收藏 分销(赏)

毛泽东的少年时期.doc

上传人:仙人****88 文档编号:9497224 上传时间:2025-03-28 格式:DOC 页数:10 大小:95KB
下载 相关 举报
毛泽东的少年时期.doc_第1页
第1页 / 共10页
毛泽东的少年时期.doc_第2页
第2页 / 共10页
点击查看更多>>
资源描述
7-يىللىق2-قىسىم تىل- ئەدەبىيات 1.ماۋزېدۇڭنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى فىلىپ شورت ماڭلاي يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى:ئايتىللا ئابلاجان 20 .2. 2017 1.ماۋزېدۇڭنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى فىلىپ شورت ئوقۇتۇش نىشانى: بىلىم – ئىقتىدار نېشانى: 1. تېكىسىتنى ئوقۇپ ئەسەر مەزمۇنىنى ئىگەللەش ئاساسىدا ماۋزېدۇڭنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ۋە ئۇنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى ئۈزىگە تەدبىقلاش. 2. ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى،ژانىرى توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش. 3.ئەسەردىكى يېڭى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىۋېلىش. 4.تېكىستنى ئوقۇش جەريانىدا ماۋزېدۇڭنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا يىتىلدۈرگەن مەنىۋىيتى ، پەزىلىتىنى ھىس قىلىش شۇنداقلا ئۈزىگە تەدبىقلاش. جەريان ئۇسۇل نېشانى: ئوقۇغۇچىلار ئەسەرنى ئوقۇش ، يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئىگەللەش ئەسەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش قاتارلىق جەريانلار ئارقىلىق ئاغىزاكى بايان قىلىش، مۇھاكىمە قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋالىدۇ. ھېسيات-پوزىتسىيە،قىممەت قارىشى جەھەتتە: بۇ سائەتلىك دەرىس ئارقىلىق ماۋزېدۇڭنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىكى شارائىت بىلەن ھازىرقى شارائىتنىڭ پەرقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئاساسىدا ھازىرقىدەك بەختىيار تىنىچ شارائىتنى قەدىرلەپ ، مەڭگۈ بوشاشماي ئۆزلىكسىز كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ،جاپادىن قورۇقماسلىق ،ئاددى - ساددا،كەمتەر ، تىرىشچان بۇلۇش،ماۋزېدۇڭنىڭ بىلىمگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى ۋە ئېسىل پەزىلىنى يىتىلدۈرۈش. مۇھىم نوقتا: 1. تېكىسىتنى ئوقۇپ ئەسەر مەزمۇنىنى ئىگەللەش. 2. ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى،ژانىرى توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش. قىيىن نوقتا : 1. تېكىستتىكى ماۋزېدۇڭغا مۇناسىۋەتلىك جانلىق ، ئوبرازلىق ، ئىنچىكە تەرەپلەرنى چۈشىنىش بىلەن بىرگە ماۋزېدۇڭنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ ئۇنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى ئۈزىگە تەدبىقلاش. 2. يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈش ئۇنى ئەمەلىيەتتە قوللىنالايدىغان بۇلۇش. ئوقۇتۇش قورالى: دەرىسلىك كىتاپ ،كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسى. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: يېتەكلەش،چۈشەندۈرۈش،مۇلاھىزە،خۇلاسىلەش ئۇسۇلى. تەييارلىق سىناق ۋە يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش: ساۋاقداشلار،بىزنىڭ تۇنجى ئەۋلاد رەھبىرىمىز كىم؟خەجلەۋاتقان پۇللىرىمىزنىڭ ئۈستىدە كىمنىڭ سۈرىتى بار؟ سىلەر ماۋزېدۇڭ توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىلەر؟ (ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بىرىپ باقىدۇ.) ئىكراندا ماۋزىدۇڭنىڭ تەرجىمھالى كۆرسىتىلىدۇ ھەمدە ماۋزېدۇڭ توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىلىدۇ. (ماۋزېدۇڭ 1893- يىلى 12- ئاينىڭ 29 – كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شاۋشەن ناھىيەسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . داڭلىق شائىر، خەتتات، ئۇلۇغ ماركىسىزىمچى، پورۇلتارىيات ئىنقىلابچىسى ، جۇڭگۇ دىمۇگراتىك ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىسى ، مەشھۇر سىياسىئون ، خەلقىمىزنىڭ داھىيسى ، يولباشچىسى ، خەلقىمىزنى ئازاتلىققا ، ئەركىنلىككە ئىرىشتۈرگۈچى ئۇلۇغ زات.) (ئوقۇغۇچىلارغا ئىكراندا ماۋزېدۇڭنىڭ يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ۋاقىتتىكى نەخ مەيدان كۆرۈنىشى قويۇپ بېرىلىدۇ.) بىزنى ھازىرقىدەك تىنىچ بەختىيار تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرۈپ ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئازادلىقى ، ئەركىنلىكى ئۈچۈن قان كىچىپ كۈرەش قىلغان ، جۇڭخۇا خەلىق جۇمھىرىيتىنىڭ تۇنجى داھىيسى يولداش ماۋزېدۇڭ قانداق قىلىپ مەشھۇر شەخىسكە ئايلاندى ؟ بۇ مەشھۇر شەخىس سىلەردەك ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزگەندۇ ؟ تۈۋەندە بىز ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ مۇخبىرى فىلىپ شورتنىڭ ماۋزىدۇڭنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. دەرىس تېمىسى ئىكراندا كۆرسىتىلىدۇ ۋە دوسكىغا يېزىلىدۇ. ئوقۇتۇش جەريانى: ئالدى بىلەن تېكىست ئوقۇلۇپ تېكىست ئىچىدىكى چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئىزاھلىنىدۇ. تېكىست ئىچىدىكى چۈشۈنىكسىز سۆزلەر: 1) ئەجنەبى ئالۋاستى __ چەتئەللىك تاجاۋۇزچى ، چەتئەللىك ئالدامچى ، چەتئەللىك بۇلاڭچىلار 2) خەندەك __ ئورەك ، چوڭ ۋە ئۇزۇن چوڭقۇرلۇق 3) بولشىۋېك __ لېنىن قۇرغان سوۋېت ئىتپاقى كومىنىستىك پارتىيسى ئىشلەتكەن ئاتالغۇ بولۇپ ، «كۆپ سانلىقلار » دېگەن مەنىدە . بۇ ئىسىم بولشىۋىك پارتىيسىنىڭ ئەزاسى ، كومىنىسىت دىگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ . 4) پومىشچىك __ كۆپ يەر ئىگىلىگەن كىشى ، يەر ئىگىسى . 5) توقۇنۇش __زىددىيەت،ئىختىلاپ،تالاشتارتىش. ئەكرەم بىلەن مىنىڭ ئوتتۇرۇمدا تۇقۇنۇش پەيدا بولغىلى خېلى بولدى. 6) ئۆرنەك __ نۇسخا ، شەكىل. 7) خاراپلىشىش __ زوراۋانلىققا يۈزلىنىش ، ۋەيران بولۇش. 8) سالنامە __ قەدىمدىن تارتىپ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان 116 تومدىن تەركىپ تاپقان جۇڭگونىڭ قەدىمى دەۋرىدىكى ئەسىرى. 9) لېبرالىستلار: تەشكىلسىز،پىرىنسىپسىز،شەخسىي مەنپەئەتنى تەكىتلەيدىغان. 10) ئىدارە قىلىش: باشقۇرماق،تەرتىپكە سالماق. 11) كاپىتالىزىم: كاپىتالىستلار ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى ئىگەللەيدىغان ھەم شۇنىڭ بىلەن ياللانما ئەمگەكنى ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان،قۇشۇمچە قىممەت شىلىۋالىدىغان ئىجدىمائى تۈزۈم. 12) يەكتەك __ ئالدى ئۇچۇق ، ياقىسىز تىكىلدىغان ئەستەرسىز يالاڭ چاپان. ئوقۇتقۇچى پائالىيتى: تېكىست ئىچىدىكى چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈپ بۇلۇپ ئوقۇغۇچىلارغا ئاپتۇر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىلىدۇ. فىلىپ شورت: ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ مۇخبىرى.ئۇنىڭ « ئەجدىرھا بىلەن ئېيىق-جۇڭگۇ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتى»،«ماۋزىدۇڭنىڭ تەرجىمھالى» ناملىق كىتابى بار. بۇئەسەر ئۇنىڭ«ماۋزىدۇڭنىڭ تەرجىمھالى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان. ئوقۇتقۇچى پائالىيتى: 1. ماۋزېدۇڭنىڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىشىنى دەسلەپتە دادىسى قوللىغانمۇ؟ ماۋزېدۇڭنىڭ دادىسىنى قايىل قىلىپ ئوقۇشقا كىرگىنى قانداق مەكتەپ ئىدى؟ ئوقۇغۇچىلار جاۋابى: ....... يەكۈن: قۇشۇلمىغان ، ئۇ غەرىپچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان زامانىۋى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ. 2.ماۋزېدۇڭنىڭ دادىسىنى قايىل قىلىپ زامانىۋى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەنلىكى ئۇنىڭ قايسى تەرىپىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ؟ ئوقۇغۇچىلار جاۋابى: (ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئوي-پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتىدۇ) يەكۈن:ماۋزېدۇڭنىڭ بىلىم ئېلىشقا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان،چەتئەلنىڭ يېڭى بىلىملىرىنى ئۈگۈنۈش،ئىگىلمەس، سۇنماس،قەيسەر ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. 3. ماۋزېدۇڭ بۇ مەكتەپكە دەسلەپ كىرگەندە قانداق بېسىمغا يولۇقتى؟ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى يىڭىشكە ياردەم بەرگىنى نېمە؟ ئوقۇغۇچىلار جاۋابى: (ئوقۇغۇچىلار تىكىستكە ئاساسەن ئوي-پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتىدۇ.) يەكۈن: ماۋزېدۇڭ دائىم ئاددى - ساددا كىيىنىدىغانلىقى شۇنداقلا شاڭشىياڭلىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن باشقا ساۋاقداشلىرى ئۇنى كۆزگە ئىلمىدى ۋە ياقتۇرمىدى بۇ سەۋەپتىن ماۋزېدۇڭ روھى جەھەتتە ئېغىر بېسىمغا يۇلۇققان. ماۋزېدۇڭنىڭ تىز پۈكمەس ئىرادىسى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى يىڭىشكە ياردەم بەردى. 4. «ماۋزېدۇڭنىڭ بەزى ئەيىبلىرى بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ياخشى تەرەپكە قاراپ راۋاجلاندى» دېگەن جۈملىدىكى « ياخشى تەرەپكە قاراپ راۋاجلىنىش » تاكىشىلىك ھاياتتىكى قانداق مۇھىم مەسىلە كۆزدە تۇتۇلغان ؟ ئوقۇغۇچىلار جاۋابى: (ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئوي-پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتىدۇ) يەكۈن: ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بۇلىدۇ . ماۋزېدۇڭمۇ شۇنداق. بۇ يەردىكى ياخشى تەرەپكە قاراپ راۋاجلىنىش كىشىلىك ھاياتتىكى ئىرادىسى مۇستەھكەم بولغاندىلا ،ئۆزلىكسىز كىتاپ ئوقۇپ روھىيتىنى بېيىتقاندىلا،ئۆزىدىكى روھى كەمچىلىكلەرنى ، يىتەرسىزلىكلەرنى تۈزەتكىلى بۇلىدىغانلىقى كۆزدە تۇتىلغان. 5. ماۋزېدۇڭنىڭ چاڭشادىكى ئوقۇش ھاياتىنى يازغاندا ئاپتۇر شۇ چاغدىكى مۇرەككەپ داۋالغۇپ تۇرغان خەلىقئارا ۋەزىيىتنى قوشۇپ يازغان. بۇنداق يېزىشنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى بار؟ ئوقۇغۇچىلار جاۋابى: (ئوقۇغۇچىلار بۇ سۇئالغا ماۋزېدۇڭنىڭ مۇشۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتتىمۇ جاپادىن قورىقماي ئۆگۈنىشنى بوشاشتۇرۇپ قويمىغانلىقى،ئۆزلىكسىزتىرىشچانلىق روھىغا ، يىمىرىلمەس ئىرادىگە ئىگە ... ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چۆرىدەپ جاۋاپ بەرسە بۇلىدۇ.) ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى: 6.ماۋزېدۇڭ ئۆلكىلىك1-ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن قانداق كىتاپلارنى قىزىقىپ ئوقۇغان؟ سىلەر ماۋزېدۇڭنىڭ كىتاپ ئوقۇشى ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن دەپ قارامسىلەر نېمە ئۈچۈن؟ ئوقۇغۇچىلار جاۋابى: (ئوقۇغۇچىلاركىتاپقا ۋە ئۆز تەپەككۇرىغا ئاساسەن جاۋاپ بىرىپ ئۆتىدۇ) ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى: (ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىغا تۇلۇقلىما بىرىپ خۇلاسە قىلىنىدۇ.) 