مىللەتلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان نۇسخىسىدىن ئېلىندى.
3) تېكىسىت ئىچىدىكى بىر قىسىم يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش.
4) ئەسەر ژانىرى بىلەن تونۇشۇش .
5) ھەر بىر كۇپلىت بويىچە ئاساسلىق مەزمۇننى چۈشىنىشلىك بايان قىلىپ بېرىشكە يېتەكلەش .
(1) شېئىرنىڭ بىرىنچى پارچىسىدا قانداق مەزمۇن ئىپادىلەنگەن؟
ئاپتۇرنىڭ يۇقارقى قاراشلىرىدىن سىز نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىڭىز.
(2) شېئىرنىڭ ئىككىچى پارچىسىدا ئاپتۇر قانداق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان؟
سەمىمىيلىك، راستچىللىقئىنسانلارنىڭ ئەڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىنىڭ بىرى، ئۇنداق بولسا سىزدە بۇخىل پەزىلەتلەر بارمىكەن؟سىز بۇ ھەقتە قانداق ھىكمەتلەرنى بىلىسىز؟
(3) شېئىرنىڭ ئۈچىنچى پارچىسىدا ئاپتۇر قانداق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان؟
بۇ ئارقىلىق ئاپتۇر بىزگە نېمە دېمەكچى؟سىز بىر بىلىم ئالغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشنى ئويلىدىڭىز؟
6) يۇقارقى تەھلىللەر ئاساسىدا تېكىستتە ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىينى چۈشىنىپ سۆزلەپ بېرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش .
بۇ پارچىدا، ئىلىم- مەرىپەتكە ۋە بىلىم ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، راستچىللىق، سەمىمىلىك، مەردانىلىكتىن ئىبارەت ئىسىل خىسلەتلەرنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈش،بېخىللىق، نامەردلىك،ساختىپەزلىك قاتارلىق يامان ئىللەتلەردىن يىراق تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن .
خۇلاسە: ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى مۇستەھكەملەش.
نىشاننى سىناش :
يۇقىرقى پارچىلاردىكى قايسى پەندى- نەسىھەتنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ
زۆرۈر ئىكەن دەپ قارىدىڭىز ؟ نېمە ئۈچۈن ؟
تاپشۇرۇق
1. ھەر بىر كوپلىتنىڭ يەشمىسىنى ئەسلىيسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، چۈشەنگەن ئاساستا يادلاش .
2. يۇقىرقى قوشاق- بېيتلارنى نەسىرىي شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ يېزىش .
دوسكا لايىھىسى
10. پەندى- نەسىھەتلەر
« ئەتەبەتۇلھەقايىق» دىن پارچىلار
ئەھمەد مەھمۇت يۈكنەكى
يېڭى سۆزلەر :
چىركىن : قاماق:
پەزىلەت: قۇتلۇق:
تىزگىنلەش: تون:
ئەگرىلىك:
ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەركىزى ئىدىيە؟
دەرستىن كېيىنكى
قايتا ئويلىنىش
گۇرۇپپا مەسئۇلى پىكىرى ۋە ئىمزاسى
6
展开阅读全文