收藏 分销(赏)

和田市村两委换届工作步骤和内容(维语).doc

上传人:s4****5z 文档编号:9359884 上传时间:2025-03-23 格式:DOC 页数:48 大小:151.50KB 下载积分:10 金币
下载 相关 举报
和田市村两委换届工作步骤和内容(维语).doc_第1页
第1页 / 共48页
和田市村两委换届工作步骤和内容(维语).doc_第2页
第2页 / 共48页


点击查看更多>>
资源描述
خوتەن شەھىرىنىڭ كەنت «ئىككى كومىتېت» نۆۋەت ئالمىشىش خىزمەت باسقۇچى ۋە مەزمۇنى بىرىنجى باسقۇچ: دەسلەپكى قەدەمدىكى تەييارلىق باسقۇچى(2016-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن) 1. نۆۋەت ئالمىشىش خىزمەت ئاپراتى قۇرۇش. ھەر قايسى يېزا-بازارلار كەنت «ئىككى كومىتېت» نۆۋەت ئالمىشىش سايلام خىزمىتى ئاپراتى قۇرۇپ، كەنت بويىچە نۆۋەت ئالمىشىش يىتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇشى، ھەمدە شۇ كەنتىنىڭ «ئىككى كومىتېت» نۆۋەت ئالمىشىش سايلام خىزمىتى ئالاقىلاشقۇچىسى ۋە ئۇچۇر خادىمىنى بىكىتىشى كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: ھەر قايسى يېزا-بازارلار ھەر بىر كەنتىگە ئەڭ ئاز دىگەندە ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپقان نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتى يىتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشى، يېزا-بازاردىكى كەنتىگە مەسئۇل رەھبەر يىتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولۇشى، كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇشى كېرەك. يېزا(بازار)نىڭ پارتكوم شۇجىسى، يېزا(بازار) باشلىقى، يېزا-بازارلىق پارتىيە ھۆكۈمەت پارتىيە قۇرۇلۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بۇرۇن نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىدە چاتاق چىققان، سايلام ئەھۋالى مۇرەككەپ كەنتىلەرنىڭ يىتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ، نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىگە بولغان كەسپى يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى، ھەر بىر باسقۇچتىكى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە ئېلىپ بېرىشى كېرەك. يېزا بازارلار، كەنت «ئىككى كومىتېت» نۆۋەت ئالمىشىش سايلام خىزمەت ئاپراتىپلىرى جەمىيەتكە پاش قىلىش تېلىفون نۇمۇرىنى ئاشكارلىشى، ھەر قايسى كەنتىلەردە پاش قىلىش ساندۇقى تەستىق قىلىشى كېرەك. ئەرىزىيەت خىزمەتلىرىگە يۇقۇرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، شۇ پەيتتە، نەق مەيداندا قانۇنلۇق ھالدا مەسىلىنى ھەل قىلىش بىلەن ئىدىيۋىي تەربىيە بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، كەيپىياتنى تەڭشەش، زىدىيەتنى ھەل قىلىش، قالدۇق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى، ئاممىنىڭ ئەرزىيەت ئىشلىرى سەۋەبىدىن نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. ئىنكاس قىلىنغان سايلامغا پارە بېرىش ۋە باشقا مۇقۇمسىز ئامىللارنى ۋاقتىدا ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 2. تەكتىنى ئىنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش. ھەر قايسى يېزا بازارلار كەنتىنى بىرلىك قىلىپ، بارلىق كەنتىلەرگە بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كەنت «ئىككى كومىتېتى»نىڭ ئىپادىسى، ساقلانغان مەسىلىلەر، نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللار، بۇرۇنقى نۆۋەت ئالمىشىش سايلام ئەھۋالى، كەنت ئاممىسىنىڭ ئىدىيە ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ ئىنىقلاپ، «يەتتىدە كۆڭلىدا سان بولۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ ئىنىقلاش ئەھۋالىغا ئاساسەن، قاراتمىلىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ۋاقتىدا ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە يىتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىرلىكتە مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك. ھەر قايسى كەنتىدىكى سايلامغا قاتنىشىدىغانلارنى تەكتىنى ئىنىقلاش خىزمىتىنى پۇختا ئېلىپ بېرىش، بولۇپمۇ كەنتىگە ئېقىپ كىرگەن ياكى كەنتىدىن چىكەتكەنلەرنىڭ ئەھۋالى، سايلامدىن ئۆزلىكىدىن ۋازكەچكەنلەر، سايلام ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەيدىغانلار، ئالاقىلىشىش ئۈزلۈپ قالغانلار قاتارلىق ھەر خىل ئەھۋاللارغا قارىتا كۆڭلىدە سان بولۇپ، ھەر قايسى كەنتىلەردىكى سايلامغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانىنى ياخشى تەكشۈرۈپ ئىگەللەش كېرەك. 