资源描述
چارەك ئوتتۇرا مەكتەپ8يىللىق تىل -ئەدەبىيات كوللىكتىپ دەرس لاھيەسى
دەرس تەييارلىغان ۋاقىت
2017-يىل 5-ئاينىڭ24-كۇنى
دەرس ئۆتىدىغان ۋاقىت
2017-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى
تەييارلىغۇچى
پاتىگۇل مەمەت
پەن تۈرى
تىل-ئەدەبىيات
يىللىق
-يىللىق8
قاتناشقۇچلار
خەيرىنسا توختى،پاتىگۇل مەمەت
دەرس ماۋزۇسى
21.پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش
ليۇ شىنۋۇ
دەرس سائىتى
15-ھەپتە 2-سائەت
دەرس شەكلى
كۆپ ۋاستىلىق دەرس
ئۆگىنىش نىشانى
بىلىم، ئىقتىدار نىشانى
تېكىستنى ئەستايىدىل ئوقۇپ ئەسەر مەزمۇنىنى چۈشىنىش،
ئاپتورنى بىلىش،
ئەسەردىكى يېڭى سۆزلەر مەنىسىنى چۈشىنىش،پۇرسەتنى قەدىرلەش ،ھازىرقى پۇرسەتنى قەدىرلەپ،تىرشىپ ئۇگۇنۇش.پۇرسەتنى قۇلدىن بىرىپ قۇيسا قانداق ئاقۋەت كىلىپ چىقدىغانلىقنى پەرقلەندۇرەلەيدغان ئىقتىدار يىتىلدۇرۇش
جەريان
ۋە ئۇسۇل
ئوقۇغۇچىلارغا تېكىستنى ئوقۇتۇش،
يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىىنى چۈشەندۈرۈش
لېكسىيە سۆزلەش،مۇھاكىمىگە تەشكىللەش،مۇنازىرە قىلىش،ئارقىلىق ،نىشان ئۇرۇندىلىدۇ.
ھېسسىيات،
پوزىتىسىيە،
قىممەت قارىشى ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۇگنىش ئۇسۇلى
ۋاقىتنى ،پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،تىرىشىپ ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشت
،كىشىلىك ھاياتنى رەڭدارلىققا تولدۇرۇپ،ئەھمىيەتلىك ياشاشقا ئۈندەش،تۇغۇرسىدا تەربىيە بىرلدۇ.
ئلھاملاندۇرۇش،قۇزغۇتۇش يىتەكلەش مۇھاكىمە مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇلى. مۇستەققىل ئۇگۇنۇش،ئىزدىنىپ ئۇگۇنۇش ھەمكارلىشىپ ئۇگۇنۇش
ئۆگىنىش مۇھىم نۇقتىسى
پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشنىڭ زىيىنىنى چۈشىنىپ يېتىش
ئۆگىنىش قىيىن نۇقتىسى
پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش
ئوقۇتۇش ۋاستسى
كۆپ ۋاستىلىق ئۇقۇتۇش ئۇسكۇنسى
دەرسكە باشلاپ كىرىش: ساۋاقداشلار ،سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەملەر بارمۇ؟ئۇلار نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندۇ؟ئەتراپىڭلاردا ھېچقانداق مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغان ئادەملەرمۇ بارمۇ؟سىلەرچە ئۇلار نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغاندۇ؟
يېڭى دەرس مەزمۇنى تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە يەتكۈزۈلىدۇ.
1.ئاپتور تونۇشتۇرۇلىدۇ.ليۇ شىنۋۇ (1942- )جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر يازغۇچىسى،ئۇنىڭ «سائەتلىك بىنا»ناملىق رومانى ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2.تېكىست جانلىق ،راۋان ئوقۇتۇلىدۇ.
3.چۈشىنىكسىز سۆزلەرگە ئىزاھات بېرىلىدۇ.
بۆلەكچە----- باشقىچە
مەھرۇم قېلىش---ئايرىلىپ قېلىش
دەررۇ----دەرھال،تېز
بېزەش---ياساش
تۆۋەندىكى سوئاللار بويىچە يېتەكلىنىدۇ.
