收藏 分销(赏)

.为人民服务

上传人:仙人****88 文档编号:8891024 上传时间:2025-03-06 格式:DOCX 页数:57 大小:2.28MB 下载积分:10 金币
下载 相关 举报
.为人民服务_第1页
第1页 / 共57页
.为人民服务_第2页
第2页 / 共57页


点击查看更多>>
资源描述
دەرس تېمىسى: 1. سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە ماۋدۇن دەرس تىپى: ئوقۇشلۇق دەرسى ،ئىلكتىرلىك ئوقۇتۇش نىشانى: 1›بىلىم ۋە ئىقتىدار- ئاپتور بىلەن تونوشۇش، چۈشنىكسىز سۆزلەرنى ھەل قىلىش، سىمىۋوللۇق ئوبرازلار ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىش. 2›ئۇسۇل ۋە جەريان- ئەسەر باش تېمىسى ۋە سىمىۋوللۇق ئوبرازلارنى مەركەز قىلىپ، مەسىلە ھەل قىلىشقا يېتەكلەش. 3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- تېكىستتىن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى تاپالايدىغان ۋە ئەملىيەتتە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش.ئىنقىلابىي ئىرادە ۋە تىل مۈمكىنچىلىكىدىن توغرا پايدىلىنىش قارىشىنى يېتىلدۈرۈش. مۇھىم نۇقتا: ئوقۇغۇچلارغا بۇ ئەسەر نەسىرنىڭ قايسى تۈرىگە كىردىغانلىقىنى بىلىش ۋە لىرىك نەسىرنىڭ قانداق يېزىلدىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىنى بىلىش.سىمىۋوللۇق ئوبرازلار ئۈستىدە مۇھاكىمە. قىيىن نۇقتا: سىمىۋوللۇق ئوبرازلار ئۈستىدە مۇھاكىمە. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:ئوقۇشقا يىتەكلەش ،قوزغىتىش ،ئەسلىتىش ،ئاپتۇرنىڭ ھاياتى پائالىيىتىنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇش ،نەزەرىيە بىلملەرنى ئەسلىتىش ،ئەملى مىسال كەلتۇرۇش ،مەشىقلەندۇرۇش . ئۆگۇنۇش ئۇسۇلى : ئوقۇش ،چۇشنىش ،ئەسلەش ،تىكىستىكى ئاتالغۇرلار ئۇستىدىكى بىلملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تەھلىل قىلىش ،ئىزدىنىش ،مەشىق ئىشلەش. ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك، ئاپتور ۋە سۇۋادان تېرەكنىڭ سۈرىتى، «تېرەك بوستان» ناملىق ناخشا. تەييارلىق سىنقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: سىلەر تېرەكنىڭ قانداق تۈرلىرىنى بىلىسىلەر؟ سۇۋادان تېرەكنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ يۇرتىمىزدا بارمۇ؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتى سۇۋادان تېرەككە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەرسكە ئاساس سېلىنىدۇ. 1›بۇ تېكىستنىڭ ژانېرى نېمە؟ ئاپتورى كىم؟ نەدىن؟ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئوتتۇرغا قويۇڭ؟ ژانېرى لىرىك نەسىر. ئاپتورى ماۋدۇن(1896-1881). ماۋدۈن جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، ئۇلۇغ ئىنقىلابىي يازغۇچى. ئۇنىڭ «تۈن يانغاندا»، «چىرىتىش»، «ھەسەن-ھۈسەن» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭ نامىدىكى «ماۋدۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتىدۇر. 2› چۈشەنمىگەن سۆز-جۈملىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇڭ؟ بۇ ئارقىلىق تېكستتىكى مەنىسى چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنىڭ مەنىسى توغرا ئىزاھلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېكستنى توغرا چۈشۈنىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ. نەسىر ھەققىدە چۇشەنچە مەزمۇنى ،شەكلى ،تىلى ،ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئەڭ ئەركىن ،ئەڭ جانلىق ئەڭ ئىخچام ،ئاڭ ئەركىن ،ئەڭ ئاز چەكلىمىگە ئۇچىرايدىغان ئەدەبى ژانىرىنى كۆرسىتىدۇ. لىرىك نەسىرخاراكتىرجەھەتتىن ئىپك نەسىر مۇھاكملىك نەسىر لىرىك نەسىر: ئاپتۇرنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان تەسراتنى لىرىك ھىسيات بىلەن ئىپادە قىلىدىغان نەسىرنى كۆرسىتىدۇ. ئىپك نەسىر:ئادەم ،ۋەقە،ئىشلارنى تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلغان نەسرنى كۆرسىتىدۇ. مۇھاكملىك نەسىر:مۇھاكىمە بىلەن باياننى ئاساسى ئىپادىلەش ئۇسۇلى قىلغان ھەم سىياسى ھەم ئەدەبى خاراكتىرلىك نەسىرنى كۆرسىتىدۇ. 3› ئاپتور سۇۋادان تېرەكنى قايسى جەھەتتىن مەدھىيلىگەن؟ ئۇ قايسى دەرەخ بىلەن سېلىشتۇرۇلغان؟ ئۇلار كىملەرگە سىمىۋول قىلىنغان؟ ئوقۇتقۇچى سۇئال قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېكىست ئاساسىدا، ئاپتورنىڭ سۇۋادان تېرەكنى ياپونغا قارىشى ئىنقىلابىي روھنىڭ سىمىۋولى سۈپىتىدە مەدھىيلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ نەنمۇ دەرىخى بىلەن سېلىشتۇرغانلىقىنى؛ سۇۋادان تېرەكنىڭ غەرىبىي شىمالدا ياپونغا قارىشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئىنقىلابچىلارغا، نەنمۇ دەرىخىنىڭ ئىنقىلابتىن قورقىدىغان تەييارتاپ كىشىلەرگە سىمىۋول قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەر باش تېمىسىغا بولغان تونۇشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، سىمىۋوللاشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەش قابىليىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. مۇستەھكەملەش مەشقى : نەسىر ( مەزمۇنى) ،(شەكلى )،(تىلى )،ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە( ئەڭ ئەركىن) ،(ئەڭ جانلىق )ئەڭ (ئىخچام) ،ئەڭ (ئەركىن) ،ئەڭ ئاز چەكلىمىگە ئۇچىرايدىغان ئەدەبى ژانىرىنى كۆرسىتىدۇ. نەسىر خاراكتىر جەھەتتىن ( لىرىك نەسىر )، ( ئىپك نەسىر )،( مۇھاكملىك نەسىر ) دەپ ئۇچ تۇرىگە بۆلىنىدۇ. تاپشۇرۇق: ئۆز يۇرتۇڭىزدىكى سىزگە تونۇشلۇق بولغان دەرەخنى تەسۋىرلەپ بىر پارچە تەسۋىر يېزىپ كېلىڭ. دوسكا لاھىيىسى: 1. سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە 1› ئاپتور بىلەن تونوشۇش. 2› چۈشنىكسىز سۆزلەرنى ھەل قىلىش. 3›نەسىر توغرسدا چۇشەنچە 4› سىمىۋوللۇق شەيئىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە. دەرستىن كېيىنكى تەسرات: 1. سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە ماۋدۇن دەرس تىپى: ئىزدىنىش ۋە مەشىق ،ئىلكىتىرلىك،كوللىكىتىپ. ئوقۇتۇش نىشانى: 1›بىلىم ۋە ئىقتىدار- بۇ تېكىستە قانداق مەزمۇن سۆزلەنگەنلىكىنى، سۇۋادان تېرەكنىڭ قانداق ئادەملەرگە سىمۋول قىلىنغانلىقىنى چۈشىنىش.ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ رولنى چۈشىنىش. 