资源描述
مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس ئۆلچىمى تەجىرىبە دەرسلىكى
ماتېماتىكا
3-يىللىقلار ئۈچۈن
1-قىسم
35-بەت تۆت تەرەپلىك بىلەن تونۇشۇش
(1 سائەتلىك دەرس لاھىيسى)
1-باشلانغۇچ مەكتەپ
نۇرسەنەم ئىدىرىس
دەرىس تىمىسى: 35-بەت 3-باب تۆت تەرەپلىك
ئوقۇتۇش نىشانى:ئوقۇغۇچىلارغا تۆت تەرەپلىكنىڭ قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش
2.ئەتىراپىمىزدىكى شەيئىلەرنى كۆرۈش ئارقىلىق ،تۆت تەرەپلىكنى تىپىپ چىقىش.
3.شەكىللەرنى توغىرا،ئىنىق قىلىپ سىزىپ چىقىش.
مۇھىم نۇقتا:ئوقۇغۇچىلارنى ھەرقايسى تەرەپلەرنى پەرىق ئىتىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى توغرا سىزىپ چىقالايدىغان قىلىش.
قىيىن نۇقتا:ئەتىراپىمىزدىكى جىسىملارنى كۆزىتش ئارقىلىق، كۆپ تەرەپلىكلەرنى ئايرىپ چىقىش.
ئوقۇتۇش ۋاستىسى: قىرىنداش،سىزغۇچ، ئۆچۈرگۈچ
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: ئۆلگە كۆرسىتىش، رىغبەتلەندۈرۈش، مۇلاھىزە قىلدۇرۇش.
1.يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش
قايسى ساۋاقداش تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچىرايدىغان تەرەپلىكلەرنى كۆرۈپ باققان ؟ كۆرسىتىپ بىرەلەمسىلەر؟سۇئالنى ئوتتۇرغا قويۇش ۋە ئۇنى خۇلاسە قىلىش ئارقىلىق يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش.
2.ئوقۇتۇش نىشانى :
1.ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلارغا قىسقىچە ئىنتىزام تەربىيسى بىرىپ بولغاندىن كىيىن بۇ سائەتلىك دەرىس تىمىسى ئوتتۇرغا قويىلىدۇ.دوسكىغا كۆركەم قىلپ يىزىلىدۇ.
2.ئوقۇغۇچىلارغا تۆت تەرەپلىك توغىرسىدىكى ئۇقۇملارنى چۈشەندۈرۈپ كىتاپتىكى 1.مىسالدىكى ئۆلگىلىك شەكىللەرنى تەپسلى كۆرسىتىپ چۈشەندۈرلىدۇ.ھەمدە تۆت تەرەپلىكنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈرۈپ چىقىلىدۇ.
3.شەكىللەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ ئۇلارنىڭ پەرىقلىرى چۈشەندۈرلىدۇ. يەنى ،تىك تۆتبۇلۇڭ،كىۋادىرات،تراپىتىسىيە، پاراللىل تۆت تەرەپلىك.
4.تىك تۆت بۇلۇڭنى ئوقۇغۇچىلارغا نەق مەيداندا ياسىتىپ ،تىك تۆتبۇلۇڭنىڭ قارمۇ قارشى ئىككى بۇلۇڭىنى تارتقاندا قانداق شەكىل ھاسىل بولىدىغانلىقنى چۈشەندۈرىمىز.
5.ئوقۇغۇچىلارغا تۆت تەرەپلىكنى سىزىپ چىققۇزۇپ كىچىك گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ چىقىلىدۇ.ھەمدە ياخشى سىزغان ئوقۇغۇچىلار نەق مەيداندا تەقدىرلىنىدۇ، ھەمدە باشقىلارنى مۇشۇنداق سىزىپ چىقىشقا دەۋەت قىلىنىدۇ.
خۇلاسە: قايسى ساۋاقداش كىچىك كاتەكچىلەر ئىچىگە تۆت تەرەپلىكنى سىزپ چىقالايدۇ؟
دوسكا لايھەسى: 35-بەت 3-باپ
تاپشۇرۇق: 40-بەت (2)، (3)
展开阅读全文