资源描述
مىللەتلەرئىتتىپاقلىقى ــ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى
«جۇڭگو،سۆيۈملۈك ئېلىم، سەن بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىز......
چۈنكى بىزمىليونلىغان خەلق، سېنىڭ ئوماق قوينۇڭدا، ساپ ھاۋاڭدا چوڭ بولغان
تېپىپ سېنىڭدەئەقىل ، ئۆزىمىزنى تونۇپ ئوڭ بولغان».
بۇ ئۇيغۇرلارنىڭھازىرقى زامان شائىرى ل.مۇتەللىپنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشىتۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە يازغان «جۇڭگو» ناملىق شېئىرىدىكى مىسرالار. بۇ شېئىرداشىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇزېمىندا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ،بۇ مۇنبەت تۇپراقنى ئورتاق ئېچىپ تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسىدۇر.
شىنجاڭ ــئەزەلدىن ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئەمگەك قىلىپ، كۆپىيىپ،تېرىكچىلىك قىلغان ماكان. ھەر مىللەت خەلقى ھوزۇر-ھالاۋەت، جاپا – مۇشەققەتتەبىللە بولۇپ، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن ئۆتۈپ، ئورتاق تارىخ يارىتىپ، ئورتاق ئېتىقادبىلەن، شىنجاڭنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق چوڭ ئائىلىسىگەئايلاندۇرغان. بۇ چوڭ ئائىلىدە، ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئۆز ئارا چۈشىنىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىپ، ئۆز ئارا يول قويۇشۇپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا ياردەمقىلىشىپ، خۇددى ئانار دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. بۇ، قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ نىگىزى، قەشقەر خەلقىنىڭ جان تومۇرى.
بىرىنچى،ۋەتىنىمىز ــ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت– ماكانى
دۆلەت ــئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ بەلگىلىك باسقۇچتىكى مەھسۇلى. ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىيپائالىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم تەشكىلىي شەكلىنىڭ بىرى. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ــدۆلەتنىڭ تۈپ خاسلىقى بولۇپ، بۇ مۇقەددەس، بۇنىڭغا دەخلى – تەرۇز قىلىشقابولمايدۇ. دۆلەت ــ قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن ئۆزىگە قاراشلىق ئاھالەھاكىمىيەت دائىرىسىنى بېكىتمەستىن، بەلكى رايون ئورنىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ. بۇدېگەنلىك، رايون بۇ دۆلەتنىڭ بىر قىسمى بولىدىكەن، ئۇنداقتا، بۇ رايوندىكى ھەرقايسى مىللەتلەر دۆلەتنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ.
مىللەت ــكىشىلەرنىڭ تارىختا شەكىللەنگەن، ئورتاق تىل، ئورتاق رايون، ئورتاق ئىقتىسادىيتۇرمۇشقا ئىگە ۋە ئورتاق مەدەنىيەت جەھەتتە ئورتاق پىسخىك ساپادا ئىپادىلىنىدىغانمۇقىم ئورتاق گەۋدىسىنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مىللەت ــ بۇ دۆلەتئىچىدىكى مەلۇم ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاھالىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
دۆلەت بىلەنمىللەت ھەم پەرقلىق ھەم بىر – بىرىگە مۇناسىۋەتلىك. ئىپادىلىنىش شەكلىدىنقارىغاندا، دۆلەت ھەمىشە بەلگىلىك مىللەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولىدۇ. مىللەتسىزدۆلەت مەۋجۇت ئەمەس. دۇنيادا مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر كۆپ مىللەتتىنشەكىللەنگەن، بىرلا مىللەتتىن شەكىللەنگەن دۆلەت يوق دېيەرلىك. دۆلىتىمىز 56مىللەتتىن تەركىب تاپقان. كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان دۆلەتلەر ئارىسىدا، ھەر بىرئادەم دۆلەتنىڭ خاسلىقى ۋە مىللەت خاسلىقىدىن ئىبارەت ئىككى خىل خاسلىققا ئىگەبولىدۇ. دۆلەت خاسلىقى ئالدىنقى ئورۇندا، مىللەت خاسلىقى 2 – ئورۇندا تۇرىدۇ.مىللەت ــ دۆلەتكە تەۋە. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىر كىشى ئالدى بىلەن بۇدۆلەتنىڭ ئاھالىسى، ئاندىن مىللەتنىڭ ئاھالىسى بولغاندىلا، بارلىق مىللەتئاھالىلىرى بۇ دۆلەتنىڭ ئاھالىسى بولالايدۇ.