2›ئۇسۇل ۋە جەريان- ئەسەر باش تېمىسى ۋە سىمىۋوللۇق ئوبرازلارنى مەركەز قىلىپ، مەسىلە ھەل قىلىشقا يېتەكلەش. 3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- تېكىستتىن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى تاپالايدىغان ۋە ئەملىيەتتە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش.ئىنقىلابىي ئىرادە ۋە تىل مۈمكىنچىلىكىدىن توغرا پايدىلىنىش قارىشىنى يېتىدۈرۈش. مۇھىم نۇقتا:سىمۇل ۋە سىمۇللۇق ئوبرازلارنى تەھللىل قىلىش ، تىلنىڭ ئىپادىلەش كۇچىنى بىلۋىلىش. قىيىن نۇقتا: ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى لىرىك نەسىر يازالايدىغان بولۇش ، ئەمەلىي مەشق. ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك، سۇۋادان تېرەكنىڭ رەسىمى،PPTھۆجىجىتى. ئۇسۇل: تېكىست ئاساسىدا مەسىلە قويۇپ يېتەكلەش. تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: نەسىر دىگەن نىمە ؟ تۇرلىرنى ئىيىتىپ بىرەلەمسىز؟ ئالدىنقى دەرسنى ئەسلىتىش ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. يېڭى دەرس ئوقۇتۇش جەريانى: بۇ لىرىك نەسىردە سۇۋادان تېرەكنىڭ خاسىيەتلىك خىسلىتىنى: (1) ئۆسۈش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى، (2) سىرىتقى كۆرۈنۈشتىكى ئالاھىدىلىكى، (3) ئۆزىگە خاس ئىچكى گۈزەللىك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى تېكىستنىڭ قايسى ئورۇنلىرىدا تەسۋىرلەنگەنلىكىنى تېپىپ چىقىڭلار. بۇ سۇئال ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا سۇۋادان تېرەكنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېپىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئاپتۇرنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۇرۇش بىلەن بىرلىكتە سۇۋادان تېرەكنىڭ قانداق كىشىلەرنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ قانداق كىشىلەردىن بولۇشى لازىملىقى ھەققىدە تەربىيە بىرىلىدۇ. 1› ئەسەردە «سۇۋادان تېرەك غەرىبىي شىمالدىكى ئادەتتىكى بىر دەرەخ، لېكىن، ھەقىقەتەن خىسلەتلىك دەرەخ» دېگەن جۈملە تەكىتلەنگەن. سىلەرچە بۇ جۈملىدىكى «ئادەتتىكى»، «خىسلەتلىك» دېگەن سۆزلەر بىر-بىرىگە زىتمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ ئوقۇتقۇچى سۇئال قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىدە بۇ ئىككى سۆزنىڭ بىر-بىرىگە زىت ئەمەسلىكىنى، «ئادەتتىكى» سۆزى ئىنقىلابچىلارنىڭ ئاددىي-ساددا خارەكتېرىنى ئىپادىلىسە، «خىسلەتلىك» سۆزى ئىنقىلابچىلاردىكى ئېگىلمەس-سۇنماس ئىنقىلابىي روھنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ئاپتورنىڭ تىل ئىشلىتىش ماھارىتىگە قارىتا ھېسسىي چۈشەنچە شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق، ئەمەلىي تۇرمۇشتا تىلنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىدىن لايىقىدا پايدىلىنىش قارىشى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. 2› سىلەر تېكىستتىن خالىغان بىر سۆزنى ئېلىپ، ئۇنى مۇستەقىل ۋە ياردەمچى مورفېمىلارغا ئايرىپ بېقىڭلار؟ ئوقۇتقۇچى سۇئال قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېكىستتىن خالىغان بىر سۆزنى ئېلىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلىشى ئارقىسىدا ئۇنى مۇستەقىل ۋە ياردەمچى مورفېمىلارغا ئايرىپ چىقىدۇ، ئوقۇتقۇچى كۆرۈپ، خاتا جايلىرىغا قارىتا كۆرسەتمە بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن ئۇيغۇر تىلى بىلىمى مۇستەھكەملىنىدۇ.  سۆز ۋە ئۇنىڭ مەنىلىك بۆلەكلىرى(مورفىما) مورفما ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى مورفىما تىلدىكى يەنى مەنىلىك بۆلەككە ئاجراتقىلى بولمايدىغان مەنە ئىپادىلىگۈچى ئەڭ كىچىك بىرلىك. ئالاھىدىلىكى: بەزىدە بىر فونىما بىر مورفىما بولىدۇ،م:قارا-ي=قاراي... بەزى مورفىمىلار مۇستەقىل مەنە بىلدۈرىدۇ،بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مەنە بىلدۈرەلمەيدۇ.يۇقارقى مىسالدىكى ئاستى سىزىلغىنى مۇستەققىل سۆز  مەنە بىلدۈرەلمەيدۇ. مورفىما سۆز ھاسىل قىلغۇچى ئاساسلىق ئامىل، مورفىمىلار بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كىلەلەيدۇ.م:يات-اق-لار-غا=ياتاقلىرىمىزغا.... مورفىمىنىڭ تۈرلىرى:رولى ئىقتىدارىغا ئاساسەن مۇستەققىل مورفىما(باش مورفىما)،ياردەمچى مورفىما(ئەگشمە مورفىما)دەپ ئىككى تۈرگە بولىنىدۇ، مۇستەققىل مورفىما جۈمىلىدە مۇستەققىل قوللىنىشقا بولىدىغان ۋە باشقا مورفىمىلارنىڭ بىرىكىشى ئۈچۈن ئاساس بولىدىغان مورفىما. م:  «ئىمتىھان بار»دىگەن جۈملىدىكى ھەربىر سۆز مۇستەققىل مورفىما ھىسابلىنىدۇ.ياردەمچى مورفىما مۇستەققىل قولىنىشقا بولمايدىغان مۇستەققىل مورفىمىلار بىلەن بىرىكىپ مەلۇم مەنە ئىپادىلەيدىغان مورفىما. م: زاۋۇتتا ئىشچىلار ئىشلەيدۇ. سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشى ئەگشمە مورفىمىلار رولىغا قاراپ ياردەمچى سۆزلەر ۋە قوشۇمچىلار دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئۆز ئالدىغا ئايرىم تۇرۇپ بەلگىلىك لىكسىكىلىق مەنە بىلدۈرمەيدىغان، سۆز يىلتىزىغا ئۇلىنىپ مەلۇم لىكسىكىلق  مەنە ياكى  گىرامماتىكىلىق  مەنە ئىپادىلەيدىغان تەركىبلەر قوشۇمچە دەپ ئاتىلىدۇ .   م :-پەرۋەر،-نا،-دان،-زار،-خور... ياردەمچى مورفىمىنىڭ تۈرلىرى:سۆز ياسىغۇچى مورفىما(سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە)سۆزلەرگە قوشۇلۇپ يېڭى سۆز ياسايدىغان قوشۇمچىلارسۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار دەپ ئاتىلىدۇ.م:ئىش-چى؛تەلەي-لىك؛... سۆز تۈرلىگۈچى مورفىما (سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە) سۆزلەرگە قوشۇلۇپ ئۇنىڭ لىكسىكىىلق مەنىسىنى ئۆزگەرتمەي،ئۇنىڭغا مەلۇم لىكسىكىلىق مەنە قوشىدىغان قوشۇمچە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە   دەپ ئاتىلىدۇ.ئىسىمنىڭ شىەخىس، كىلىش،سان،قوشۇمچىللىرى،سۈپەتنىڭ دەرىجە ياسىغۇچى قوشۇمچىلىرى،پېئىللارنىڭ زامان،شەخس،راي قوشۇمچىللىرى...