收藏 分销(赏)

辅导材料初中语文.doc

上传人:xrp****65 文档编号:7951069 上传时间:2025-01-28 格式:DOC 页数:43 大小:114KB 下载积分:10 金币
下载 相关 举报
辅导材料初中语文.doc_第1页
第1页 / 共43页
辅导材料初中语文.doc_第2页
第2页 / 共43页


点击查看更多>>
资源描述
تۇلۇقسىز ئەدەبىيات قىسمىدىن مۇھىم نوقتىلار 1 .‹سىزگە ئىشىك ئېچىلدى › ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى جاۋلىخۇڭ . بۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئىشىك ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ . ئەسەردە ئۇنىڭ ئىنسانلارغا بولغان تەربىيلەش رولى، ئىستىتىكىلىق رولى ، پەرقلەندۈرۈش رولى قاتارلىقلار ئوبرازلىق بايان قىلىنغان . ئەدەبىياتنى  يەنە كۆزنەك، دوست ،ئۇزۇق ،پەلەمپەي لەرگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ . مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق تەبىئەتنى ، جەمىيەتنى ، تارىخنى ، تۇرمۇشنى چۈشىنىمىز . ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئۇقۇش بىرخىل مەدەنىيەت ، ھېسيات ،ئەقىل ،بىلىم جۇغلاش جەريانىدۇر . 2. تاغلار ناملىق ئەسەرنىڭ ژانىرى لىرىك نەسىر ،ئاپتورى خالىدە ئىسرائىل ئاپتور بۇ ئەسەردە ئوخشىتىشتىن ئىبارەت ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تاغنى ئوبرازلىق تەسۋىرلىگەن .شۇ ئارقىلىق  ۋەتەنگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن .ئارغۇ بۇلاق دىگەن سۆز ئىككى تاغ ئارىسىدىكى بولاق دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . بۇ ئۇرۇمچى – قەشقەر تاشيولىنىڭ توقسۇن بۆلىگىدىكى تاغنى كۆرسىتىدۇ . 3. ‹ئەينەك ›ناملىق ئەسەرنىڭ ژانىرى شېئىر ،ئاپتورى ئارسلان . بۇ ئەسەردە ئەينەكنى ھەقىقەتكە سىمۇۋۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىشلىك ھايات ھەققىدىكى قىممەت قارىشىنى تۇلۇق ئىپادىلەپ بەرگەن . 4. ‹نورماندى ناملىق پاراخوتنىڭ خەتەرگە يۇلۇقۇشى › ناملىق ئەسەرنىڭ ژانىرى ھېكايە ، ئاپتورى ھىيۇگۇ ،ئۇ فىرانسىيىنىڭ مەشھور يازغۇچىسىدۇر .بۇ ئەسەردىكى ۋەقەلىك 1870 – يىلى يۈز بەرگەن بۇلۇپ ،ئەسەردىكى ئاساسىي پىرسۇناژ كاپىتان خارۋېر ،ھادىسىگە ئۇچرىغان پاراخوتتا ئەينى چاغدا 61 ئادەم بار ئىدى . 60 ئادەم قۇتقۇزۇلدى . مەردلەرچە قۇربان بولغان شەخس كاپىتان خارۋېر . بۇ ئەسەردە يۈكسەك ئادىمىيلىك خىسلەت مەدھىيلەنگەن .                    5. ‹مىنىڭ ئەقىدەم › ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى مارى كىيۇرى ،ئۇنىڭ يەنە بىر ئىسمى كىيۇرى خانىم ، ئەسلى پولشالىق بۇلۇپ كىيىن فىرانسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن .پارىژ ئۈنۋېرسىتىنىڭ تەبىئىي پەنلەر دوكتورى .ئۇ فىزىكا ۋە خىمىيە پىنى بۇيىچە ئىككى قېتىم نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن . دۇنيادا تېخى ھېچقانداق ئالىم بۇنداق شەرەپكە نائىل بۇلۇپ باقمىغان . 6.‹ پۇلات قانداق تاۋلاندى ›ناملىق رومان داڭلىق سوۋېت يازغۇچىسى نىكولاي ئوۋىستىرۋىسكىنىڭ داڭلىق رومانى بۇلۇپ ،ئاپتور ئوكرائىنادىكى بىر ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .