收藏 分销(赏)

生物侵略者.docx

上传人:仙人****88 文档编号:9149529 上传时间:2025-03-15 格式:DOCX 页数:7 大小:25.65KB 下载积分:10 金币
下载 相关 举报
生物侵略者.docx_第1页
第1页 / 共7页
生物侵略者.docx_第2页
第2页 / 共7页


点击查看更多>>
资源描述
8- يىللىق 2- مەۋسۇم تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ بىر سائەتلىك دەرس لايىھەسى 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى دەرس تېمىسى 13. بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار (چۈشەندۈرۈش ماقالىسى) _ مېي تاۋ دەرس تىپى : تەھلىل ، مۇلاھىزە دەرسى ئوقۇتۇش نىشانى : 1. بىلىم ۋە ماھارەت 1.) تېكىستتىكى "بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار" ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىگەللەش 2.) تېكىستتە قوللىنىلغان چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئىگەللەش 3.) ئەسەرنىڭ يېزىلىش تەرتىپىنى ئىگەللەش 2. ئۇسۇل ۋە جەريان ئوقۇش،ئاڭلاش، قىياس قىلىش، سېلىشتۇرۇش، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش قاتارلىق ئۈگىنىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئاپتۇرنىڭ ئەسەردە ئىپادە قىلماقچى بولغان مەقسەت- مۇددىئاسىنى چۈشىنىش 3. ھېسسىيات ، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشى نىشانى ئېكولوگىيە مەسىلىسىدىكى ھەر بىر مەسىلىنىڭ مۇھىملىغىنى ھېس قىلدۇرۇپ،ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا كۆڭۈل بۆلۈش ئېڭىنى ئويغىتىش، ئىلىم- پەن سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئىلىم-پەننى سۆيۈش ،ئىلىم – پەنگە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى يېتىلدۈرۈش. مىللەتلەرئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىغىنى ھېس قىلدۇرۇش. مۇھىم نوقتا :" بىئولوگىيەلىك تاقاۋۇزچىلار " غا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىگەللەش ،ئاپتۇرنىڭ ئەسەردە ئىپادە قىلماقچى بولغان مەقسەت- مۇددىئاسىنى چۈشىنىش، ئېكولوگىيە مەسىلىسىدە ھەر بىر مەسىلىنىڭ مۇھىملىغىنى چۈشىنىش. قىيىن نوقتا: تېكىستتە قوللىنىلغان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ، ئەسەرنىڭ يېزىلىش تەرتىپىنى ئىگەللەش. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: يېتەكلەش ،ئىلھاملاندۇرۇش،لېكسىيە . ئۈگىنىش ئۇسۇلى: مۇستەقىل ئۈگىنىش،ھەمكارلىشىپ ئۈگىنىش ، ئىزدىنىپ ئۈگىنىش . ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى : كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسى، دەرسلىك دېتالى ئۈگىنىش ئۇسۇلى: مۇستەقىل ئۈگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۈگىنىش،ئىزدىنىپ ئۈگىنىش ئوقۇتۇش جەريانى دەرس باشلاشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى چۆچەك ئېيتىپ بېرىلىپ،ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بېرىلىدۇ. "بىر دۆلەتمەن ئائىلە بار بولۇپ،بۇ ئائىلە كۆپ بالا- چاقىلىق نەۋرە- چەۋرىلىك بولۇپ،ناھايتى خۇشال –خۇرام تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. چۈنكى بۇ ئائىلىگە بەخت قۇشى قونۇپ، ئۇزۇن يىل تۇرغانىكەن. بىر كۈنى بەخت قۇشى ئائىلە باشلىقىغا: _ مەن سىلەرنىڭ ئۆيدە ئۇزۇن تۇردۇم، كېتىدىغان ۋاقتىممۇ بولۇپ قالدى. مەن كېتىشتىن بۇرۇن مەندىن سوراپ ئېلىپ قالىدىغان نەرسەڭلار بولسائېلىپ قالساڭلار،_ دەپتۇ. _ئۇنداق بولسا ،ماڭا ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بەرسىلە، مەن ئۆيدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ،ئاندىن ساڭا جاۋاپ بېرەي،_ دەپتۇ ئائىلە باشلىقى. ئائىلە باشلىقى ئائىلىسىدىكىلەرنى يىغىپ، بولغان ئەھۋالنى دەپتۇ. ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ ،بىرى قوي – كالا ئېلىپ قالايلى دېسە،بىرى كاتتا دۇكان ئېلىپ قالايلى، دەپتۇ. يەنە بىرى ئالتۇن –كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت ئېلىپ قالايلى، دەپتۇ،يەنە بىرى بولسا ... دەپتۇ.ئۇلار ئككى كۈن تالاش - تارتىش قىلىپ ، بىرلىككە كېلەلمەپتۇ. ئائىلە باشلىقى ئۇيان ئويلاپ ،بۇيان ئويلاپ،ئايالىدىن سوراپتۇ: _ بۇ مەسلىھەتكە قاتناشمىغانلارمۇ بارمۇ ؟ _ يېڭى كېلىن قاتناشمىغان،_ دەپتۇ ئايالى. ئۇلار يېڭى كېلىننى مەسلىھەتكە چاقىرىپ،بولغان ئەھۋالنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. كېلىن كۆپ ئويلانمايلا : _ بەخت قۇشىدىن ئىتتىپاقلىقنى سوراپ قالايلى،ئىتتىپاقلىق بولسىلا، ھەممە ئىشىمىز راۋاج تاپىدۇ، ئۆيىمىزگە بەرىكەت ياغىدۇ. جىدەل- ماجرادىن خالىي بولۇپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىمىز،_ دەپتۇ. ئاتا ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ. _ مانا ئەمدى بەخت قۇشىدىن سوراپ قالىدىغان نەرسىمىز تېپىلدى،_ دەپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى بەخت قۇشى كېلىپ : _ مەندىن نېمىنى سورىماقچى بولدۇڭلار؟_ دەپ سوراپتۇ. _بىز ئىتتىپاقلىقنى سورىماقچى بولۇپ مەسلىھتلەشتۇق،بىزگە ئىتتىپاقلىقنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولسىلا،_ دەپتۇ ئائىلە باشلىقى. _ مېنىڭ سىلەردىن ئېلىپ كەتمەكچى بولغىنىممۇ ئىتتىپاقلىق ئىدى، بۇنى سورىساڭلار بېرەي،ئەمما مەن ئىتتىپاقلىقتىن ئايرىلالمايمەن،شۇڭا مەنمۇ كەتمەي ،چۈنكى ئىتتىپاقلىق _ بەخت ئەمەسمۇ،_ دەپتۇ بەخت قۇشى،ھەم بۇ ئائىلىدە تۇرۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇئائىلىدىكىلەر ئىنتايىن بەختلىك تۇرمۇش كەچۇرۇپتۇ." 1.) بەخت قۇشى نېمەئۈچۈن" مەن ئىتتىپاقلىقتىن ئايرىلالمايمەن " دەيدۇ؟ 2.) سىز يۇقارقى چۆچەكتىن نېمىنى چۈشەندىڭىز؟بۇندىن كېيىن قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسىز؟ دېمەك،نەدە ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق بولىدىكەن،"بەخت قۇشى" شۇ يەرگە قونىدۇ،ئامەت، تەرەققىيات، سائادەت شۇيەردە بولىدۇ. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش ئالدىنقى سائەتلىك دەرس مەزمۇنىنى تەكرارلاش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى دەرس مەزمۇنىغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كىرىش ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ. يېڭى بىلىم ئۈستىدە ئىزدىنىش ئوقۇغۇچىلار ئەسەرنى ئابزاسلار بويىچە بايان قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ. تېكىست قانچە ئابزاسقا بۆلۈنگەن، ھەر بىر ئابزاستا نېمىلەر يېزىلغان؟ ئەسەر سەككىز ئابزاسقا بۆلۈنگەن. 1 - ئابزاستا،يول بويىدىكى چىملىقتا ياكى ھويلىلاردا پەيدا بولۇپ قالغان بىر –ئككى تال قوڭغۇزلارغا قارىتا ئادەتتتىكى كىشىلەر بىلەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلىرى ئارقىلىق سۆز تېمىسى _ "بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار" نى ئوتتۇرىغا چىقارغان ھەم نېمىنىڭ "بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار" ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. 