قاتارلىقلار سۆز تۈرلىگۈچى مورفىمىدۇر؛م:ئۆي-لەر،بازار-غا... سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە بىلەن سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىنىڭ پەرقى: سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار سۆز يىلتىزىغا قوشۇلۇپ يېڭى لىكسىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى بارلىققى كەلتۈرىدۇ.م:ئورۇن-دۇق=ئورۇندۇق،نەمۇنە-چى=نەمۇنىچى.... سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار سۆز يىلتىزىغا لىكسىكىلىق مەنە قوشماي،،پەقەت سۆزنىڭ جۈملىدىكى مۇناسىۋىتىدىن ھاسىل بولغان گىرامماتىكىلق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.م:دەپتەر-ى=دەپتىرى،قارار-ى،قارارى...  مۇستەھكەملەش مەشقى : مورفىما رولى ئىقتىدارىغا ئاساسەن (مۇستەققىل مورفىما(باش مورفىما)) ،(ياردەمچى مورفىما(ئەگشمە مورفىما)دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ، تاپشۇرۇق: دوسكا لاھىيىسى: 1. سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە 1› سىمۇل ۋە سىمۇللۇق ئوبرازلارنى تەھللىل قىلىش ، تىلنىڭ ئىپادىلەش كۇچىنى بىلۋىلىش. 2› مورفېما توغرىسىدا ئەمەلىي مەشق. دەرستىن كېيىنكى تەسرات: 2-ھەپىتە 3-سائەتلىك دەرس دەرس ۋاقىتى: 2016-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى دەرس تېمىسى: 2.ئىرەن ياپرىقىغا مەدھىيە مىڭ چاۋ دەرس تىپى: ئوقۇشلۇق مۇھاكىمە خارەكتىرلىك دەرس ئوقۇتۇش نىشانى: 1›بىلىم ۋە ئىقتىدار- ئاپتور بىلەن تونوشۇش، ئەسەرنى ھىسياتلىق ئوقۇش ،چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنى تىپپ چىقىپ توغرا ھەل قىلىش،ئىرەن دەرىخى ھەقىقىدە يىڭى بىلمگە ئىگە بولۇش. 2›ئۇسۇل ۋە جەريان- ئاپتۇرنىڭ ئىرەن ياپرىقىنى قايسى تەرەپلەردىن تەسۋىرلىگەنلىكىنى ،ئىستلىستىكلىق ۋاستىلەرنىڭ رولى ئارقلىق ئوبرازلىق ئىپادىلەش مەقىسىتىگە يەتكەنلكىنى سۆھبەت ۋە مۇلاھىزگە يىتەكلەش ئاساسدا ئاساسى مەزمۇن يەتكۇزلىدۇ ،ئىرەم دەرخىگە مۇناسۋەتلىك رەسىملەرنى كۆرسىتىش ئارقلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۇشەنچىسى يۇقۇرى كۆتىرلىدۇ. 3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى-ئىرەن يۇپۇرمىقىنىڭ كىشلەرگە ئىستىتىك زوق ئاتا قىلشتىكى بىردەملىكىنى تەسۋىرلەش ئاساسدا ئۇنىڭىدىكى سىمۇللۇق مەنىنى چۇشنىنىش ،تۇرلۇك قىيىنىچىلققا دادىل يۇزلىنىپ ئۆز خىزمىتىنى بەجاندىل قىلۋاتقان ئەمگەكچان كىشلەردىن بولۇش روھنى ئۆزىدە يىتىلدۇرۇش ھەقىقىدە تەربىيە بىرلىدۇ. مۇھىم نۇقتا: ئەسەرنىڭ ژانىرى ،ئاپتۇرنىڭ ھاياتى –پائالىيىتى ،ئەسەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ئىگە للەش ،چۇشنىكسىز سۆزلەر ھەقىقىدە ئىزدىنىش ،ئاپتۇرنىڭ ئىرەن ياپرىقىنى ماختاشتىكى مۇددىئادسنى بىلۋىلىش. قىيىن نۇقتا: ئەسەردىكى ئىستىلستىكلىق ۋاستىلەر ھەم ئۇلار ھەقىقىدە بىرىش ،سىمۇللۇق ئوبراز ئۇستىدە تەھللىل ئىلىپ بىرىش . ئوقۇتۇش ئۇسۇلى : تىكىستىنى ئەستايىدىل ئوقۇشقا يىتەكلەش ،چۇشەندۇرۇش ،يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى ھەقىقىدە ئىزدىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇش. ئۆگۇنۇش