بۇ روماننى ئاپتور 1927 – يىلدىن باشلاپ يازغان .1935- يىلى رومان پۈتكەندە يازغۇچى لىنىن ئوردىنىغا ئېرىشكەن .ئەسەردىكى ئاساسلىق پىرسۇناژ پاۋىل كورچاگىن .يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتى يۈكسەك ئىدىيىۋىلىككە ۋە جەڭگىۋارلىققا ئىگە .كىيىن بۇ رومان جوڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن سۆۋېت ئىتپاقىدا كىنو قىلىپ  ئىشلەنگەن .                 7.‹  مەشرەپ ›ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئابدۇكىرىم راخمان .ژانىرى  چۈشەندۈرۈش ماقالىسى .ئەسەردە يەرلىك مەشرەپلەر ئىچىدە بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئوتتۇزئوغۇل مەشرىپى بىلەن دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ‹دولان مەشرىپى › تۇنۇشتۇرۇلغان . مەشرەپ بىگى – مەشرەپنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ .يىگىتۋېشى – مەشرەپنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگىۈچىسى بۇلۇپ مەشرەپ پائالىيىتىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ .كۆلبىگى – مالىيە ئىقتىسادىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ . دارىگەي بىگى – مەشرەپنىڭ كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئول .پاششاپ – مەشرەپنىڭ ئىنتىزام باشقۇرغۇچىسى . 8. قارلىق ئۇيۇنى – ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئىچىش ئۇيۇنلىرىدىن بىرى بۇلۇپ ،تۇنجى قار ياغقاندا ئوينىلىدۇ . ‹قارلىق ئۇيۇنى › ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئابدۇرىھىم ھەبىبۇللا بۇلۇپ ،ئەسەر ژانىرى – چۈشەندۈرۈش ماقالىسى . 9. ‹نۇرۇزنامە › ناملىق ئەسەرنىڭ ژانىرى – شېئىر بۇلۇپ ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مۇخەممەس (بەشلىك ) شەكلىدە يېزىلغان .ئاپتورى روزى سايىت .بۇ شېئىردا نۇرۇز مەۋسۇمىدىكى ئۆزگىرىشلەر تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزگە ۋارىسلىق قىلىش مەدىھلەنگەن .نۇرۇز پارسچە ئاتالغۇ بۇلۇپ يىڭى يىل كۈنى ،باش باھار يامغۇرى دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ ، ھەر يىلى 21- مارت كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان تەبىئەت بايرىمىدۇر . 10 . ‹باھار ›ناملىق ئەسەرنىڭ ژانىرى لىرىك نەسىر ،ئاپتورى جۇزىچىڭ .ئەسەردە جانلاندۇرۇش ۋە ئوخشىتىشتىن ئىبارەت ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ باھارغا بولغان مەدىھيىسى ئىپادىلەنگەن . 11. ‹كەچكۈز لىرىكىسى ›ناملىق ئەسەرنىڭ ژانىرى تەبىئەت لىرىكىسى بۇلۇپ ئاپتور بۇ شېئىرنى مۇرەببە شەكلىدىن پايدىلىنىپ يازغان .شېئىردا شائىرنىڭ ئانا يۇرتى ۋە ئانا سەھراسىغا بولغان مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن .ئاپتورى قۇربان بارات . 12. ‹شەيئىنىڭ توغرا جاۋابى بىرلا ئەمەس › ناملىق ئەسەر مۇھاكىمە ماقالىسى بۇلۇپ .ئاپتورى روگافى ئىنگىن . مەركىزى نوقتىنەزەرى – شەيئىنىڭ توغرا جاۋابى بىرلا ئەمەس . 13.تۇرپان كارىزلىرى ناملىق ئەسەر ژانىر جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش ماقالىسى . ئاپتورى ۋەلى كىرىم كۆكئالىپ . ‹كارىز › ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بۇلۇپ كولانغان جاي ، قۇدۇق دىگەن مەنىنى بىلدۈىدۇ .