收藏 分销(赏)

altunqaykaydu.docx

上传人:仙人****88 文档编号:9235137 上传时间:2025-03-18 格式:DOCX 页数:5 大小:52.31KB
下载 相关 举报
altunqaykaydu.docx_第1页
第1页 / 共5页
altunqaykaydu.docx_第2页
第2页 / 共5页
点击查看更多>>
资源描述
8- يىللىق 2- قىسىم تىل ئەدەبىيات دەرسى 15- ھەپتە 3- سەئەت ۋاقتى : 2017- يىلى 6- ئاينىڭ 5- كۈنى دەرس تىمىسى: 22.ئالەم ئالتۇن چايقايدۇ مۇھەممەتجان راشىدىن دەرس تىپى: ئوقۇش، تەھلىل، ئوقۇتۇش نىشانى: بىلىم ئىقتىدار: شىئېرنىڭ ئاپتۇرى، ھەر بىر كوپلىت شىئېرنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسىنى، يىڭى سۆزنىڭ مەنىسىنى ئىگەللىتىش بىلەن بىرگە مۇھىم مىسرالارنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلالايدىغان بولۇش، لىرىك شېئىر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش جەريان ۋە ئۇسۇل ئالدىن كىتاپ كۆرۈشكە يىتەكلەش، تىكىستنى بايان قىلدۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشكە، مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا يىتەكلەش، قوزغۇتۇش، خۇلاسىلاش ئارقىلىق شىئېرنى ئومومى جەھەتتىن تەھلىل قىلدۇرۇش.. ھىسيات پوزىتسىيە قىممەت قارىشى: ئىنسان ئۈچۈن ياخشى نام قالدۇرۇپ ياشاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش، «ساپ ئالتۇن»دەك ھەقىقي ئىنسانلاردىن بولۇپ چىقىشقا ئىرادە باغلاش. مۇھىم نۇقتا يەتكۈزۈش ئۇسۇلى شىئېرنىڭ ئاپتۇرى، ھەر بىر كوپلىت شىئېرنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسىنى، يىڭى سۆزنىڭ مەنىسىنى ئىگەللىتىش، كىتاپ كۆرۈشكە يىتەكلەش، سوئال سوراش، ئىكراندا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئىكراندا كۆرسۈتۈش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش، خۇلاسىلاش ئارقىلىق يىتەكلىنىدۇ. قىيىن نۇقتا ھەل قىلىش ئۇسۇلى: مۇھىم مىسرالارنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلالايدىغان بولۇش، لىرىك شېئىر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىنى بىر بىرىدىن پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇش. كىتاپ كۆرۈشكە يىتەكلەش، سوئال سوراش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش، ئىكراندا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرسۈتۈش، خۇلاسىلاش ئارقىلىق يەتكۈزىلىدۇ. ئوقۇتۇش ۋاستىسى: كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، دەرسلىك دىتالى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كىتاپ كۆرۈشكە يىتەكلەش، سوئال سوراش، ئىكراندا دەرسكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرسۈتۈش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش، خۇلاسىلاش. ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى: كىتاپ كۆرۈش، سوئالغا جاۋاپ بىرىش، ئىكراندا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرسۈتۈش، مۇلاھىزە ئىلىپ بىرىش، ھەمكارلىشىپ ئۈگۈنۈش. ئوقۇتۇش جەريانى: دەرسكە باشلاپ كىرىش: ساۋاقداشلار ئالتۇننىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ئۇنىڭ قانداق ئىشلىتىش قىممىتى بار؟ ئوقوغۇىلار قوزغۇتۇلۇپ قاراشلىرى ئوتتۇرغا قويغۇزىلىدۇ. شۇ ئاساستا دەرسنىڭ تىمىسى ئاشكارىلىنىپ ئاپتۇر توغۇرسىدا چۈشەنچە بىرلىدۇ ئاپتۇر ھەققىدە: شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن 1940-يىلى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار يۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىلىمي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلغان ئەسەرلىرىدىن «كاككۇك گۈلى» «يىللار ئىزى»، «ياخشىلارغا ناخشىلار تولا»، «مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بار، بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۇلگەن ۋە مۇكاپاتلانغان. ئاپتۇرنى تونۇشتۇرغاچ ئۇنىڭ سۈرىتى ئىكراندا كۆرسىتىلىدۇ . ھەمدە شىئېرنى ئۆلگە قىلىپ ئوقۇپ بىرىپ كىيىن ئوقوغۇچىلارنى دىكلاماتسىيە قىلىشقا يىتەكلىنىدۇ. ھەمدە يىڭى سۆزلەرگە ئىزاھات بىرلىدۇ. سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاڭ: چەش- خاماندا سورۇپ پاكىزلانغان ئاشلىق دۆۋىسى قۇزغۇن- قاغا تىپىدىكى بىرخىل تاپ قۇشى. تېنى قاغىدىن سەل چوڭ، ھايۋانلارنىڭ ئۆلىكى بىلەنلا ئوزۇقلىنىدۇ شاھىت- گۇۋاھچى نىمجان- ئاجىز، يېرىم جان، زەئىپ چايقاش-①قول چايقاش، ئېغىز چايقاش ②ئايرىش، ئىلغاش سىزنىڭچە، بۇ شېئىر شېئىرلارنىڭ قايسى تۈرىگە كىرىدۇ؟ شېئىرلارنىڭ يەنە قانداق تۈرلىرى بار؟ بۇ شېئىر ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن لىرىك شېئىرغا،تۈزۈلۈشى (قۇرۇلمىسى ۋە شەكلى) جەھەتتىن ۋەزىنلىك شېئىرغا تەۋە. 3.شېئىر ماۋزۇسىدىكى «چايقاش» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ شېئىردا قانداق مەنىدە قوللىنىلغان؟ « چايقاش» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئايرىماق، ئىلغىماق، دانىچە ھالەتتىكى نەرسىلەرنى يۇماق، دېگەن مەنىدە. شېئىردا ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمنى خەلق ئايرىيدۇ، دېگەن مەنىدە كەلگەن. ئوقوغۇچىلارنى شىئېرنى دىكلاماتسىيە قىلىشقا يتەكلەپ ھەر بىر كوپلىت شىئېر ئۈستىدە تەھلىل قىلىشقا يىتەكلەيمەن ئوقوغۇچىلار ھەمكارلىشىپ تەھلىل قىلىدۇ. 1. كوپلىتتا-بۇغداي بىلەن ساماننى شامال ئايرىغاندەك، ياخشى بىلەن ياماننى دەۋر ئايرىيدۇ. يامان كىشىلەرنىڭ يامان نامى تارقالسا، ياخشى كىشىلەرنىڭ ياخشى نامى تارقىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدۇ. 2. ئالتۇن بىلەن قۇم سېلىشتۇرلۇپ، ھاياتىنى مەنىسىز ئۆتكۈزگەن، مال-دۇنياغا بېرىلگەن ئادەملەر(قۇم ) نامىنىڭ تېز ئۇنتۇلدىغانلىقى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ،ھاياتىنى جەمىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشقان كىشىلەر(ئالتۇن) كىشلەرنىڭ نامىنىڭ خەلق قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇلغان. 3. يامان ئادەملەر ئۆزىنى ھامان پەردازلىسىمۇ ، ياخشى كىشىلەر قىياپىتىگە كىرىۋالسىمۇ ھامان بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئاشكارا بۇلىدىغانلىقى، ياخشى كىشىلەر بىر مەزگىل ئۇۋالچىلىققا ئۇچىرىسمۇ، ھامان ھەق-ناھەق ئايرىلدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن. 4. دەۋر ياخشى بىلەن ياماننى پەرقلەندۈرۈپ، ئالتۇندەك گۈزەل قەلىبكە ئىگە ئادەملەرنىڭ ياخشلىقى ، ئىش ئىزلىرى تارىخ تەرىپىدىن خاتىرلىنىپ، ئەۋلادلارنىڭ ياد ئېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 5. ئۆزى جاپادا قالسىمۇ يەنىلا خەلقنى ئويلايدىغان. خەلققە ياردەم قۇلىنى سۇنالايدىغان ئالىيجاناپ كىشىلەر مەدھىيلەنگەن. ئالتۇندەك ئېسىل كىشلەرنىڭ ۋىجداننى ئۆزىگە ھەمىراھ قىلغانلىقى،ئۆز خەلقى ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلالايدىغانلىقىدەك ئېسىل خىسلىتى مەدھىيلەنگەن. 6. دەۋر ياخشى بىلەن ياماننى ئېنىق ئايرىيدۇ، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ھەتتا بۇيولدا قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ قەبرىسى خەلق تەرىپىدىن مەڭگۈ يادلىنىشى ، خەلق ئۈچۈن تومۇزدا بىر تال ياپراق بولسىمۇ خەلقنىڭ رازى بولىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن. 7. دەۋر ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىيدۇ، ۋەتەن, خەلق ئۈچۈن تۆككەن تەرنىڭ خەلق تەرىپىدىن قەدىرلىندىغانلىقى، ئۇنداق كىشىلەرنى خەلق قوللاريدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 8. ئاپتۇر ئۆز خەلقىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى، پەقەت خەلقنىڭلا ئەڭ ئادىل باھاچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەيلى باشقىلار قانداق باھا بەرسۇن ئەڭ ئاخىرقى ھېساپتا خەلقنىڭ باھاسىنىڭ ئەڭ توغرا، ئەڭ ئادىل ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يۇقارقى مەزمۇنلارنى يەتكۈزۈشتە ئوقوغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئىكراندا كۆرسۈتۈش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش، پىكىر بايان قىلدۇرۇش، چۈشەندۈرۈش، خۇلاسىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق يەتكۈزىلىدۇ. تاپشۇرۇق: شىئېرنىڭ مەركىزى ئىددىسىنى تەھلىل قىلىپ كىلىڭ دوسكا لاھىيەسى : 22. ئالەم ئالتۇن چايقايدۇ مۇھەممەتجان راشىدىن 1. ئاپتۇرنىڭ ھاياتى پائالىيىتى ھەققىدە. 2. يىڭى سۆزلەرگە ئىزاھات. 3. ھەر بىر كوپلىت شىئېر ئۈستىدە تەھلىل دەرستىن كىيىنكى ئويلۇنۇش:
展开阅读全文

开通  VIP会员、SVIP会员  优惠大
下载10份以上建议开通VIP会员
下载20份以上建议开通SVIP会员


开通VIP      成为共赢上传
相似文档                                   自信AI助手自信AI助手

当前位置:首页 > 教育专区 > 小学其他

移动网页_全站_页脚广告1

关于我们      便捷服务       自信AI       AI导航        抽奖活动

©2010-2025 宁波自信网络信息技术有限公司  版权所有

客服电话:4009-655-100  投诉/维权电话:18658249818

gongan.png浙公网安备33021202000488号   

icp.png浙ICP备2021020529号-1  |  浙B2-20240490  

关注我们 :微信公众号    抖音    微博    LOFTER 

客服