2-ئابزاستا،قۇرۇقلۇق قاتنىشى ۋە دېڭىز قاتنىشى تەرەققىي قىلمىغان دەۋلەردە ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئانچە زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغانلىقى،جانلىقلارنىڭ تەبىئىي شارائىتتىكى كۆچۈشى ۋە كۆپىيىشىنىڭ ناھايتى ئاستا بولىدىغانلىقىنى،شۇڭا ئېكولوگىيەلىك سېستىمىنىڭ ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقى يېزىلغان. 3-ئابزاستا، بىر خىل تۈرنىڭ يېڭى مۇھىتتا ئوخشاش ئوزۇقلانغۇچىلار رىقابىتى ۋە كۈشەندىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىسا، ئۇنىڭ ئەركىن –ئازادە كۆپىيەلىشىدە گەپ يوق دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ ،چىپار قۇلۇلە،ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قوڭغۇز ۋە قىزىل چۈمۈلىنى ۋە ئۇلارنىڭ كەلتۈرگەن زىيانلىرىنى مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرگەن. 4- ئابزاستا،"بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار"نىڭ تۈرلەرنىڭ كۆپ خىللىقىغا كەلتۈرىدىغان تەھدىتى پالما دەرىخى يىلىنىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەن. ھەم بىئولوگلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاگاھلاندۇرىشى يېزىلغان. 5 – ئابزاستا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ "بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار"نىڭ كۆپىيىپ كېتىش سەۋەبى توغرىسىدىكى قاراشلىرى، "بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار"نىڭ كۆچۈشىنى پەيدا قىلىدىغان يوللار ئەمىلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەن. 6 – ئابزاستا،بىئولوگلارنىڭ "بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار" نىڭ يېڭى مۇھىتقا كۆنۈشى ۋە ھەسسىلەپ كۆپىيىشىگە بولغان كۈچلۈك ئەندىشىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 7- ئابزاستا،مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جانلىقلار تۈرىنىڭ كۆچىشىگە تۇتقان ئىككى خىل پوزىتسىيەسى يېزىلغان. 8 – ئابزاستا،نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ "بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار"غا قوللانغان تەدبىرلىرى يېزىلغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋاپلىرى ئومۇملاشتۇرلىدۇ.ھەمدە بۇ ئاساستا ئەسەرنىڭ يېزىلىش تەرتىپى ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىپ،ئوقۇتقۇچى خۇلاسە قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى سۇئاللار ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە يېتەكلىنىدۇ. 1 . "بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار" دېگەن نېمە؟ 2. تېكىستتە قايسى "بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار" تىلغا ئېلىنغان؟ ئۇلار قەيەردىن قەيەرگە، قاننداق سەۋەپ ، قانداق يوللار ئارقىلىق كۆچۈپ كەلگەن؟ ئۇلار ئىنسانىيەتكە قانداق زىيانلارنى كەلتۈرگەن؟ تۈرلەرنىڭ كۆپ خىللىقىغىچۇ؟ ئايرىم- ئايرىم چۈشەندۈرۈڭ. (ئېكراندا تېكىستتە تىلغا ئېلىنغان "بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار " نىڭ رەسىمى كۆرسىتىلىدۇ) 3. سىز يەنە قانداق "بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار"نى بىلىسىز؟ ئۇلارنىڭ قانداق زىيىنى بار؟ (ئېكراندا "ئوزۇقلۇق زەنجىرى"نىڭ سېخىمىسى كۆرسىتىلىپ كۆزەتكۈزۈلۈپ، بىر خىل تۈرنىڭ قانداق شارائىتتا چەكلىمىسىز،ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئىگەللىتىلىدۇ) . 4. تېكىستتە تىلغا ئېلىنغان چىپار قۇلۇلە، ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قوڭغۇز، قىزىل چۈمۈلە ، پالما دەرىخى يىلىنى قاتارلىق "بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار"نىڭ شۇنچە كۆپىيىپ كېتىشىدىكى،ئىنسانلارنىڭ ئۇلارغا ئامال قىلالماسلىقىدىكى سەۋەپنى نېمە دەپ چۈشەندىڭىز؟ 5. . تېكىستتە بىئولوگ ۋە ئېكولوگلار " بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار" نىڭ كۆپىيىپ كېتىش سەۋەبىنى نېمە دەپ كۆرسەتكەن؟ 6 . تېكىستتە جانلىقلار تۈرىنىڭ كۆچىشىگە قارىتا بىئولوگىيە ۋە ئېكولوگىيە ساھەسىدىكى ئالىملارنىڭ قانداق پوزىتسىيەسى ئىپادىلەنگەن؟ سىزچە قايسى خىل قاراش توغرا ؟نېمە ئۈچۈن؟ ئوقۇغۇچىلار يۇقارقى مەسىلە ئۈستىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلىنىدۇ. يېڭى بىلىمنى كېڭەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش تېكىست قانداق ژانىردىكى ئەسەر؟ نېمە ئۈچۈن؟ تېكىستتە چۈشەندۈرۈشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان؟ ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، تېكىستتە قوللىنىلغان چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىشقا، بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى ئومۇملاشتۇرىدۇ. دېمەك ئەسەردە چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرىدىن ئېنىقلىما بېرىش، مىسال كەلتۈرۈش،ئوخشىتىش،سانلىق مەلۇمات كەلتۈرۈش،سېلىشتۇرۇش قاتارلىقلار قوللىنىلغان. پائالىيەت ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىلار بويىچە"بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار"غا قارشى بىردىن تەدبىر ئويلىنىشقا تەشكىللىنىپ، ھەر بىر گۇرۇپپىلار بويىچە تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلىنىدۇ. خۇلاسە سىز بۇ ئەسەردىن ئاپتۇرنىڭ قانداق مەقسەت- مۇددىئاسىنى چۈشەندىڭىز؟ سىز بۇندىن كېيىن قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسىز؟ تاپشۇرۇق 1. ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى پۇختا ئۈگىنىپ كېلىش. 2. مەشق تاپشۇرىقىنى ئىشلەپ كېلىش. 3. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقامۇناسىۋەتلىك ماقال- تەمسىلدىن ئۈچنى يېزىپ كېلىش دوسكا لايىھەسى 13.بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار (چۈشەندۈرۈش ماقالىسى) _ مېي تاۋ ئەسەرنىڭ يېزىلىش تەرتىپى "بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار" خەۋپى " بىئولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلار"نىڭ كۆپىيىشىدىكى سەۋەپ ۋە كۆچۈش يوللىرى ئالىملارنىڭ ئوخشاش بولمىغان پوزىتسىيىلىرى ھەلقىلىش تەدبىرلىرى يەنى، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەسىلىنى تەھلىل قىلىش مەسىلىنى ھەل قىلىش دەرستىن كېيىنكى تەسىرات:
展开阅读全文

开通  VIP会员、SVIP会员  优惠大
下载10份以上建议开通VIP会员
下载20份以上建议开通SVIP会员


开通VIP      成为共赢上传

当前位置:首页 > 教育专区 > 其他

移动网页_全站_页脚广告1

关于我们      便捷服务       自信AI       AI导航        抽奖活动

©2010-2025 宁波自信网络信息技术有限公司  版权所有

客服电话:4009-655-100  投诉/维权电话:18658249818

gongan.png浙公网安备33021202000488号   

icp.png浙ICP备2021020529号-1  |  浙B2-20240490  

关注我们 :微信公众号    抖音    微博    LOFTER 

客服