ئۇسۇلى : ئوقۇش ،چۇشەنچىسنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يىتەكلەش ،مۇھاكىمە قىلش مۇستەھكەملەش ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسىكەمۇناسىۋەتلىك سۈرئەتلەر . ئۇسۇل: ئەمەلىيەتكە باغلاپ چۈشەندۇرۇش. تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: سىلەر سۇۋادان تىرەك توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىلەر؟ › ئاپتور سۇۋادان تېرەكنى قايسى جەھەتتىن مەدھىيلىگەن؟ ئۇ قايسى دەرەخ بىلەن سېلىشتۇرۇلغان؟ ئۇلار كىملەرگە سىمىۋول قىلىنغان؟ 2.سىز ئىرەن دەرخى دەپ ئاڭلاپ باققانمۇ؟ بۇ قانداق دەرەخ؟ئاپتۇر نىمە ئۇچۇن ئىرەن ياپرىقىغا شۇنچە مەدھىيە ئوقۇيدىغاندۇ؟ يۇقارقى سۇئال ئارقىلق ئوقۇغۇچىلارنى قىزىقتۇرۇش ئارقلىق يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرلىدۇ. ئاپتۇرنىڭ ھاياتى –پائالىيىتى ھەقىقىدە چۇشەنچە بىرلىدۇ. مىڭ چاۋ (1902-1976) شەندۇڭدا تۇغۇلغان .مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن :جىخۇينىياڭ تارىخى ئەسىرى بار. 2-قەدەمدە : تىكسىت ئوقۇپ چىقىلىدۇ ۋە تىكىست ئىچىدىكى مەنىسىنى چۇشنىش قىيىن بولغان سۆزلەر ھەقىقىدە تەپسلى چۇشەنچە بىرلىدۇ. يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى: 1. مۇجەسسەملەنگەن:-توپلانغان ،يىغلىغان. 2. ئۆڭمەس:-ئۆچمەس 3. خۇمار بولۇش:-ئاشىق بولۇش ،ياخشى كۆرۇش 4. ھەييات :-چىرايىلىق 5.ئىرەم دەرىخى:بىر خىل دەرەخنىڭ تۇرى خەنزۇچە (枫树) دىگەن نام بىلەن ئاتلىدۇ،بۇ خىل دەرەخ كۆز پەسلىدە يۇپۇرماقلىرى قىزىل رەڭگە كىرىدۇ. 6.ياپراق: -يۇپۇرماق يۇقارقىلارنى چۇشەندۇرگەندىن كىيىن دەرسكە مۇناسۋەتلىك رەسىملەرنى توردىن كۆرۇشكە ئۇيۇشتۇرۇش ئارقلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ تىكىتىنىڭ ماۋزۇسىغا ھەم مەزمۇنىغا بولغان چۇشەنچىسىنى ئۆستۇرىمەن. 3.قەدەمدە ئوقۇغۇچىلاردىن دەرسكە مۇناسۋەتلىك سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزدەشكە ئۇيۇشتۇرىمەن. 1.ئاپتۇر ئىرەن ياپرىقىنىڭ قىزىللىقىنى نىمگە ئوخشاتقان ؟ بۇنىڭىدىن ئاپتۇرنىڭ قانداق ھىسياتنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ؟ 2.تىكىستە ئاپتۇر ئىرەن ياپرىقىنىڭ قانداق خىسلىتى ئارقلىق قانداق كىشلەرنى مەدھىيىلىگەن؟ 3.ئەسەردە قوللىنىلغان ئىستىلستىكىلق ۋاستىلەرنى ئىيىتىپ بىرەلەمسىز ؟ ئەملى مىسال بىلەن كۆرسىتىڭ ؟ 4.سىز ئىرەن ياپرىقى ناملىق بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن ژانىرنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالالىدىڭىزمۇ ؟ 5. سىز ئىرەن دەرىخى بىلەن باشقا دەرەخلەرنىڭ قانداق ئوخشاشلىقى ۋە قانداق ئوخشىماسلىقى بارلقىنى ئەملى چۇشەندۇرۇپ بىرەلەمسىز ؟ 6. ئىرەن دەرخنىڭ يوپۇرمىقى كۇز پەسلىدە قىزل ھالەتكە كىلىپ شۇ ھالەتتە قىشنى ئۆتكۇزدىكەن ،باشقا دەرەخلەرنىڭ مۇشۇنداق ئالاھىدىلكى بارمۇ ؟ سىز بۇنىڭىدىن نىمنى ھىس قىلىدىڭىز؟ يۇقارقى سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش ،ئويلىنىش ،چۇشنىش ئىقىتىدارنى يۇقرى كۆتۇرىمەن . دەرسكە مۇناسۋەتلىك مۇستەھكەملەش مەشقىنى ئىشلەپ تىخمۇ ياخشى چۇشەندۇرىمەن. مۇستەھكەملەش مەشقى توغرا جاۋاپنى تاللاڭ 1. ئىرەن ياپىرىقىغا مەدھىيە ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ( ) A.ماۋدۇن b.لىياڭ جىچاۋ c. مىڭ چاۋ 2. ئىرەن ياپىرىقىغا مەدھىيە ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ژانىرى( ) A.ھىكايە b.لىرىك نەسىر c.شېئىر تاپشۇرۇق: دوسكا لاھىيىسى : 2.ئېرەن ياپرىقىغا مەدھىيە مىڭ چاۋ 1.ئاپتۇرنىڭ ھاياتى –پائالىيىتى 2. تىكىستە ئۇچىرىغان يىڭى سۆزلەرگە ئىزاھات 3. تىكىست ھەقىقىدىكى ئىزدىنىش سۇئاللىرى 4. تەسرات سۆزلەش 5. ئەسەردە قوللىنىلىغان ئىستلىستىكلىق ۋاستە دەرستىن كىيىنىكى تەسرات: 2-ھەپىتە 4- سائەتلىك دەرس دەرس ۋاقىتى: 2016-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى دەرس تېمىسى:3.لىجى ھەسلى ياڭ شۇ دەرس تىپى: ئوقۇشلۇق مۇھاكىمە خارەكتىرلىك دەرس ئوقۇتۇش نىشانى: 1›بىلىم ۋە ئىقتىدار- ئاپتور بىلەن تونوشۇش، ئەسەرنى ھىسياتلىق ئوقۇش ،ئەسەرنىڭ ژانىرىنى ھىس قىلىش، چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنى تىپپ چىقىپ توغرا ھەل قىلىش ،لىجى دەرىخى ۋە لىجى ھەسلى توغرىسدا يىڭى چۇشەنچە ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگە ھەسەل ھەرسنىڭ باتۇر ،قەيسەر ، مىھنەتسىز ئەمگەك قىلىدىغان ئالىيجاناپ روھدىن ئۆگۇنۇشكە يىتەكلەش ،ياخشى ئەخلاقى –پەزىلەتنى يىتىلدۇرۇش 2›ئۇسۇل ۋە جەريان- تىكىستىنى ئوقۇپ چۇشەندۇرۇش يىتەكلەش ،قوزغىتىش ،ئىلھاملاندۇرۇش ،ئىزدىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇش ،كۆرسىتىش ،مۇلاھىزە قىلىش ، مۇناسۋەتلىك رەسىملەرنى كۆرسىتىش ئارقلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۇشەنچىسى يۇقۇرى كۆتىرلىدۇ. 3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- تىرشىپ ئىشلەپ ئۆز مىھنىتى بىلەن ئىشلەپ جەمىيەتكە تۆھپە قوشالايدىغان ،ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولۇش تەربىيىسى بىرلىدۇ. ھەسەل ھەرسنىڭ ئادىدا -ساددا روھدىن ئۆگۇنۇشكە يىتەكلەش ،ياخشى ئەخلاقى –پەزىلەتنى يىتىلدۇرۇش ھىسياتى ئۇرغۇتۇلىدۇ. مۇھىم نۇقتا: ئەسەرنىڭ ژانىرى ،ئاپتۇرنىڭ ھاياتى –پائالىيىتى ،ئەسەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ئىگە للەش ،چۇشنىكسىز سۆزلەر ھەقىقىدە ئىزدىنىش ،ھەسەلنىڭ بارلىققا كىلشنىڭ ناھايىتى جاپالىق ،مىھنەتىسىز ئەمگەك ئارقلىق بارلىققا كىلدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش. قىيىن نۇقتا: ئەسەردىكى ئىستىلستىكلىق ۋاستىلەر ھەم
展开阅读全文

开通  VIP会员、SVIP会员  优惠大
下载10份以上建议开通VIP会员
下载20份以上建议开通SVIP会员


开通VIP      成为共赢上传

当前位置:首页 > 包罗万象 > 大杂烩

移动网页_全站_页脚广告1

关于我们      便捷服务       自信AI       AI导航        抽奖活动

©2010-2026 宁波自信网络信息技术有限公司  版权所有

客服电话:0574-28810668  投诉电话:18658249818

gongan.png浙公网安备33021202000488号   

icp.png浙ICP备2021020529号-1  |  浙B2-20240490  

关注我们 :微信公众号    抖音    微博    LOFTER 

客服