دۆلەت بىلەنمىللەتنىڭ مۇناسىۋىتى بىر ئائىلە بىلەن بۇ ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكەئوخشايدۇ. قېرىنداشلار بىر نىيەتتە بولغاندا ھەممە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلىبولىدۇ. ئېپى يەڭگىلەر ئىناق ئۆتكەندىلا ئائىلە ئىشلىرى يۈرۈشىدۇ. ھەر بىر ئائىلەئەزالىرى پەقەت بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بۇ ئائىلىنى ئورتاق قوغدىغاندىلا،ئاندىن ھەر بىر ئائىلە ئەزالىرىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنداقبولمايدىكەن، ئائىلىسى ۋەيران بولىدۇ، ھەتتا خارابلىشىدۇ. دۆلەت بىلەن مىللەتمۇناسىۋىتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. ئەگەر مىللەتنىڭ خاسلىقى زىيادە گەۋدىلىك بولسا،دۆلەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ھەتتا داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ. سوتسىيالىستىكدۆلىتىمىزدە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مىللەتنىڭ مەنپەئەتى، دۆلەت ئېڭى بىلەنمىللەت ئېڭى بىردەك. بۇنى سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتى بەلگىلەنگەن. شۇڭلاشقا،دۆلىتىمىزدە ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى، مىللەتنى سۆيۈش بىردەكلىكىگە ئىگە.
ئۇيغۇرلارنىڭدۆلەت ۋە مىللەتكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ماقال– تەمسىللىرى بار. مەسىلەن:
(1) ۋەتەندىنئايرىلساڭ كۈچۈڭدىن ئايرىلىسەن. ۋەتەن روناق تاپقاندىلا، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىكقىلىدۇ.
(2) ئايرىلغاننىئېيىق يەر، بۆلۈنگەننى بۆرە يەر.
(3) ۋەتەننىڭئىللىقلىقى ئايرىلغاندا بىلىنەر.
(4) ۋەتەنگەتۆھپە قوشقۇچى ھۆرمەت تاپار، ۋەتەنگە خائىنلىق قىلغۇچى قاغىشقا قالۇر.
(5) يولدىنئازساڭ ئازغىن، ۋەتەندىن ۋاز كەچمە.
(6) يولۋاستاغدىن ئايرىلسا ھەيۋىسىدىن، بېلىق سۇدىن ئايرىلسا جېنىدىن ئايرىلار.
(7) ۋەتەننى كۆزقارىچۇقۇڭنى ئاسرىغاندەك ئاسرا.
(8) قازىنىڭ قۇرۇقبولسا قاچاڭ قۇرۇق بولۇر، ۋەتىنىڭ باياشاد بولسا خەلقىڭ باي بولۇر.
(9) گۈلزارلىقتائۆسكەن گۈل جەلپكار، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە ياشاۋاتقان خەلق بەختىيار.
... ...
بۇنىڭغا ئوخشاشماقال – تەمسىللەر ئىنتايىن كۆپ، بۇلاردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى: ۋەتەنبىزنىڭ يۇرت – ماكانىمىز، ۋەتەننى سۆيۈش ــ يۇرت – ماكاننى سۆيگەنلىك. ۋەتىنىبولمىسا ئۆزىنىڭ يۇرت–ماكانىنىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ.
ئىككىنچى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى
مىللەتلەرئىتتىپاقلىقى ــ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئالاقىسى داۋامىدائىناق، دوستانە ئۆتۈش ۋە ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، بىرلىشىش مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ.