ئۇ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ھەم مەدەنىيەت قۇرۇلىشىدىكى بۈيۈك ئابىدە .تۇرپان ۋادىسىكى كارىزلارنىڭ ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4000-5000 كىلومىتىر كىلىدۇ .ھەر بىر كارىز قۇدۇقىنىڭ ئارىلىقى 20 -30 مىتىر ئەتراپىدا بۇلىدۇ . 13. ‹تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ › ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئەسئەت سۇلايمان بۇلۇپ ، مۇھاكىمە خااركتىرلىق ئەسەرگە كىرىدۇ .بۇ ئەسەردە ئاپتور بالىلارغا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلىپ ياشاش ، تەبىئەت دۇنياسىنى ئاسراش ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان . 14. ‹ يەتتە تال بىرلىيانىت › ناملىق چۆچەكنىڭ ئاپتورى لىف تولىستوي بۇلۇپ ،ئۇ روسىينىڭ داڭلىق يازغۇچىسى . بۇ ئەسەردىكى سوغا خاسىيەتلىك بۇلۇپ ئۇنىڭ خاسىيىتى ئۆزگىرەلەيدىغانلىقىدا .ئاپتور بۇ ئەسەردە ياخشى نىيەت ،شەخسىيەتسىزلىك ، كۈيۈمچانلىقنىڭ ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى يارىتىدىغانقىنى كۆرسەتكەن .ھەمدە چوڭ ئېيىق يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى چۆچەك شەكلىدە چۈشەندۈرگەن . 15. ‹پادىشاھنىڭ يىڭى كىيىمى › ناملىق ئەسەر ژانىر جەھەتتىن  چۆچەك بۇلۇپ ، ئاپتور دانىيىنىڭ مەشھور چۆچەك يازغۇچىسى ئاندىرسون .ئۇنىڭدا پادىشاھنىڭ ياسانچۇقلۇقى، ئەخمەقلىقى ۋەزىرلەرنىڭ خوشامەتكۇيلۇقى ، ساختىپەز، مەككارلىقى پاش قىلىنىپ تەنقىدلەنگەن . 16. ئۇلۇغبەگ ناملىق ئەسەر شۇ ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىنغان.ئاپتورى ئابدۇقادىر جالالىدىن . مۇھەممەد تاراغاي ئۇلۇغبەگ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 14- 15 –ئەسىرلەر ئارىلىقىدىكى كەنجى ئويغىنىش دەۋرىدە  ئۆتكەن مەشھور ئاستىرونۇم ۋە تۆمۈرىيلەر ئىمپىرىيىسىنىڭ پادىشاھى . ئۇ تەخت تالىشىش كۆرىشىدە ئۆز ئوغلى ئابدۇللەتىف تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان .ئۇنىڭ ئىككى بۈيۈك ئابىدىسى –ئولۇغبەگ مەدرىسى بىلەن ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسى دۇر. رەسەتخانە – ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىدىغان ئورۇن . 17 .‹مۇزىكا پىشۋاسى بىتخوۋېن –گىرمانىيىنىڭ مەشھور كومپوزىتۇرى  . ئاڭلاش سىزىمنى يوقاتقان بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ‹دالا سىمفۇنىيىسى › ۋە ‹تەغدىر سىمفۇنىيىسى› ناملىق داڭلىق ئەسەرلىرى بار .   18. ‹بۈيۈك بۇدا ئالىم كومراجىۋا › ناملىق ئەسەر تەزكىرە تەرجىمھال خاراكتىرلىك ئەسەر بۇلۇپ ،ئاپتورى ئۆمەر ھەسەن بوز قىر ، بۇ تەرجىمھالدا بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلىمىزگە تۇنۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان شەخىس كومراجىۋانىڭ ھاياتى تۇنۇشتۇرۇلغان .كومراجىۋا مىلادىيە 344- يىلى كۇچا (كۆسەن )دە تۇغۇلغان .ئاتىسى كوماراتان ھىندىستانلىق ، ئاپىسى جىۋا كۆسەنلىك ئىدى .