3. نۆۋەت ئالمىشىش خىزمەت لاھىيەسى تۈزۈش. يېزا بازارلار شەھەرلىك پارتكوم تارقاتقان كەنت «ئىككى كومىتېت» نۆۋەت ئالمىشىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شۇ يېزا بازارنىڭ كونكېرت نۆۋەت ئالمىشىش خىزمەت لاھىيەسى ۋە مەشغۇلات سىخېمىسى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ھەر قايسى كەنتىلەرگە تارقىتىشى كېرەك. ھەر قايسى كەنتىلەر ۋاقىت كونكېرت كۈنگىچە ئىنىق بولغان، مەسئۇلىيەتنى كونكېرت كىشىگە باغلانغان مەشغۇلات سىخېمىسى تۈزۈپ، يېزا بازارلىق پارتكوم قوشۇلغاندىن كېيىن يولغا قويۇشى كېرەك. دىققەت قىلشىقا تىگىشلىك ئىشلار: ېيزا بازارلار بىكىتكەن لاھىيەدە تۆۋەندىكى 12 جەھەتتىكى مەزمۇنلار ئىنىق بولۇشى كېرەك: 1. سايلامنىڭ تەييارلىق خىزمىتى؛ 2. سايلامنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ سايلامغا قاتناشتۇرۇش؛ 3. سايلامغا قاتنىشىدىغان كەنت ئاممىسىنى تىزىملاش؛ 4. نامزاتلارنى كۆرسىتىپ بىكىتىش؛ 5. نامزاتلارنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە رىقابەت سۆزى قىلىش؛ 6. سايلام كۈنى بىلەت تاشلاپ سايلاش ئۇسۇلى؛ 7. كونا-يىڭى بەنزىنىڭ خىزمەت تاپشۇرۇش ۋە تاپشۇرۋېلىش ئىشلىرى؛ 8. تۈزۈم تۈزۈپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش؛ 9. يېڭى قارارلىق كەنت كومېتىتى ئەزالىرىنى تەربىيلەپ، سايلام نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش؛ 10. كەنت ئامما ۋەكىللىرى ۋە مەھەللە باشلىقلىرىنى سايلاش؛ 11. تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىش ۋە خۇلاسىلەش. 12.سايلام سىستاستىكىسىنى ئېلىپ بېرىپ، سايلام ئارخىپلىرىنى رەتلەش، يۇقۇرىغا سىستاستىكا قىلغان ماتىياللارنى يوللاش. 4. سەپەرۋەرلىك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش. يېزا بازارلار مۇكەممەل تەييارلىق قىلغان ئاساستا يېزا بازارنىڭ كەنت «ئىككى كومىتېت» نۆۋەت ئالمىشىش سايلام خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يېغىنى ئاچىدۇ. يېزا بازارلىق پارتكوم شۇجىسى ئۆزى سەپەرۋەرلىك قىلىپ، مۇشۇ قېتىملىق كەنت «ئىككى كومىتېت» نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنىڭ نىشان ۋەزىپىسى ۋە ئومۇمى تەلىپىنى ئىنىق ئېيتىپ، ھەر قايسى سايلام غوللۇق كادىرلىرى ۋە ئاساسى قاتلام پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيەسىنى ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ ئومۇمى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا بىردەكلەشتۈرۈشى كېرەك. 5. تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش. رادىئو، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، داسكا، لوزۇنكا، تەشۋىقات داسكىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، سەپەرۋەرلىك قىلىش يېغىنى ئېچىش، ئائىلىگە بېرىپ سۆھبەتلىشىش قاتارلىق شەكىللەت ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىغا پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى لۇشيەن، فاڭجىڭ، سىياسەتلىرىنى، كەنت ئاھاللىلەر كومىتېتى سايلام تۈزىمىنى، كەنت ئاھاللىلەر كومىتېتى تەشكىلى تۈزۈمىنى، كەنت ئاھاللىلەر كومىتېتى يەرلىك سايلام تۈزۈمىنى، كەنت ئاھاللىلەر كومىتېتى سايلىمىنىڭ ئاساسى تەرتىپىنى، كەنت ئاممىسىنىڭ كەنت ئاھاللىلەر كومىتېتى سايلام خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇريىتىنى، كەنت ئاممىسى كەنت ئاھاللىلەر كومىتېتى سايلام خىزمىتىگە قاتنىشىشدىكى يولىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، سىياسەت، قانۇن تۈزۈملەرنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە ياخشى جاۋاپ بېرىپ، ئىنچىكىلىك، سەۋىرچانلىق بىلەن ئاممىنىڭ ئىدىيە سىياسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كەنت ئاممىسىنى توغرا سايلام ئېڭى تۇرغۇزۇشقا تەربىيىلەپ يىتەكلەپ، دېموكراتىك ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈش كېرەك. دىققەت قىلشىقا تىگىشلىك ئىشلار: ئامما ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى، قانۇن - نىزاملىرىنى ۋە پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، تەلەپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، نۆۋەت ئالمىشىش سايلام خىزمىتىنى قەدەم - باسقۇچى، ئەھمىيىتى ۋە ئالاقىدار قانۇنلارنى كەڭ ئاممىنى چۈشەندۈرۈپ، ھەممە ئائىلىلەرنى خەۋەردار قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جامائەت پىكرى، سايلام ئەھۋالىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلام خىزمىتى ئۈچۈن تىرىشىپ ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى يارىتىشى لازىم. ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. ئالدىنقى باسقۇچتىكى تەييارلىق باسقۇچىدا، يېڭى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن كەنت ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قارار روھىنى تەشۋىق قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار تارقاتقان نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىرنى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىپ، كادىرلار سىياسەتلىرىنىڭ روھىنى ئىگىلەللىشى، كەنت ئاھالىلەر سىياسەت تەلەپلىرىنى چۈشۈنۈشى كېرەك. سايلامغا قاتنىشىدىغان كەنت ئاھالىسىنى تىزىملىتىش باسقۇچىدا، سايلامغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان كەنت ئاھالىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن قاتنىشىش سالاھىيەت شەرتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تەشۋىق قىلىش كېرەك. نامزات كۆرسىتىش باسقۇچىدا، « ئوننى كۆرسەتمەسلىك»نى كۈچەيتىپ تەشۋىق قىلىش كېرەك. سايلام باسقۇچىدا، «سەككىزنى قاتتىق مەنئى قىلىش» نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىنى كۈچەيتىپ تەشۋىق قىلىش كېرەك.  6.ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ تەكشۈرۈش. يېزا - بازارلىق پارتكوم يېزا - بازار ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى، يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش پونكىتىنى، يەر باشقۇرۇش پونكىتىنى تەشكىللەپ،ھەر قايسى كەنتنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، كەنت « ئىككى كومىتېت» كادىرلىرى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش مەزمۇنى: 1. ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ۋە مالىيە كىرىم – چىقىم پىلانىنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى؛ 2. مالىيە-ئىقتىساد قانۇن-ئىنتىزامىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى؛ 3. دېھقانلار ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىسى. كوللېكتىپ مۈلۈكنى ئىجارىگە بېرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش؛ ھەقدارلىق - قەرزدارلىقنى باشقۇرۇش؛ يەرنى ئىجارىگە بېرىش؛ مەخسۇس مەبلەغنى باشقۇرۇش؛ چوڭ تىپتىكى مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمى؛ مالىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھەر قايسى كەنت مالىيەسىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئەھۋالىغا كەنت «ئىككى كومىتېت» كادىرلار ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش دوكلاتى يېزىپ چىقىلىپ،يېزا بازارلىق پارتكومغا يوللاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش تاختىسى ۋە ھەرقايسى مەھەللىلەردە ئېلان قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە, « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت گۇرۇپپىسى كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشۋىق قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ئاممىغا ھەقىقىي چۈشەندۈرۈپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ پاك، پاك ئەمەسلىكىنى ئاشكارلايدۇ. 7.غوللۇق كادىرلارنى تەربىيەلەش. يېزا - بازار ، كەنتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئېلىپ بېرىش بويىچە كەسپى تەربىيىلەش كۇرسىغا تەشكىللەيدۇ، تەربىيىلەش مەزمۇنى : كەنت «ئىككى كومىتېت»نىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلام خىزمىتى باسقۇچى، تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەر قىلىش، مەشغۇلات تەرتىپى، ئىنتىزام تەلىپى، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، تەشكىلىي رەھبەرلىك قاتارلىقلار. كەنت «ئىككى كومىتېت» نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنىڭ ئىش تەرتىپى سخېمىسىنى تۈزۈپ تارقىتىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان كادىرنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە سىياسەت، سايلام خىزمىتى تەرتىپى، ئۇسۇلى،قەدەم باسقۇچلىرى ۋە تەرتىپىگە بولغان تۇنۇشىنى كۈچەيتىپ،نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلام خىزمىتىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەشكىللەشكە تۈرتكە بولىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ : تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش  1. سەپەرۋەرلىك يىغىنى ، خىزمەت دوكلاتى بېرىشىنى باھالاش يىغىنى ئېچىش. يېغىنغا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، كەنت «ئىككى كومىتېتى» نىڭ بارلىق ئەزالىرى، بارلىق پارتىيە ئەزاسى، بارلىق كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرى يېغىنغا قاتنىشىشى كېرەك. يىغىننىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى يېزا - بازار كەنت « ئىككى كومىتېت » نىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلام سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش؛ كەنت «ئىككى كومىتېت» نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلام خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىش؛ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى سىياسەت ، بەلگىلىمىلەر ۋە ئىنتىزام تەلىپىنى ئۆگىنىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزە ئەزالىرىنى خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشكە تەشكىللەش، ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان خادىملار دوكلات بەرگۈچىگە باھالاش ئېلىپ بېرىش(رازىمەنلىك نىسبىتى بويىچە باھالاش).  2.تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىش. يېغىنغا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، كەنت پارتىيە ئەزالىرى چوڭ يىغىنى ئاچىدۇ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ئەزاسى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى يېغىنغا قاتنىشىدۇ. « ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش » ئۆگىنىش تەربىيە پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، ئالدى بىلەن پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگۈنۈپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاپ، نۆۋەت ئالمىشىشقا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئۆگىنىپ، نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنىڭ ئەھمىيىتى، تەلىپى ۋە ئۇسۇلى ئېنىق سۆزلەيدۇ. ئالدى بىلەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئۇندىن كېيىن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى، ئاخىرىدا ئادەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى بىر - بىرلەپ ئۆز- ئۆزىنى تەنقىدلەش ئېلىپ بېرىپ، ھەمدە تەلەپ بويىچە تەنقىدىي پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۇپ،ئۇندىن كېيىن پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاشنى قانات يايدۇرىدۇ. 3.كەنت پارتىيە ياچايكىسنىڭ ھەييەت سانى، كەنت سايلام كومىتېتىنىڭ ھەييەت سانىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىش. كەنتىدە تۇرۇشلۇق يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، كەنت « ئىككى كومىتېتى » 1 - يىغىنى ئېچىلىدۇ،«ئىككى كومىتېت» بەنزە ئەزالىرى يېغىنغا قاتنىشىدۇ. ئاساسلىقى كەنت «ئىككى كومىتېت» نىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىغا ئالاقىدار ئىشلارنى تەتقىق قىلىپ، « جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ سايلام خىزمىتى ۋاقىتلىق نىزامى »، « خوتەن شەھىرى كەنت « ئىككى كومىتېت » نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلام خىزمىتى يولغا قويۇش پىكرى، كەنت ئاھالە كومىتېتى تەشكىلىي قانۇنى ۋە سايلام چارىسى قاتارلىقلارغا قارىتا ئۈگۈنۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ كەنت پارتىيە ياچايكىسنىڭ ھەييەت سانى، ھەييەت سانىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. كەنت سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئاساسىي شەرتى بىكىتىلىدۇ.  