تارىختىنقارىغاندا، ھازىرقى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تارىختىكى شىنجاڭنىڭمىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ داۋامى ۋە تەرەققىياتىدۇر. قەدىمكى جۇڭگودا شىنجاڭ ئىچى– سىرتىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە ئىتتىپاقلىشىپ، دوستانە ئۆتۈش، بىرلىككەكەلتۈرۈش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش، ئۆز ئارا قوللاش، ئۆز ئارا تايىنىپ مەۋجۇتبولۇشتەك ئالاھىدىلىك مەۋجۇد بولۇپ، بۇ، تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ئېقىمى، شۇنىڭدەكھەر قايسى مىللەتلەردىن بولغان ئېكسپولاتاتسىيە قىلغۇچى ھۆكۈمران گۇرۇھلارنىڭباشقا مىللەتلەرنى تالان – تاراج قىلىش، ئېزىش ۋە ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالىشىشكۈرەشلىرى ھەمدە سىرتقى كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك سېلىشى، بۇزغۇنچىلىق ۋە تاجاۋۇزقىلىشىدەك ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇد ئىدى، بۇ، بەلگىلىك مەزگىل ۋە بەلگىلىك رايوندا ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ھەر قايسىمىللەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بىلەن تەرەققىياتىغا زور تەسىرلەرنى ئېلىپكەلگەن. لېكىن بۇ، ئاخىرقى ھېسابتا شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ تەتۈر ئېقىمىبولۇپ، شىنجاڭ تارىخىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىككەئىنتىلىشتەك ئالغا بېسىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمىغان. تارىخ شۇنى قايتا – قايتائىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستلەرنىڭ ھەممىسى ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. تارىختىكىمىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر مىساللارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. مەسىلەن (1)1871 – يىلى 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چاررۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى جۇڭگونىڭ ئىلىۋىلايىتىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق،موڭغۇل، شىبە قاتارلىق ھەر مىللەت ئارمىيە، خەلقنىڭ قەيسىرانە قارشىلىقىغائۇچرىغان. 50 نەچچە كۈن ئىچىدە، تاجاۋۇزچىلار ئېغىر زەربىگە يولۇقۇپ چېكىنگەن،خەلقنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق ئىش – ئىزلىرى بارلىققا كېلىپ،ئۇلار ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە يېقىنقى زاماندىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەتخەلقىنىڭ سىرتقى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇشتىكى شانلىق سەھىپىسىنى ياراتقان. (2)1876 – يىلى 7 – ئايدا زو زۇڭتاڭ باشچىلىقىدىكى زور قوشۇن شىنجاڭغا كېلىپ، ئەنگلىيەلىكلەرقوللىغان قوقان خانلىقىدىكى ياقۇپ بەگ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ ئىگىلىۋېلىپ قولدىنكەتكەن زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەنكەڭ كۆلەمدە قوللىشىغا ئېرىشكەن. پەقەت بىر يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپلا ياقۇپبەگ باندىتلىرىنى يوقىتىپ، ياقۇپ بەگ ئىگىلىۋالغان بارلىق يەرلەرنى قايتۇرۇۋالغان.(3) ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلدە، ياپون باسقۇنچىلىرىغاقارشى تۇرۇشتىكى كەڭ ئارقا سەپ بولغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگوكوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللەتلەر بىرلىكسېپىبايرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، «شىنجاڭ جامائەتچىلىكىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇشبىرلەشمىسى»، «شىنجاڭ جامائەتچىلىكىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ دۆلەتنىقۇتقۇزۇش ئارقا سەپ ياردەم جەمئىيىتى» قاتارلىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپدۆلەتنى قۇتقۇزۇش ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللىشىدە، ئالدىنقى سەپتىكى قارشىتۇرۇش كۈرىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، «پۇلى بارلار پۇل، كۈچى بارلار كۈچ»چىقىرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئالدىنقى سېپىگە ئاكتىپلىقبىلەن پۇل، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلغان. دىخۇا (ئۈرۈمچى) شەھىرىدىكى 78 ياشلىقئۇيغۇر موماي ئۆزىنىڭ بىردىنبىر پۇلغا ئەرزىيدىغان ئالتۇن ھالقىسىنى ئىئانەقىلغان؛ ئونسۇ ناھىيەسىلىك ئۇيغۇر ئايال ئاتىكىخان ئېرى قالدۇرۇپ كەتكەن 27يامبۇنى ئىئانە قىلغان؛ داڭلىق سەنئەتكار قەمبەرخانىم، داۋاز سىدىق ھاشىم قاتارلىقنۇرغۇن سەنئەتكارلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشكۈرىشى ئۈچۈن ئىئانە توپلاش ئويۇنى قويغان. بىر تامچى ئىئانە توپلاش خېتىگەباشقىلارنى تەكلىپ قىلىپ مۇنداق دەپ يازدۇرغان: «ۋەتەننى سۆيسەممۇ پۇل ئىئانە قىلىشقائامالسىزمەن، پەقەت بۈگۈن باشقىلارغا ئىشلەپ، مىڭبىر جاپادا تاپقان 3500 سەر ئۆلكەپۇلىدىن 500 سەرگە ئىككى نان ئېلىپ، قورسىقىمنى توقلايمەن، قالغىنىنىڭ ھەممىسىنىئىئانە قىلىمەن». 