1、 8- يىللىق 2- قىسىم تىل ئەدەبىيات دەرسى 15- ھەپتە 3- سەئەت ۋاقتى : 2017- يىلى 6- ئاينىڭ 5- كۈنى دەرس تىمىسى: 22.ئالەم ئالتۇن چايقاي
2、دۇ مۇھەممەتجان راشىدىن دەرس تىپى: ئوقۇش، تەھلىل، ئوقۇتۇش نىشانى:
3、 بىلىم ئىقتىدار: شىئېرنىڭ ئاپتۇرى، ھەر بىر كوپلىت شىئېرنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسىنى، يىڭى سۆزنىڭ مەنىسىنى ئىگەللىتىش بىلەن بىرگە مۇھىم مىسرالارنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلالايدىغان بولۇش، لىرىك شېئىر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش
4、 جەريان ۋە ئۇسۇل ئالدىن كىتاپ كۆرۈشكە يىتەكلەش، تىكىستنى بايان قىلدۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشكە، مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا يىتەكلەش، قوزغۇتۇش، خۇلاسىلاش ئارقىلىق شىئېرنى ئومومى جەھەتتىن تەھلىل قىلدۇرۇش.. ھىس
5、يات پوزىتسىيە قىممەت قارىشى: ئىنسان ئۈچۈن ياخشى نام قالدۇرۇپ ياشاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش، «ساپ ئالتۇن»دەك ھەقىقي ئىنسانلاردىن بولۇپ چىقىشقا ئىرادە باغلاش. مۇھىم نۇقتا يەتكۈزۈش ئۇسۇلى شىئېرنىڭ ئاپتۇرى، ھەر بىر كوپلىت شىئېرنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسىنى، يىڭى سۆزنىڭ مەنىسىنى ئىگەللىتىش،
6、 كىتاپ كۆرۈشكە يىتەكلەش، سوئال سوراش، ئىكراندا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئىكراندا كۆرسۈتۈش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش، خۇلاسىلاش ئارقىلىق يىتەكلىنىدۇ. قىيىن نۇقتا ھەل قىلىش ئۇسۇلى: مۇھىم مىسرالارنىڭ مەنىسىنى تەھلىل
7、 قىلالايدىغان بولۇش، لىرىك شېئىر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىنى بىر بىرىدىن پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇش. كىتاپ كۆرۈشكە يىتەكلەش، سوئال سوراش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش، ئىكراندا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرسۈتۈش، خۇلاسىلاش ئارقىلىق يەتكۈزىلىدۇ.
8、 ئوقۇتۇش ۋاستىسى: كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، دەرسلىك دىتالى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كىتاپ كۆرۈشكە يىتەكلەش، سوئال سوراش، ئىكراندا دەرسكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرسۈتۈش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش، خۇلاسىلاش. ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى: كىتاپ كۆرۈش، سوئا
9、لغا جاۋاپ بىرىش، ئىكراندا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرسۈتۈش، مۇلاھىزە ئىلىپ بىرىش، ھەمكارلىشىپ ئۈگۈنۈش. ئوقۇتۇش جەريانى: دەرسكە باشلاپ كىرىش: ساۋاقداشلار ئالتۇننىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىل
10、ەر؟ ئۇنىڭ قانداق ئىشلىتىش قىممىتى بار؟ ئوقوغۇىلار قوزغۇتۇلۇپ قاراشلىرى ئوتتۇرغا قويغۇزىلىدۇ. شۇ ئاساستا دەرسنىڭ تىمىسى ئاشكارىلىنىپ ئاپتۇر توغۇرسىدا چۈشەنچە بىرلىدۇ ئاپتۇر ھەققىدە: شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن 1940-يىلى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار يۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغا
11、ن. جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىلىمي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلغان ئەسەرلىرىدىن «كاككۇك گۈلى» «يىللار ئىزى»، «ياخشىلارغا ناخشىلار تولا»، «مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بار، بىر قى
12、سىم شېئىرلىرى كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۇلگەن ۋە مۇكاپاتلانغان. ئاپتۇرنى تونۇشتۇرغاچ ئۇنىڭ سۈرىتى ئىكراندا كۆرسىتىلىدۇ . ھەمدە شىئېرنى ئۆلگە قىلىپ ئوقۇپ بىرىپ كىيىن ئوقوغۇچىلارنى دىكلاماتسىيە قىلىشقا يىتەكلىنىدۇ. ھەمدە
13、 يىڭى سۆزلەرگە ئىزاھات بىرلىدۇ. سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاڭ: چەش- خاماندا سورۇپ پاكىزلانغان ئاشلىق دۆۋىسى قۇزغۇن- قاغا تىپىدىكى بىرخىل تاپ قۇشى. تېنى قاغىدىن سەل چوڭ، ھايۋانلارنىڭ ئۆلى