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: 1. كەنت پارتىيە تەشكىلاتى بەنزىسىنىڭ سانى تاق كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ،ھەييەت سانى پىرىنسىپ جەھەتتىن 3 نەپەردىن ئاز بولمايدۇ. كەنت ئىككى كومىتېت بەنزىسىنىڭ ھەييەت سانى بەش كىشى بولغان كەنتىلەردە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ھەييەت سانى ئۈچ نەپەر بولىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە، پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى بىر نەپەر ، مۇئاۋىن شۇجى بىر نەپەر، ھەييەت بىر نەپەر تەسىس قىلىنىدۇ؛ كەنت ئىككى كومىتېت بەنزىسىنىڭ ھەييەت سانى يەتتە كىشى بولغان كەنتىلەردە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ھەييەت سانى بەش نەپەر بولىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە، پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى بىر نەپەر ، مۇئاۋىن شۇجى بىر نەپەر، ھەييەت ئۈچ نەپەر تەسىس قىلىنىدۇ؛ كەنت ئىككى كومىتېت بەنزىسىنىڭ ھەييەت سانى توققۇز كىشى بولغان كەنتىلەردە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ھەييەت سانى يەتتە نەپەر بولىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە، پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى بىر نەپەر ، مۇئاۋىن شۇجى ئىككى نەپەر، ھەييەت تۆت نەپەر تەسىس قىلىنىدۇ،كەنت كومېتىتىنىڭ ھەييەت سانى 5نەپەر بولۇپ، مۇدىر بىر نەپەر، مۇئاۋىن مۇدىر بىر نەپەر، ھەييەت 3نەپەر تەسىس قىلىنىدۇ. 2. كەنت سايلام كومىتېتىنىڭ ھەييەت سانى ئادەتتە 5دىن 9غىچە بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇدىر بىر نەپەر، مۇئاۋىن مۇدىر1-2 نەپەر ،ھەييەت بىر نەچچە نەپەر تەسىس قىلىنىدۇ.  4.كەنت «ئىككى كومىتېت» نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىش. كەنتلەرگە تۇۇشلۇق يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى رىياسەتچىلىكىدە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىدۇ. ئاساسلىق مەزمۇنى : 1. « پارتىيە ئەزالىرى چوڭ يىغىنى ئېچىپ ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى قارار»نى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىنىدۇ؛ 2. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلام خىزمىتى لايىھەسى ماقۇللىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى چوڭ يىغىنىنىڭ ۋاقتى ، پارتىيە ئەزالىرىنى تىزىملاش ۋاقتى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ؛ 3. تەكشۈرۈپ بېكىتىش كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت سايلام كومىتېتى , كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ ھەييەت سانى ۋە نامزاتلارنىڭ سالاھىيەت شەرتى قاتارلىق خىزمەتلەر تەكشۈرۈلۈپ بىكىتىلىدۇ؛ 4 . كەنت « ئىككى كومىتېت » نىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلىدۇ.  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېىتى 3دىن5كىچە ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇدىر بىر نەپەر. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرىنى كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ياكى پارتىيە ئەزالىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، باشقا ئەزالىرىنى كەنت مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى ئەزالىرى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ، ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە ئايال كەنت ئاھالىلەر ۋەكىللىرى بولىشى كېرەك. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى چەتلەپ تۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.ھېسابقا ئالمىغاندا ، قوشۇمچە كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدىن باشقا ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى ، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ، كەنت كاتىپى ، ھېساب مەلۇماتچىسى كەنت ئىشلىرى نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولسا بولمايدۇ. كەنت ئىشلىرى نازارەتچىلىك كومىتېىنى كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى يىغىنىدا سايلاپ چىقىدۇ، ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرى قاتناشسا سايلام كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ ، قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش، يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش
展开阅读全文

开通  VIP会员、SVIP会员  优惠大
下载10份以上建议开通VIP会员
下载20份以上建议开通SVIP会员


开通VIP      成为共赢上传

当前位置:首页 > 教育专区 > 其他

移动网页_全站_页脚广告1

关于我们      便捷服务       自信AI       AI导航        抽奖活动

©2010-2026 宁波自信网络信息技术有限公司  版权所有

客服电话:0574-28810668  投诉电话:18658249818

gongan.png浙公网安备33021202000488号   

icp.png浙ICP备2021020529号-1  |  浙B2-20240490  

关注我们 :微信公众号    抖音    微博    LOFTER 

客服