1937 – يىلى 9 – ئايدىن 1940 – يىلى 5 – ئايغىچە، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى ئىئانە قىلغان كۈمۈش تەڭگە 3 مىليون 220 مىڭ كۆمۈش تەڭگىدىن ئاشقان.ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭدىكى جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى بۇ پۇلغا 10 دانەكۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىپ، «شىنجاڭ» دەپ نام بېرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغاقارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئەۋەتىپ، ۋۇخەندىكى مۇداپىئە ئۇرۇشىغاقاتناشتۇرغان. مانا بۇ شىنجاڭلىقلار، مانا بۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش،ئىتتىپاقلىشىشنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسى. (4) يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن يەنەنۇرغۇنلىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرى بارلىققا كەلدى. بۇلار ئىچىدەئاق خالاتلىق پەرىشتە ۋۇ دېڭيۈن؛ تۆت مىللەتتىن بولغان 10 يېتىم بالىنى بېقىۋالغانھەنىپە ئانا (ئۇنىڭغا ئۆزى تۇغقان توققۇز بالىنى قوشقاندا جەمئىي 19 بالا بولىدۇ)؛ئۆزىنىڭ بۆرىكىنى ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ئۇيغۇر ياشقا ئىئانە قىلغان خەنزۇقىزچاق ۋاڭ يەننا؛ خەنزۇ قىز ئىستۇدېنتنى ئۆز سىڭلىم دەپ، قارا نىيەتلەر بىلەنباتۇرلارچە ئېلىشقان غېنى جۈمە؛ ئاددىي پۇقرا خەير – ساخاۋەتچىسى ــ ئالىم خالىق؛يەنە قەشقەرلىكلەرگە تونۇشلۇق، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قايغۇ – ھەسرەتكە چىداپ، كەنتئاھالىلىرىنى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ 1– سېپىگە ئاتلىنىشقايېتەكلىگەن مارالبېشى ناھىيە چوڭقۇرچاق يېزا تۈگمەنبېشى كەنتىلىك «ياخشى پارتىيەئەزاسى»، «ياخشى پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى» داۋۇت ھاشىم؛ ئىش بېجىرىشتە ئادىل، بىرئۆمۈر ئۇيغۇر ئاممىنى بېيىشقا يېتەكلىگەن «ئەڭ پەزىلەتلىك كەنت ئەمەلدارى» ليۇگوجۇڭ؛ «ئەڭ پەزىلەتلىك ئاساسىي قاتلام كادىرى» خۇاڭ يىڭجيې؛ «ئەڭ پەزىلەتلىكساقچى» مەمتىمىن روزى؛ تاشلىۋېتىلگەن خەنزۇ بوۋاقنى بېقىۋالغان ئۇيغۇر ئاتا،مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا بازىرىلىق جۇڭخۇا ساخاۋەتچىسى ئابلىز نۇرەك...قاتارلىقلار بار. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەرئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرىسۈرۈشتىكى باشلامچىلىق ۋە نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان، ئۇلار مەڭگۈ بىزنىڭئۆگىنىش ئۈلگىمىز.
سىياسىيجەھەتتىن قارىغاندا، چىن سۇلالىسىدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان 2000يىلدىن كۆپرەك ئۇزاققا سوزۇلغان ئەگرى – توقاي تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ھەرمىللەت خەلقى ئورتاق گۈللەنگەن سۇلالىلەرنى باشتىن كەچۈردى، شۇنداقلا بۆلگۈنچىلىك،ئۇرۇش مالىمانچىلىقى مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈپ، «بىرلەشكەن ئۇزار، بىرلەشمىگەنتوزار» دېگەن ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشەندى. شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا خەنزۇ مىللىتىبىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر، شۇنداقلا ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىداسىياسىي جەھەتتە «ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان» مۇناسىۋەت شەكىللەنگەنىدى.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەمنەپەس،تەقدىرداش بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك ئۈنۈملۈكمىللەتلەر سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مىللەتلەرمۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنى بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەشقىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىدى. مەسىلەن، مىللەتلەر باراۋەربولغان ئىتتىپاقلىق سىياسىتى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتى، مىللىيكادىرلار سىياسىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشسىياسىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشسىياسىتى، مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق سىياسىتى، مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەت سىياسىتىقاتارلىقلار. بۇ سىياسەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭبۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى،يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مىللەتلەرسىياسىتىنى يولغا قويۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.
