资源描述
مۇساپىرلار قاۋىقىدا
مەمتىمن ھۇشۇر
دەرس تىپى: يېڭى دەرس.
ئوقۇتۇش نىشانى:
1›بىلىم ۋە ماھارەت نىشانى - ئاپتور بىلەن تونوشۇش، چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنى ھەل قىلىش، باش پېرسۇناژ خارەكتېرى، تىل ۋە ھەرىكەت تەسۋىرىنىڭ رولى، جۈملە تەھلىلى.
2› جەريان ۋە ئۇسۇل - تېكىست ۋەقەلىكى ئاساسىدا كونكېرتنى تەھلىل قىلىش.
3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى-ساغلام خارەكتېر يېتىدۈرۈپ، ساختىلىقتىن، مەنمەنچىلىكتىن خالى تۇرۇش توغرىسىدا تەربىيىگە ئىگە قىلىش.
مۇھىم نۇقتا: باش پېرسۇناژ خارەكتېرى، تىل ۋە ھەرىكەت تەسۋىرىنىڭ رولى، جۈملە تەھلىلى.
قىيىن نۇقتا: تىل ۋە ھەرىكەت تەسۋىرىنىڭ رولى، جۈملە تەھلىلى.
ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك ھەم مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ئەسەرلەر توپلىمى، رەسىمى.
ئۇسۇل: تېكست ئاساسىدا پېرسۇناژنى بويلاپ ئىچكىرلەپ كىرىش.
مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۇسۇلى : ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ.
قىيىن نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۇسۇلى :كۇللىكتىپ بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ
ئۇقۇتۇش شەكلى:ئىلكتىرلىك
ئوقۇتۇش قۇراللىرى:دەرسلىك كىتاپ،تەييارلىق، ئىلىكتىرلىك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى،بارماق دىسك
يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش، ئوقۇتۇش جەريانى ۋە ئۇسۇلى:
ساۋاقداشلار، بىز ئالدىنقى سائەتتە جوڭگۇ ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نامايەندىسى بولغان « كىچىككىنە بىر ئىش » ناملىق ئەسەرنى ئوقۇپ تەھلىل قىلىغان ئىدۇق. ئەمدى بۇ سائەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نامايەندىللىرى بىلەن تۇنۇشۇشنى خالامسىلەر؟
يۇقىرىقى سوئال ئاساسىدا دەرىسخانا مۇھىتى يارىتىپ ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىمەن. دەرىس تىمىسىنى دوسكىغا يېزىپ قىسقىچە چۈشەندۈرگەندىن كىيىن ئەسەرنىڭ ئاپتورى مەمتىمىن ھۇشۇر توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىمەن.
مەمتىمىن ھۇشۇر:- بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇر 1944- يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1995- يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئىجات قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانى ھەم ئون پارچىغا يېقىن ھېكايە، پوۋېستلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغارن ۋە كەڭ كىتابخانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. «قىرلىق ئىستاكان»، «ساراڭ»، «چار خوراش» قاتارلىق بىر قىسىم ھېكايىلىرى يېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىپ، ئۇيغۇر تېلېۋېزىيە تىياتىرچىلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان ھەم چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغان.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
ئەسەرنىڭ ژانىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختالغاندىن كىيىن ئەسەر مەزمۇننى يىتەكلەش ئاساسىدا تىكىسىت مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرگەن ھالدا ئوقۇپ چىقىشقا تەشكىللەيمەن . ئاخىرىدا يېڭى سۆزلۈكلەرگە ئىزاھات بېرىمەن. ھەم ئىكراندا چىقىرىپ كۆرسىتىمەن
مۇساپىرلار: ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغان، باشقا جايدا تۇرىۋاتقان كىشى.
قاۋاقخانا: مەخسۇس ھاراق سېتىپ تىجارەت قىلىدىغان دۇكان، ھاراق دۇكىنى، مەيخانا
لەقەم: مىجەز- خۇلقى، خۇسۇسىيىتى ياكى جىسمانى جەھەتتىكى بىر بەلگىسىگە ئاساسەن كىشىلەر تەرىپىدىن قۇيۇلغان نام
قۇرۇت: قوي، ئۆچكە ياكى كالا سۈتىنى ئۇيۇتۇپ قۇرۇتۇش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بىر خىل يىمەكلىك.
كاززاپ:يالغانچى، ئالدامچى، ساختىپەز.
پەلەك:ئاسمان، كۆك،
كۆچمە مەنىدە بولسا- تەقدىر- قىسمەت
دىبان:
پاسات: قەستەن، مەقسەتلىك ھالدا قىلىنغان پىتنە- ئېغۋا، ئويدۇرما
لاۋزا: تېتىقسىز، بىمەنە
يۇقىرقى مەزمۇنلار ئاساسىدا دەرىس مەزمۇنىنى يىغىنچاقلاپ خۇلاسىلەيمەن.
مۇستەھكەملەش مەشىقى :
بوش ئۇرۇننى تولدۇرۇڭ
1) مەمتىمىن ھۇشۇر (1944)-يىلى (غۇلجا )دا تۇغۇلغان يازغۇچى .
2) «‹مۇساپىرلار قاۋىقىدا›دا »تېكىستىنىڭ ژانىرى (ھېكايە )بۇلۇپ 1990-يىلى (غۇلجا )دا يېزىلغان .
مەقسەت: ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل بايلىقىنى ئاشۇرۇش.
تەكشۈرۈش ئۇسۇلى: كىيىنكى سائەتلىك دەرىستىن ئاۋۋال تەكشۈرۈلۈپ خۇلاسىلىنىدۇ.
دوسكا لاھىيىسى
مۇساپىرلار قاۋىقىدا
مەمتىمن ھۇشۇر
مەمتىمىن ھۇشۇر:- بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇر 1944- يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.
مۇساپىرلار: ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغان، باشقا جايدا تۇرىۋاتقان كىشى.
قاۋاقخانا: مەخسۇس ھاراق سېتىپ تىجارەت قىلىدىغان دۇكان، ھاراق دۇكىنى، مەيخانا
لەقەم: مىجەز- خۇلقى، خۇسۇسىيىتى ياكى جىسمانى جەھەتتىكى بىر بەلگىسىگە ئاساسەن كىشىلەر تەرىپىدىن قۇيۇلغان نام
قۇرۇت: قوي، ئۆچكە ياكى كالا سۈتىنى ئۇيۇتۇپ قۇرۇتۇش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بىر خىل يىمەكلىك.
كاززاپ:يالغانچى، ئالدامچى، ساختىپەز
تاپشۇرۇق:
« مۇساپىرلار قاۋىقى» دا ناملىق ئەسەردىكى ماقال- تەمسىللەرنى رەتلەپ يېزىپ كىلىڭ.
展开阅读全文