收藏 分销(赏)

真理之门.docx

上传人:仙人****88 文档编号:11234856 上传时间:2025-07-09 格式:DOCX 页数:7 大小:28.70KB 下载积分:10 金币
下载 相关 举报
真理之门.docx_第1页
第1页 / 共7页
真理之门.docx_第2页
第2页 / 共7页


点击查看更多>>
资源描述
«ئەتەبەتۇلھەقايىق»تىىن پارچىلار ئەخمەت بىننى مەخمۇت يۈكنەكى بىر سائەتلىك دەرىس لاھىيسى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىن: ئامانگۈل دولقۇن 2017-يىلى4-ئاينىڭ 5 -كۈنى «ئەتەبەتۇلھەقايىق»تىىن پارچىلار ئەخمەت بىننى مەخمۇت يۈكنەكى 2017-يىلى4-ئاينىڭ 5 -كۈنى بىلىم ۋە ماھارەت: ئاپتۇرىنىڭ ھاياتى پائالىيىتى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش. ئەسەرنىڭ ئەسلىسى بىلەن يەشمىسىنى سېلىشتۇرۇپ چۈشىنىپ ئوقۇش. ئەسەر ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش. يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ ئۆزلەشتۈرۈش. پارچىدا ئىپادىلەنگەن ئاساسلىق مەزمۇننى چۈشىنىپ ئۆزلەشتۇرۇش. جەريان ۋە ئۇسۇل: ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى تونۇشتۇرلىدۇ،ئەسەرنىڭ ئەسلىسى بىلەن يەشمىسى سېلىشتۇرلۇپ ئوقۇلىدۇ، يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات بىرىلىدۇ،ئەسەر ھەققىدى چۈشەنچە بېرىلىدۇ.ئەسەردە ئىپادىلەنگەن مەزمۇن تەھلىل قىلنىدۇ.مۇستەھكەملەش سۇئاللىرى ئوتتۇرىغا قوتۇلۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشەنچىسى چۇڭقۇرلاشتۇرىلىدۇ. ھېسسىيات پوزىتسىيە قىممەت قارىشى : راسىت سۆزلەش باشقىلارغا سەمىيمى مۇئامىلە قىلىش ،يالغىنچىلىق قىلماسلىقنىڭ گۈزەل ئەخلاق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش. موھىم نۇقتا:ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ،ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى ئەستە ساقلاش.يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ ئۆزلەشتۇرۇش، قىيىن نۇقتا:ئەسەرنىڭ ئەسلىسى بىلەن يەشمىسىنى سېلىشتۇرۇپ مەنىسىنى ئۆزلەشتۇرۇش،شئېرنى يادلىۋىلىش. موھىن قىيىن نۇقتىنى ھەل قىلىش جەريانى : ئالدى بىلەن ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىلىدۇ،ئەسەرنىڭ ئومومى مەزمۇنى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىدۇ.لىكسىيە شەكلىدە يەتكۈزۈلىدۇ،ئاندىن ئەسەرنىڭ ئەسلىسى بىلەن يەشمىسى سېلىشتۇرۇلۇپ ئوقۇلىدۇ،ئوقۇغۇچىلار چۈشىنەلمىگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسى ۋەبىر قىسىم سۆزلەرنىڭ قەدىمكى زامان تىلى ۋە ھازىرقى زامان تىلىدىكى مەنىسى سېلىشتۇرۇلۇپ چۈشەندۇرلىدۇ.قىسقا مۇلاھىزە سۇئاللىرى بويىچەئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزىگە تەشكىللىنىدۇ.ئوقۇغۇچىلارھەمكارلىشىپ ئۈگىنىدۇ،دەرىس مەزمۇنى ئومۇملاشتۇرلۇپ خۇلاسىلنىدۇ. دەرىس بايلىقى:دەرىسلىك يۇمشاق دىتالى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسى:  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ موھىملىقى    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش بولسادۆلەتنىڭ بىرلىكىنىڭ ئاساسى.ھەم جۇڭخۇامىللەتلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى ،شۇنداقلا مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقاائاشۇرۇش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.