14、كى بىلەنلا ئوزۇقلىنىدۇ شاھىت- گۇۋاھچى نىمجان- ئاجىز، يېرىم جان، زەئىپ چايقاش-①قول چايقاش، ئېغىز چايقاش ②ئايرىش، ئىلغاش سىزنىڭچە، بۇ شېئىر شېئىرلارنىڭ قايسى تۈرىگە كىرىدۇ؟ شېئىرلارنىڭ ي
15、ەنە قانداق تۈرلىرى بار؟ بۇ شېئىر ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن لىرىك شېئىرغا،تۈزۈلۈشى (قۇرۇلمىسى ۋە شەكلى) جەھەتتىن ۋەزىنلىك شېئىرغا تەۋە. 3.شېئىر ماۋزۇسىدىكى «چايقاش» دېگەن سۆزنىڭ مە
16、نىسى نېمە؟ شېئىردا قانداق مەنىدە قوللىنىلغان؟ « چايقاش» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئايرىماق، ئىلغىماق، دانىچە ھالەتتىكى نەرسىلەرنى يۇماق، دېگەن مەنىدە. شېئىردا ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمن
17、ى خەلق ئايرىيدۇ، دېگەن مەنىدە كەلگەن. ئوقوغۇچىلارنى شىئېرنى دىكلاماتسىيە قىلىشقا يتەكلەپ ھەر بىر كوپلىت شىئېر ئۈستىدە تەھلىل قىلىشقا يىتەكلەيمەن ئوقوغۇچىلار ھەمكارلىشىپ تەھلىل قىلىدۇ. 1. كوپلىتتا-بۇغداي بىلەن ساماننى شامال ئايرىغاندەك، ياخشى بىلەن ياماننى دەۋر ئايرىيدۇ. يامان كىشىلەرنىڭ يامان نام
18、ى تارقالسا، ياخشى كىشىلەرنىڭ ياخشى نامى تارقىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدۇ. 2. ئالتۇن بىلەن قۇم سېلىشتۇرلۇپ، ھاياتىنى مەنىسىز ئۆتكۈزگەن، مال-دۇنياغا بېرىلگەن ئادەملەر(قۇم ) نامىنىڭ تېز ئۇنتۇلدىغانلىقى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ،ھاياتىنى جەمىيەت ئۈچۈن ت
19、ۆھپە قوشقان كىشىلەر(ئالتۇن) كىشلەرنىڭ نامىنىڭ خەلق قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇلغان. 3. يامان ئادەملەر ئۆزىنى ھامان پەردازلىسىمۇ ، ياخشى كىشىلەر قىياپىتىگە كىرىۋالسىمۇ ھامان بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئاشكارا بۇلىدىغانلىقى، ياخشى كىشىلەر بىر مەزگى
20、ل ئۇۋالچىلىققا ئۇچىرىسمۇ، ھامان ھەق-ناھەق ئايرىلدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن. 4. دەۋر ياخشى بىلەن ياماننى پەرقلەندۈرۈپ، ئالتۇندەك گۈزەل قەلىبكە ئىگە ئادەملەرنىڭ ياخشلىقى ، ئىش ئىزلىرى تارىخ تەرىپىدىن خاتىرلىنىپ، ئەۋلادلارنىڭ ياد ئېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا
21、قويۇلغان. 5. ئۆزى جاپادا قالسىمۇ يەنىلا خەلقنى ئويلايدىغان. خەلققە ياردەم قۇلىنى سۇنالايدىغان ئالىيجاناپ كىشىلەر مەدھىيلەنگەن. ئالتۇندەك ئېسىل كىشلەرنىڭ ۋىجداننى ئۆزىگە ھەمىراھ قىلغانلىقى،ئۆز خەلقى ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلالايدىغانلىقىدەك ئېسىل خىسلى
22、تى مەدھىيلەنگەن. 6. دەۋر ياخشى بىلەن ياماننى ئېنىق ئايرىيدۇ، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ھەتتا بۇيولدا قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ قەبرىسى خەلق تەرىپىدىن مەڭگۈ يادلىنىشى ، خەلق ئۈچۈن تومۇزدا بىر تال ياپراق بولسىمۇ خەلقنىڭ رازى بولىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن
23、 7. دەۋر ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىيدۇ، ۋەتەن, خەلق ئۈچۈن تۆككەن تەرنىڭ خەلق تەرىپىدىن قەدىرلىندىغانلىقى، ئۇنداق كىشىلەرنى خەلق قوللاريدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 8. ئاپتۇر ئ
24、ۆز خەلقىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى، پەقەت خەلقنىڭلا ئەڭ ئادىل باھاچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەيلى باشقىلار قانداق باھا بەرسۇن ئەڭ ئاخىرقى ھېساپتا خەلقنىڭ باھاسىنىڭ ئەڭ توغرا، ئەڭ ئادىل ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يۇقارق
25、ى مەزمۇنلارنى يەتكۈزۈشتە ئوقوغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئىكراندا كۆرسۈتۈش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش، پىكىر بايان قىلدۇرۇش، چۈشەندۈرۈش، خۇلاسىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق يەتكۈزىلىدۇ.
26、 تاپشۇرۇق: شىئېرنىڭ مەركىزى ئىددىسىنى تەھلىل قىلىپ كىلىڭ دوسكا لاھىيەسى : 22. ئالەم ئالتۇن چايقايدۇ مۇھەممەتجان راش
27、ىدىن 1. ئاپتۇرنىڭ ھاياتى پائالىيىتى ھەققىدە. 2. يىڭى سۆزلەرگە ئىزاھات. 3. ھەر
28、 بىر كوپلىت شىئېر ئۈستىدە تەھلىل
29、 دەرستىن كىيىنكى ئويلۇنۇش:
30、
31、
32、
©2010-2025 宁波自信网络信息技术有限公司 版权所有
客服电话:4009-655-100 投诉/维权电话:18658249818