资源描述
晒课课时教学设计
سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى
伊宁市第五中学
维语文组:祖米拉提.吾斯曼
13–دەرىس بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار
مېي تاۋ
(چۈشەندۈرۈش ماقالىسى )
ئالدىن سىناق سوئالى :
1. بىئولوگىيە قانداق پەن ؟ ‹ تاجاۋۇزچى › دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە ؟
2. بۇ دەرىستىكى بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار نېمىنى كۆرسىتىدۇ ؟
ئوقۇتۇش نېشانى
بىلىم نېشانى :
1. ‹ بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار › نىڭ زادى نېمىلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ، قانداق يول بىلەن ئېكولوگىيىلىك موھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش .
2. بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلارنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يېتىش .
ئىقتىدار نېشانى :
1. بۇ ئەسەردە قوللىنىلغان چۈشەندۈرۈشنىڭ ئوسۇللىرىنى تاپالايدىغان بولۇش .
2. بىئولۇگىيىلىك تاجاۋۇزچىلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىش سەۋەبىنى كۆپ تەرەپتىن تەھلىل قىلالايدىغان بولۇش .
ھېسسىيات –پوزىتسىيە نېشانى :
1. ئېكولوگىيە مەسىلىسىدىكى ھەربىر مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىش .
2. ئېكولۇگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئولىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش .
ئوقۇتۇش جەريانى :
ئېكراندا بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلارنىڭ كۆرسەتمىلىك رەسىملىرىنى بېرىمەن ۋە ئەتراپىمىزدىكى بېئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلارنىڭ زادى نېمىلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرىمەن .
سوئاللار :
1. بۇ ئەسەردە بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلارغا قايسى ھايۋان ۋە ھاشارەتلەرنى مىسال كەلتۈرگەن ؟
2. بۇ بېئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار قانداق يوللار بىلەن باشقا جايغا يېتىپ بارالىدى ؟
3. بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار ئىنسانىيەتكە قانداق زىيانلارنى كەلتۈرىدۇ ؟قانداق يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ ؟
4. بۇ ئەسەردە ئاپتۇر بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار ۋە ئۇنىڭ زېيانلىرىنى چۈشەندۈرۈشتە چۈشەندۈرۈشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرىنى قوللانغان ؟ ئەسەردىن مۇناسىۋەتلىك جۈملە ۋە پارچىلارنى تېپىڭ .
چۇشەندۇرۇش ماقالىسى – مەلۇم بىر شەيئىنىڭ ھالىتى ، خاراكتىرى ، خۇسۇسىيىتى ، ئىشلىنىشى ، ئىچكى مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنى چۇشەندۇرۇپ بىرىدىغان ماقالىلەرنى كۆرسىتىدۇ
چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى : مىسال كەلتۈرۈش ، سانلىق مەلۇمات كەلتۈرۈش ، ئېنىقلىما بېرىش ، ئوخشىتىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ، تۈرگە ئايرىش، قىستۇرما رەسىم
5.بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلارنىڭ كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي زېيىنى قانچىلىك ؟ مۇشۇ زىيانلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قانداق قارار لاھىيەسىنى بېكىتتى ؟
6.بەزىلەر بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلارنىڭ كۆپىيىشىنى گۈللىنىۋاتقان خەلقئارالىق سودىدىن كۆرىدىكەن سىزمۇ موشۇ قاراشقا قوشۇلامسىز ؟نېمە ئۈچۈن ؟
مۇھىت بولغىنىشى ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى مۇھىت مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك قىسقا فىلىم قويۇپ بېرىمەن .
7. ئۇنداقتا بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلارنىڭ كۆپىيىشىدىكى تۈپكى سەۋەب نەدە ؟
8. ئىنسانلارنىڭ ئاچكۆزلۈكى ۋە شەخسىيەتچىلىكى ئاقىۋەتتە ئۆز-ئۆزىنى ۋەيران قىلىشمۇ قانداق ؟
9. ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا ئىنسانلارنىڭ مەسئولىيىتى بارمۇ يوق ؟نېمە ئۈچۈن ؟
10. سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا قانداق مۇھىت مەسىلىلىرى مەۋجۈت ؟
11. مەكتەپتىكى مۇھىت مەسىلىلىرىنى پەقەت مەكتەپ تۈزۈمى ، جەمىيەتتىكى مۇھىت مەسىلىلىرىنى پەقەت مۇھىت قانۇنى ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولامدۇ ؟ كىشىلەرنىڭ قەلبى بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ –يوق ؟
خۇلاسە :
بىئولوگىيىك تاجاۋۇزچىلارنىڭ كۈندىن –كۈنگە كۆپىيىشى ئىنسانلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە مۇھىتنىڭ بولغىنىشىدىن بولغان شۇڭا ھەر بىرىمىز ئالدى بىلەن توغرا بولغان مۇھىت قارىشىنى تىكلىشىمىز كېرەك . ھەربىرىمىز ئىشنى ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلايلى .
تاپشۇرۇق :
سىز ‹ بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچى ›دەپ قارىغان مەلۇم ھاشارەت ياكى ھايۋان ( چۈمۈلە ، چاشقان... ) دىن خالىغان بىرنى تاللاپ ئۇلارنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرگەن زىيانلىرى ،ئۇلارنى يوقىتىش تەدبىرلىرى ، مۇھىت ئاسراش نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ بىر پارچە قىسقا فانتازىيەلىك ئەسەر يېزىڭ .
تولۇقلاش سۇئالى :
بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار ھەريىلى ئىنسانلارغا قانچىلىك زىيان ئېلىپ كېلىدۇ ؟
سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا ھەر يىلى سىرىتتىن كىرگەن بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادى زىيان 150مىليارد ئامرىكا دوللىرىغا ،ھىىندىستاندا 130مىليارد ئامرىكا دوللىرىغا،جەنۇبى ئافرىقىدا 80مىليارد ئامرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.
دۆلىتىمىزدە بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئقتىسادى زىيان ھەقىقەتەن كېشىنى چۆچىتىدۇ . ھەر يىلى سىرىتتىن كىرگەن بىرنەچچە خىل بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادى زىيان 57مىليارد 400 مىليون خەلق پۇلىغا يېتىدىكەن .
بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلارنىڭ دولىتىمىزگە ئېلىپ كەلگەن ئومۇمى ئىقتىسادى زېيىنى زادى قانچىلىك ؟جوڭگو مۇھىت ۋە تەرەققىيات خەلقئارا ھەمكارلىق كومتىتىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە : ئامېرىكىدىنمۇ زور ئىكەن
展开阅读全文