ھەر بىر پۇقرانىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيتى بار، باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومتىتى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلىق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى ، 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئىچىلغاندىن بۇيان ئىچكىرىدىكى 19ئۆلكە شەھەرشىجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىدى.شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئاممىسى بۇ ياخشى پۇرسەتنى قەدىرلەپ،مۆرىنى- مۆرىگە تىرەپ كۆرەش قىلىپ،بىرنىيەت -بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم سىپىلىنى قۇرۇپ چىقىپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى . . سىناق سۇئاللىرى:جاۋاب بېرىڭ 1.كىلاسسك ئەسەرلىرىمىزدىن قايسىلارنى بىلىسىز؟ 2. ئۇلاردا قانداق مەزمونلارنىڭ ئىپادىلەنگەنلىكىنى ئەسلىيەلەمسىز؟ 3. ئەڭ ئىسىل پەزىلەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ 4.مەھمۇد قەشقەرىنى تونۇشتۇرۇپ بېقىڭ يېڭى دەرسكە باشلاش «ئۆزۇمگەسۇئال»ناملىق ناخشا ئاڭلىتىلىپ سۇئال سوراش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىپ دىققىتى دەرسكە جەلىپ قىلىنىش ئاساسىدا دەرىس باشلىنىدۇ. دەرس مەزمۇنى ۋە ئوقۇتۇش جەريانى 1.ئەھمەد يۈكنەكى كىم؟«ئەتەبەتۇل ھەقايىق»قانداق ئەسەر؟ ئەھمەت يۈكنەكى قارا خانلار خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يەنى مىلادىيە 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 13-ئەسىرنىڭ باشلىرى ياشىغان مەشھۇر ئەما شائىر. ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى . ئۇ تەخمىنەن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياشىغان .ئۇنىڭدىن «ئەتەبەتۇلھەقايىق» (ھەقىقەتلەر بوسۇغىسى) ناملىق داستان مىراس قالغان . «ئەتەبەتۇلھەقايىق» 14 باب ، 484 مىسرادىن تەركىب تاپقان . ئۇنىڭغا كېيىنرەك باشقىلار تەرىپىدىن يەنە ئۈچ پارچە شېئىر قوشۇلۇپ 512 مىسراغا يەتكەن . داستاندا بىلىم ، ئەخلاق ، ئادالەت توغرىسىدىكى قاراشلار چىرايلىق بەدىئىي تىل ۋە مۇكەممەل شېئىرىي شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن . شائىر بىلىم ، ئىلىم – مەرىپەتنىڭ ئورنى ، رولى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر ، ئوبرازلىق پىكىر قىلغان . شائىر داستاندا ئەخلاق مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ توختالغان . ئۇ ئىلىم – مەرىپەتكە ، بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تىرىشقان كىشىلەرگە ، مەردلىك ، كەمتەرلىك ، كۆيۈمچانلىق ، ئادالەتلىك ، ئىنسانپەرۋەرلىك قاتارلىق ئىنسانىي خىسلەتلەرگە قىزغىن مەدھىيە ئوقۇيدۇ . بىلىمسىزلىك ، توخۇ يۈرەكلىك ، تەكەببۇرلۇق ، ۋاپاسىزلىق ، ئاچ كۆزلۈك قاتارلىق ئىللەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ يېڭى سۆزلەر بىلجرلاش- ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.ھەر بىر پۇقرانىڭ مىللەتلەر قالايمىقان سۆزلەش . چىركىن ـــ بۇلغانغان،مەينەت،رەزىللەشكەن،قارانىيەت،ئىپلاس. كېرەكسىز- قىممىتى يوق . قاماق: گۇناھكارلارنى سولايدىغان جاي، سولاقخانا، تۈرمە . پەزىلەت: كىشىلەردە بولىدىغان ياخشى خىسلەت، ياخشى سۈپەت . كونى-راستچىل تون ـــ ئالدى ئوچۇق،تۈز ياقىلىق،ئۇزۇن سىرتقى كىيىم. ئەگرىلىك- يالغانچىلىق، ناتوغرا يول .