دىنىي جەھەتتىنقارىغاندا، شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايونبولۇپ، تۈرلۈك دىندىكىلەر ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشىپ، ئىناق ئۆتۈشۈپ، ھازىرغىچەداۋاملاشقان. نۆۋەتتە، زور كۆپ ساندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ئىسلام دىنىغائېتىقاد قىلىدۇ. ئىسلام دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دىنلار باراۋەرلىك،ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق روھىنى ئاساس قىلىدۇ، ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكىلەرنى،ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بارلىق كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەر قايسىدىنلارنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىسلام دىنىنىڭمۇقەددەس ئەسىرى ــ «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس»تە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىتنۇرغۇن مەزمۇنلار بار. مەسىلەن، («ئېھ ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئەر، بىر ئايالدىنياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق». (ــ«قۇرئان كەرىم» 49 – سۈرە 13 – ئايەت). بۇ يەردە دېيىلگەن «نۇرغۇن مىللەت»نى «بىرقانچە مەزھەپكە ئايرىش» دېيىشكىمۇ بولىدۇ ھەمدە ئاللاھ ئىنسانلارنى ئوخشىمىغانمىللەتلەرگە ئايرىش شەكلى ئارقىلىق بىر قانچە مەزھەپكە بۆلگەن، دېيىشكە بولىدۇ.مىللەتكە ئايرىشتىكى مەقسەت ــ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ «ئۆز ئارا تونۇشۇش، ئۆزئارا سىردىشىش» ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتۈش – ئۆتەلمەسلىكىنىسىناشتىن ئىبارەت.
مۇھەممەدئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «مەزھەپچىلىكنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بىزنىڭھەرىكىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ؛ مەزھەپچىلىك ئۈچۈن جەڭ قىلغانلارمۇ بىزنىڭھەرىكىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ؛ مەزھەپچىلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارمۇ بىزنىڭھەرىكىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ». «ئەبۇ داۋۇت كىتابىدىن». بۇنىڭ مەنىسى:دۇنيادىكى كىشىلەر ئوخشىمىغان مىللەتكە ئايرىلغان، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىداپەرق بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ ئارازلىشىشى، بۆلگۈنچىلىك قىلىشى «قۇرئانكەرىم»نىڭ دىنىي ئەقىدىسىگە خىلاپ. شۇڭا، مىللەت، مەزھەپ ئايرىماي، ئۆز ئاراچۈشىنىش، ئىناق بىللە تۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئىتتىپاقلاشقىلى،ھەمكارلاشقىلى بولىدۇ. ئېتىقاد، مىللەت، ئۆرپ – ئادەتتە پەرق بولۇش سەۋەبلىك ئۆزئارا ئۆچەكىشىشكە، باشقىلارنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ھەمدە بۈگۈنگىچەتارقىلىپ كەلگەن ئەقلىيە سۆزلەر، ماقال – تەمسىللەردىنمۇ ھەر قايسى مىللەتخەلقلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، ۋەتەننى سۆيۈشكە بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىتولۇق ئىپادىلەنگەن.
(1) ئەقىل –پاراسەت ئاممىدىن، كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ. (خەنزۇ)
(2) پۇقرالارنىڭئىتىتپاق، ئىناق بولۇشى چەكسىز بايلىق، پۇقرالارنىڭ پارچىلىنىشى چەكسىز ئازاب –ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدۇ. (قىرغىز)
(3) پادىدىنئايرىلغان قوي يىراق كېتەلمەيدۇ، توپتىن ئايرىلغان كىشىنىڭ ئۆمۈرى كۆتە بولۇر.(تاجىك)
(4) يالغۇزيۈرگەن قوي بۆرىنىڭ يېمى. (رۇس)
(5) ھەممە بىرنىيەتتە بولسا يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق بولماس. (تاتار).
ئۇنىڭدىن باشقائۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق ماقال – تەمسىللەردىن:
(1) مىللەتلەربولسا ئىتىتپاق، تاپقۇسى دۆلەت روناق.
(2) ھەممەئورتاق تىرىشسا، تاغنىمۇ يۆتكىگىلى بولۇر.
(3) يالغۇزئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس.
(4)ئىتتىپاقلاشمىسا زاۋال تاپار، ئىتتىپاقلاشسا روناق تاپار.
(5) نىيەت خالىسبولمىسا، تۇرمۇش خاتىرجەم بولماس.
(5) ئىشئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە.
... ...
بارلىقئەمەلىيەت بىزگە مۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بەردى: غەربىي خەن سۇلالىسىدەۋرىدىن بۇيانقى 2000 نەچچە يىللىق تارىخىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەنشىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدا، شۇنداقلا شىنجاڭ بىلەن جۇڭگو چوڭ ئائىلىسىئارىسىدا بۇزۇلماس، بىرلىككە كەلگەن ئومۇمىي گەۋدە شەكىللەنگەن. بۇ، بارلىق دۈشم
展开阅读全文