تەپسىر – مەنىسىنى ئىزاھلاش دىمەك . 19 .‹مەشھور مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندى ›ناملىق ئەسەر ژانىر جەھەتتىن تەزكىرە تەرجىمھالغا كىرىدۇ .ئاپتورى سەيپىدىن ئەزىزى .مەمتىلى ئەپەندى 1934- يىللاردا ئاتۇشتا كۈتۈرۈلگەن يىڭى مائارىپچىلىق ھەركىتىنىڭ  باشلامچىسى ،تالانتلىق تەشكىلاتچى ، ئوت يۈرەك شائىر ۋە كومپۇزىتۇر .بۇ تەزكىرىدە ئۇنىڭ بارلىقىنى خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاش روھى ، قىينچىلىقنى يىڭىشتىكى جاسارىتى ۋە پاراسىتى مەدىھلەنگەن .خەلقىمىزدە  بۇ خىل روھ ئۇنىڭ تەخەللۇسى بىلەن تەۋپىق روھى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە . 20 .‹ئېغىر كۈنلەردە›ناملىق ئەسەر ئۆمەر مۇھەممىدىنىڭ ئەسىرى ،ژانىرى ھېكايە  ئەسەردە مەننىڭ  بىشىدىن ئۆتكەن ئىچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق كونا جەمىيەتتىكى ناھاقچىلىك ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى شىكايىتى ۋە ئاتا- ئانىسىغا ھەمدەمدە بولالماسلىقتەك ئېچىنىش ھىسياتى ئىپادىلەنگەن . 21. ‹ئۇيغۇر مىڭئۆيلىرى ›ناملىق ئەسەر داڭلىق تەتقىقاتچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ چۈشەندۈرۈش خاراكتىرلىق ئەسىرى . مىڭئۆيلەر 2000يىللىق تارىخقا ئىگە .ئۇيغۇر مىڭئۆيلىرى بىناكارلىق سەنئىتى ۋە مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى بۈيۈك مۆجىزە . 22. ‹ئاپاق خوجا مازىرى › ناملىق ئەسەر چۈشەندۈرۈش ماقالىسى بۇلۇپ ،ئاپتورى راھىلە داۋۇت ئەلچىن .بۇ مازار  -ئىسلام دىنى ئاق تاغلىقلار مەزھىپىنىڭ قەشقەردىكى پىشۋاسى ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ مازىرى بۇلۇپ، قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان يېزىسىدا .ئۇ يەنى ھەزرەت مازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .تىپىك ئىسلام بىناكارلىق ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن . 23. ۋېرسال سارىيى ناملىق ئەسەر تىپىك چۈشەندۈرۈش ماقالىسى ، ۋېرسال سارىيى پارىژغا يىقىن ۋېرسال بازىرىغا جايلاشقان بۇلۇپ ،فىرانسىيە پادىشاھى لۇئى 14 دەۋرىدە،يەنى  1689- يىلى پۈتكۈزۈلگەن، 300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. 24. ‹زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقى › ناملىق ئەسەر چۈشەندۈرۈش ماقالىسى ، ئاپتورى مەشھور ئارخىلوگ ئابدۇقەييۇم خوجا . بۇ قەبرە تەكلىماكان بويىدىكى چەرچەن ناھىيىسىدىن تىپىلغان بۇلۇپ ،3000 يىللار بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەبرىگاھ قۇرۇلىشى ، يۇڭ تۇقۇمىچىلىق ھۆنەر سەنئىتى ، كىيىم – كىچەك مەدەنىيىتىنى ئالەمگە نامايەن قىلدى. 25 . ئىنسانىيەت ئۈچۈن 5000 يىللىق خالىس ئىشلىگەن ئۇلۇغ ،خاسىيەتلىك تۆگىنىڭ ‹چۆل كىمىسى › دىگەن چىرايلىق نامى بار .ئىنسانلار ئۆگەتكەن ئۆي  تۆگىسىنىڭ ئەجدادى ياۋا تۆگىدۇر .ئۇلار ئەڭ دەسلەپتە بۇنىڭدىن 3000 يىللار بۇرۇن ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆگىتىلگەن .ياۋا تۆگە ئۆي تۆگىسىدىن ئۇرۇق ، ئىگىز ،پۇتلىرى ئۇزۇن ھەم ئىنچىكە، تۈكلىرى شالاڭ ھەم يىرىك بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە .بۇ پارچە ئېلىنغان ئەسەر ساتتار سالىخ نىڭ قوش لوكىلىق ياۋا تۆگە ناملىق چۈشەندۈرۈش ماقالىسىدۇر .   26. كەلىلە ۋە دىمىنە ناملىق كىتاپ ھىندى ئەدەبىي تىلى بولغان سانسىكىرت تىلىدا مىلادىيە 4- ئەسىردە رەسمىي كىتاپ بۇلۇپ شەكىللەنگەن . يەنە بىر نامى بەشنامە بۇلۇپ ،قەدىمكى چۆچەك ۋە مەسەللەر توپلىمىدۇر . بۇ كىتاپ ھازىرغىچە 40 تىن ئارتوق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان . 27 . ‹ئانا › نامىلىق شېئىرنىڭ ئاپتورى بوغدا ئابدۇللا بۇلۇپ ژانىر جەھەتتىن چاچما شئېرغا كىرىدۇ . چۈنكى بۇ شئىر مىسرالارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ، مىسرا تۈزۈلىشى ، كوپلىتلارغا بۆلىنىشى ،بۇغۇم سانى ۋە قاپىيلىنىشى جەھەتتىن بىر قەدەر ئەركىن يېزىلغان .   28 . بالا مىھرى ناملىق ئەسەر ھېكايە بۇلۇپ، ئاپتورى ياپونىيىنىڭ داڭلىق ھېكايە يازغۇچىسى  كاۋاباتا ياسۇنارى . ئەسەردە ئاساسلىق قىلىپ ئاتا- ئانىنىڭ بالىغا بولغان مىھرى – مۇھەببىتى تېما قىلىنغان . بۇ ھېكايىدىكى ۋەقەلىكنى ‹ ھەر بالىنىڭ ئوتى باشقا › دىگەن ماقال ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ . تۈگۈن –ئىسلزادە خانىمنىڭ نامرات كىشىنىڭ بالىسىنى بىقىۋېلىش ئارزۇسىنى ئېيتىشى .كولمىناتسىيە – ئاخىرقى قېتىم قىزىنى قايتۇرۋېلىشقا بارغان يىرى . يىشىم – بىر ئائىلىدىكى ئالتەيلەننىڭ جەم بولغانلىقى . 29 .يىراققا تارقالغان قۇڭغۇراق ئاۋازى ناملىق ئەسەر ئەختەم ئۆمەرنىڭ ھېكايىسى بۇلۇپ كىيىن پىلاستىكا قىلىپ ئىشلەنگەن .بۇ ئەسەردە ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى ئاساسلىق تېما قىلىنغان .شور توپا – توزلۇق توپا ، ماي تارتىپ – نارازى بۇلماق ، خاپا بولماق ،ئىزا تارتماق  دىگەن مەنىدە. .30.ئاغزاكىي ئالاقە جەريانىدا سۆزلىگۈچى بىلەن ئاڭلىغۇچى مەقسەتلىك ھالدا چىراي ئىپادىسى ، بەدەن قىياپىتى ، قول ھەركىتى ، نەزەر سېلىش  قاتارلىق تىلسىز ئامىللار ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ .كىشىلەر بۇنداق ئالاقىنى بەدەن تىلى ياكى ئىشارەت تىلى  دەپمۇ ئاتايدۇ .   بەدەن تىلى چوقۇم تەبىئىي ، يارىشىملىق ، مۇۋاپىق ، ماسلاشقان بولىشى كىرەك . 31 .‹مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى › ناملىق ئەسەر ژانىر جەھەتتىن ھىكايە  بۇلۇپ ،ئاپتورى نۇر روزى .ئەسەردە 3 ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋىردىكى شىنجاڭ خەلقىنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى     ئېلىپ  بارغان  كۆرەشلىرى دەۋىر ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان .ئەسەردە  موسا ئاكا ۋە مۆمىندىن ئىبارەت   ئىجابىي پىرسۇناژلار ۋە  مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان تەرتىپ مۇدىرى نۇسرەتتىن ئىبارەت سەلبىي پىرسۇناژلار تەسۋېرلەنگەن .ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ تۈگۈنى –مەكتەپتىكى  گومىنداڭ بايرىقىنىڭ   غالتەك تانىسىدىن چىقىپ كىتىپ يىرىم چىقىرىلغان ھالەتتە توختاپ قېلىشى . كولمىناتسىيە قىسمى  - مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تاپانچىسىنى چىقىرىپ مۆمىن ئدكىغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقى . يىشىمى- مۆمىننىڭ بايراق خادىسىنى سۇندۇرۇلغانلىقى ،بايراقنىڭ چىقىرىلمىغانلىقىدىن باشلاپ ئاخىرغىچە . 32.ئاخىرقى دەرس ناملىق ئەسەر فىرانسىيىنىڭ مەشھور يازغۇچىسى دائۇدىتنىڭ ئەسىرى ژانىرى ھېكايە .بۇ ئەسەردە ئانا تىلغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت ئارقىلىق يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ ئىپادىلەنگەن .ئەسەر فىرانسىيە – پىروسىيە ئۇرۇشىنى دەۋىر ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان .ھىكايىنىڭ تۈگۈنى – شاكىچىك فىرانىسنىڭ مەكتەپكە بارغىچە كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرى ۋە مەكتەپكە يىتىپ كىلىشى .راۋاجى – مەكتەپكە كەلگەندىن تاتىپ چۈشكىچە بولغان دەرسخانە ۋە مەننىڭ  كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەر .كولمىناتسىيە – خەنمەيىر ئەپەندىنىڭ ياشىسۇن فىرانسىيە دىگەن خەتنى دوسكىغا چوڭ قىلىپ يازغان يېرى . يىشىمى – دەرسنىڭ ئاخىرلىشىشى .خەنمەيىر ئەپەندىنىڭ تۇرۇپ قىلىشى .   33. سېغىندىم ۋەتەننى ئۇزاق سەپەردە ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى قۇربان بارات ،ژانىرى – شېئىر . 34. ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئىشلەتكەن، بىر قەدەر قوللىنىش ۋاقتى ئۇزۇن، قوللىنىش دائىرىسى كەڭرەك بولغان يېزىقلار سوغدى يېزىقى ، قەدىمكى تۈرك يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، خاقانىيە يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت  . 35. قەدىمكى تۈرك يېزىقى يەنە تۈرك – رونىك يېزىقى ۋە ئۇرخۇن – يىنسەي يېزىقى دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ . بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار 6- ئەسىردىن 9 – ئەسىرگىچە 300 يىلدىن ئارتۇق ئىشلەتكەن .40 ھەرپ ،بۇلۇپ 4 سۇزۇق تاۋۇش بار سۆزلەر ۋە جۈملىلەر بىر- بىرىدىن قوش چىكىت ئارقىلىق ئايرىلدۇ . بۇ يېزىقنىڭ يادىكارلىقلىرى – مەڭگۈ تاشلاردىن ئىبارەت . بارلىق مەڭگۈ تاش تىكىستلىرى مۇشۇ يېزىقتا قالدۇرۇلغان . 36 .قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى – سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن ئېلىپبەلىك يېزىق .بۇ يېزىقنى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەۋملەر 8- ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە 700 يىلدىن كۆپرەك ئىشلەتكەن .جۈملە ئاخىرغا قوش چىكىت قۇيۇلىدۇ .ئالتۇن يارۇق ، قۇتادغۇبىلىك (بىر قوليازما نۇسخىسى مۇشۇ يىزىقتا قالدۇرۇلغان )، ئۇغۇزنامە ، قىسسەسۇل ئەنبىيا ، سامىتۇ ئاچارىنىڭ تەرجىمھالى ،مايتىرى سىمىت دىراممىسى قاتارلىق ئەسەرلەر مۇشۇ يېزىقتا قالدۇرۇلغان .كىيىن بۇ يېزىق ئاساسىدا مۇڭغۇل ، مانجۇ ، شىبە قاتارلىق يېزىقلار ئىجاد قىلىنغان . 