7. ماۋزېدۇڭنىڭ ئوقۇش ھاياتى بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ ھازىرقى شارائىتىڭلارنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلار ، سىلەر مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا قانداق ئۈگىنىشىڭلار كىرەك؟ ئوقۇغۇچىلار جاۋابى: (ئوقۇغۇچىلار بۇ سۇئالغا دەۋىر شارائىتى،ئوقۇش شارائىتى،ھازىرقى مائارىپنىڭ ئەۋزەللىكى، ئوقۇش، كىتاپ، تاماق ھەقسىز، مەكتەپ فورمىسى... قاتارلىق جەھەتلەردىن سېلىشتۇرۇپ پىكىر بايان قىلسا بۇلىدۇ.) ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى: (ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىغا تۇلۇقلىما بىرىلىدۇ) 8) ئەسەرنىڭ ژانىرى نېمە؟ ئوقۇغۇچىلار جاۋابى:........ يەكۈن : ئەسەر ئەدەبى تەرجىمھالغا تەۋە. ئەدەبى تەرجىمھال __ مەلۇم شەخىسلەرنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرى،ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئارقا كۈرۈنىشى ئوبرازلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئەكىس ئەتتۈردىغان ئەسەر . نىشانغا يىتىش سىناق سۇئاللىرى: 1-سۇئال: بوش ئۇرۇننى تولدۇرۇڭ؟ 1 . « ماۋزېدۇڭنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى » ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى( ) ئۇ ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ ( ) بۇ ئەسەر ئۇنىڭ ( ) ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان. 2.ماۋزېدۇڭ ( )-يىلى( )ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. ئەسەرنىڭ ژانىرى ( ) غا تەۋە. 2-سۇئال: توغرا-جاۋاپنى تاللاڭ؟ 1.ماۋزېدۇڭ ئاتىسىنى قايىل قىلىپ ئوقۇغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ( ) چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشىنى ئاساس قىلغان مەكتەپ ئىدى. .A . ئەدەبىيات مەخسۇس كۇرسى ئىدى. B غەرىپچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قوللانغان «زامانىۋى» مەكتەپ ئىدى. .C 2. ئۆلكىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئۇنى ئوقۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرغان كىتاپ ( ) «قانۇن روھى». .A ھەر قايسى دەۋرلەردىكى پادىشاھلار تەستىق سالغان ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەك B لىرى توپلىمى. . « ئەسلى بايلىق ». C تاپشۇرۇق: 1.مەشىق دەپتەر 1-2-بەتتىكى مەزمۇنلارنى تولۇق ئىشلىپ كىلىڭلار. 2.ماۋزېدۇڭنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۈزىڭىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىڭىزنى يېزىپ چىقىڭ؟ دوسكا لايىھىسى: 1-دەرىس : ماۋزېدۇڭنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى فىلىپ شورت 1. ئەجنەبى ئالۋاستى __ 2) خەندەك __ 3) بولشىۋېك __ 4) پومىشچىك __ 5) سالنامە __ دەرىستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش: دەرىس تەييارلىغۇچى: قاراقاش ناھىيە ماڭلاي ئوتتۇرا مەكتەپتىن:ئايتىللا ئابلاجان 2017.2.20
展开阅读全文

开通  VIP会员、SVIP会员  优惠大
下载10份以上建议开通VIP会员
下载20份以上建议开通SVIP会员


开通VIP      成为共赢上传
相似文档                                   自信AI助手自信AI助手

当前位置:首页 > 教育专区 > 小学其他

移动网页_全站_页脚广告1

关于我们      便捷服务       自信AI       AI导航        抽奖活动

©2010-2025 宁波自信网络信息技术有限公司  版权所有

客服电话:4009-655-100  投诉/维权电话:18658249818

gongan.png浙公网安备33021202000488号   

icp.png浙ICP备2021020529号-1  |  浙B2-20240490  

关注我们 :微信公众号    抖音    微博    LOFTER 

客服