1. بەزىلەر:»پۇرسەت ئادەمنى ئايلىنىپلا تۇرىدۇ،لېكىن نۇرغۇن ئادەملەر بۇنى ھېس ىلالمايدۇ»دەيدىكەن،سىزنىڭ قارىشىڭىز قانداق؟
2. پەقەت پۇرسەتنى چەڭ تۇتقاندىلا ئۇلۇغ نەتىجە ياراتقىلى بولامدۇ؟
3. تۇرمۇشىمىزدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەملەر خېلى كۆپ دەپ قارامسىز؟ئۇلار قانداق ئادەملەر؟
4. تېكىستتە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش،يەنى «مەھرۇم قېلىش»،«بىز .ۇنىڭغا ئادەتلىنىشىمىز كېرەك»،«پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش بىزنى يەنە بىرخىل نەتىجىگە ئىگە قىلىشى مۇمكىن،شۇڭا ئۇنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىشقىمۇ بولىدۇ»دېگەن سۆزلەر بار،بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئادەتلىنىشىمىز،ئۇنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىشىمىز كېرەك؟ئۆزىڭىزنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ.
5. ھازىرغىچە سىزنىڭ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان ياكى قولدىن بېرىپ قويۇپ يەنە قولغا كەلتۈرگەن ئىشلىرىڭىز بارمۇ؟
(ئوقۇغۇچىلار سۆزلەيدۇ،ئوقۇتقۇچى تولۇقلاپ بېرىدۇ)
خۇلاسە:
بىز چۈشمەكچى بولغان بېكەت ھاياتنىڭ ئاخىرقى چېكى ئەمەس.ھاياتنىڭ ئاخىرقى چېكىگە يەتكەندە كۈلۈپ تۇرۇپ:»گەرچە مەن نۇرغۇن-نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويغان بولساممۇ،ئەمما ئەڭ مۇھىم،ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى تۇتۇپ قالالىدىم »دېيەلەيدىغان بولۇشىمىز كېرەك.
ئۇقۇتۇش جەريانى ۋەئۇقۇتۇش مەزمۇنى
دەرىستىن خۇلاسە
كىشىلىك ھايات تېز كېتىۋاتقان پويىزغا ئوخشايدۇ،پويىز دېرىزىسىدىن تۈرلۈك-تۈمەن گۈزەل مەنزىرىلەر چاقماق تېزلىكىدە ئۆتۈپ تۇرىدۇ..ئۇ مەنزىرىلەرنى كۆرەلمەي قالساق ھېچ گەپ يوق،مەنزىرىلەر كۆرمىسەك بولمايدىغان نەرسىمۇ ئەمەس،مۇھىمى ئۆزىمىز چۈشمەكچى بولغان بېكەتتىن ئۆتۈپ كەتمىسەكلا بولدى.
تاپشۇرۇق
1.يادلاش تاپشۇرۇقى :دەرس مەزمۇنىنى ئەستە ساقلاش
ئالدىن ئوقۇپ كېلىش تاپشۇرۇقى:
1.تېكىستنى ئالدىن ئوقۇپ كېلىڭ.
2.ئۈنلۈك دىكلاماتسىيە قىلىشنى مەشىق قىلىپ كېلىڭ
3.«ئالەم ئالتۇن چايقايدۇ »دېگەن ماۋزۇدىكى «چايقاش» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟
4.«ئېقىپ كەتتى تالاي قۇم،ئالتۇن قالدى ئەكسىچە»دېگەن مىسرادىكى قۇم بىلەن «ئالتۇن»ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھاياتلىقتىكى نېمىلەرگە سىمۋول قىلىنغان؟
5.«ئالەم ئالتۇن چايقايدۇ دەرياسىدىن ھاياتنىڭ»دېگەن مىسرا ھەر بىر كۇپلېتنىڭ بېشىدا تەكرارلىنىپ كەلگەن.سىزچە بۇ خىل تەكرارلاشنىڭ قانداق رولى بار؟
دوسكا لايىھىسى
21.پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش
ليۇ شىنۋۇ
مەھرۇم قېلىش---ئايرىلىپ قېلىش
بۆلەكچە----- باشقىچە دەررۇ----دەرھال،تېز
كىشىلىك ھايات گويا تېز كېتىۋاتقان پويىزغا ئوخشايدۇ.
دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش
زۇجاڭ ئىمزاسى
展开阅读全文