37 . خاقانىيە يېزىقى ( ئەرەپ ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ )- 10 – ئەسىردىن 14- ئەسىرگىچە قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىلار تىروتىرىيىسىدە قوللىنىلغان يېزىق بۇلۇپ ئەرەپ ئېلىپبەسىدىن 28 ھەرپ پارس ئېلىپبەسىدىن 4 ھەرپ ئېلىش ئارقىلىق ئىشلىتىلگەن . بۇ يېزىقتا تۈركىي تىللار دىۋانى ، ئەتەبەتۇل ھەقايىق ، قۇتادغۇبىلىك قاتارلىق ئىسىل ئەسەرلەر يېزىلىپ قالدۇرۇلغان . 38. چاغاتاي يېزىقى – خاقانىيە يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن يېزىق بۇلۇپ 13- ئەسىردىن تارتىپ 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى خالىقلەرنى ئورتاق يېزىقى بولغان .بۇ يېزىق چاغاتاي خانلىقى دەۋىردە ئىشلىتىلگەن بولغاچقا، شۇ خانلىق نامى بىلەن چاغاتاي يېزىقى دەپ ئاتالغان .بۇ يېزىق قوللىنىلغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ، دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ، قالدۇرۇلغان يازمىلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن باشقا يېزىقلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ . 39 . ئۇيغۇر ھازىرقى زامان يېزىقى 1930 – يىللاردىن باشلاپ قوللىنىشقا باشلىغان . 40. شام ناملىق ئەسەر سوۋىت ئىتتپاقى يازغۇچىسى سىمىنوف نىڭ ئەسىرى .ژانىرى ھېكايە . بۇ ئەسەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان .سوۋىت ئىتتپاقىنىڭ يۇگۇسلاۋىيىگە بىرىپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە نىمىس فاشىزىمغا قارشى ئېلىپ بارغان كۆرىشى تەسۋېرلەنگەن ئەسەر .بۇ ئەسەردە يۇگۇسلاۋىيىلىك ئانىنىڭ  ئۆز زىمىنىنى قوغداش ئۈچۈن ياردەمگە كەلگەن سوۋىت ئىتتپاقىلىق جەڭچىنىڭ جەسىدىنى دەپنە قىلىشدىن ئىبارەت ۋەقەلىكنى تەسۋىرلىگەن .شۇ ئارقىلىق موماينىڭ  يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىك  روھىنى مەدىھلىگەن . 41. بەش تال ئوق ناملىق ئەسەر ھېكايە بۇلۇپ ئاپتورى تۇردى سامساق . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئۇرۇشى ئاساسىي تېما قىلىنىپ ، نەمەلۇم قىزدىن كەلگەن خەتنى يىپ ئۇچى قىلىپ تۇرۇپ ،ئامما بىلەن جەڭچىلەرنىڭ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن كۈرەش قىلىشتەك قەيسىرانە روھىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن  .ھېكايە سىيۇژىتىنىڭ تۈگۈنى – گىمناستۇركا يانچۇقىدىن  نەمەلۇم قىزنىڭ خېتىنىڭ تىپىلىشى .كولمىناتسىيە قىسمى – شىخو ئۇرۇشىدا قىسىملارنىڭ شىۋىرغان كۈچۈيگەندە قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقى .يىشىمى – بەش تال ئوقنىڭ دەل قايىغا تەككەنلىكى .ئىستىرۇۋۇي – ھەربىي سەپ دىگەن مەنىدە .تۆش – ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ كۆكرەك قىسمىنى قوغداپ تۇرىدىغان
展开阅读全文

开通  VIP会员、SVIP会员  优惠大
下载10份以上建议开通VIP会员
下载20份以上建议开通SVIP会员


开通VIP      成为共赢上传

当前位置:首页 > 教育专区 > 初中语文

移动网页_全站_页脚广告1

关于我们      便捷服务       自信AI       AI导航        抽奖活动

©2010-2026 宁波自信网络信息技术有限公司  版权所有

客服电话:0574-28810668  投诉电话:18658249818

gongan.png浙公网安备33021202000488号   

icp.png浙ICP备2021020529号-1  |  浙B2-20240490  

关注我们 :微信公众号    抖音    微博    LOFTER 

客服