شىئىرنىڭ ئەسلىسى بىلەن يەشمىسىنى سېلىشتۇرۇپ ئۇقۇلۇپ مەزمۇن ئىگىلىتىلىدۇ. 3.تۈېەندىكى سۇئاللار ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بېرلىدۇ «ئەتەبەتۇل ھەقايىقتىن پارچىلار»ئوقۇپ قايسى نەسىھەتنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر ئىكەن دەپ قارىدىڭىز؟نىمە ئۈچۈن؟ (ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي جاۋاپلىرى ئاساس قىلىنىدۇ.) 3.تۆۋەندىكى پارچىنىڭ مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىڭ؟ كۇبلىتلار بويىچە تەھلىل قىلىش. بىلىملىكلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىن، (ئۇلار ) ئەڭ بىرىنچى پەزىلەت تىلنى تىزگىنلەش دەيدۇ. تىلىڭنى قاماقتا تۇتقىن،چىشىڭ سۇنمىسۇن. ئەگەر (ئۇ )قاماقتىن چىقىپ كەتسە چىشىڭنى چاقىدۇ. (تەھلىل يىتەكچىسى) بۇ پارچىدا تىلنى تېزگىنلەش،ئويلاپ گەپ قىلىش،ئويلاپ سۆزلەش،ئويلىماي قىلىنغان سۆزنىڭ ئادەمگە تۈرلۈك بەخىتسىزلىكنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن پۇت يۈگۈرىكى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرىكى باشقا ، 2 راستچىل بول،راستچىللىق قىل،راستچىل ئاتال، ئەگرىلىكنى قويۇپ، راستچىللىق تۇنىنى كىيگىن، كىيىملەرنىڭ ياخشىسى راستچىللىق تونىدۇر. (تەھلىل يىتەكچىسى) .راس سۆزلىسەڭ قۇتىلىسەن، يالغان سۆزلىسەڭ تۇتىلىسەن كىشىلەر سىېنى راستچىل ئادەم دەپ بىلسۇن. كىشىلەرنى راستچىل، سەمىمى بولۇشقا،بارلىق خىسلەتلەرنىڭ ئىچىدە راستچىللىقىنىڭ ئەڭ گۈزەل خىسلەت ئىكەنلىكى كۆرسۈتۈپ ئۆتۈلگەن. راستچىللىقنىڭ ئىنساننىڭ زىننىتى ئىكەنلىكى ئوتتۇرغا قويۇلغان. مەردلىكنىڭ تۇلىمۇ ئېسىل خىسلەت ئىكەنلىكى،بېخىللىقنىڭ ناچار خىسلەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىقشىلەرنى مەرد،سېخى بولۇشقا دەۋەت قىلغان. .شئېردا قانداق ئىددىۋې مەزمۇن ئوتتۇرغا قويۇلغان؟ شئېردا تېرىشىپ بىلىم ئىگەللەش،تىلنى جايىدا ئىشلىتىش، سەمىمى ،راستچىل بولۇش، راستچىل، سەمىمى بولۇش، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا راستچىل ، ھەققانىي بولۇش. سۆزلىگەندە گەپ سۆزگە دىققەت قىلىش، ئاغزىغا كەلگەننى دەۋەرمەسلىك، ئاقىىللارنىڭ توغرا پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئىددىيسى ئوتتۇرغا قويۇلغان مۇستەھكەملەش مەشىقى: سىزمۇدەپ بېقىڭ ئەخلاق پەزىلەت ھەققىدە ماقال-تەمسىللەرنى ئېيتىپ بېرىڭ تاپشۇرۇق: مەشىق تاپشۇرۇق35-36بەتنى ئىشلەپ كېلىش دوسكا لايىھىسى ‹‹ئەتەبەتۇلھەقايىق››تىن پارچىلار ئەھمەد يۈكنەكى 1 .ئەھمەد يۈكنەكى كىم؟«ئەتەبەتۇل ھەقايىق»قانداق ئەسەر؟ 2. ئەڭ ئىسىل پەزىلەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ تەستىقلىغۇچى پىكىرى: . دەرىستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش:
展开阅读全文

开通  VIP会员、SVIP会员  优惠大
下载10份以上建议开通VIP会员
下载20份以上建议开通SVIP会员


开通VIP      成为共赢上传

当前位置:首页 > 包罗万象 > 大杂烩

移动网页_全站_页脚广告1

关于我们      便捷服务       自信AI       AI导航        抽奖活动

©2010-2025 宁波自信网络信息技术有限公司  版权所有

客服电话:0574-28810668  投诉电话:18658249818

gongan.png浙公网安备33021202000488号   

icp.png浙ICP备2021020529号-1  |  浙B2-20240490  

关注我们 :微信公众号    抖音    微博    LOFTER 

客服