资源描述
2014 – يىللىق ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن ئۆگىنىش بويىچە ئېلىنىدىغان ئىمتىھاننىڭ تەكرارلاش سوئاللىرى
بىرىنچى، تاق تاللاش سوئاللىرى
1 . قانۇنچىلىق تەشۋىق تەربىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ئورۇن تەشكىللەپ يولغا قويۇش، پۇقرالار كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىش، ( D ) نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتەك تەشكىلى شەكىل يولغا قويۇلىدۇ.
A . خەلق قۇرۇلتىيى
B . سوت مەھكىمىسى
C . تەپتىش مەھكىمىسى
D . ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى
2 . دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي كوللېكتىپلار، كارخانىلار، كەسپى ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار قانۇنچىلىق تەشۋىق-تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ھەر يىل ( A) ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى تەشۋىق قىلىش ئېيىدا ۋە (A) مەملىكەتلىك قانۇنچىلىق تەشۋىق كۈنىدە قانۇنچىلىق تەشۋىق تەربىيەسى پائالىيىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
A . 4 -ئاي، 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
B . 7 -ئاي، 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
C . 7 –ئاي، 1-ئاينىڭ 24-كۈنى
D . 7 -ئاي، 1-ئاينىڭ 24-كۈنى
3 . قانۇنچىلىق تەشۋىق، تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش (D)نىڭ مەسئۇلىيىتى.
A . پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگىنى
B . ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى
C . ئىجتىمائىي كوللېكتىپ
D . پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق
4 . (D) ھەر يىل قانۇنچىلىق تەشۋىق تەربىيەسى خىزمىتى ئەھۋالىنى ئۆزى تەكشۈرۈشى ھەمدە ئۆزى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن يازما دوكلات تەييارلاپ مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
A . دۆلەت ئورگىنى
B . ئىجتىمائىي كوللېكتىپ
C . كارخانىلار، كەسپى ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار
D . يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى
5 . (D) قاتارلىق مەمۇرىي تارماقلار كۆچمە نوپۇسلار، ئىشسىزلار ۋە شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارغا بولغان قانۇنچىلىق تەشۋىق تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنى قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ۋە قانۇننى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداشقا يېتەكلىشى كېرەك.
A . جامائەت خەۋپسىزلىكى
B . خەلق ئىشلار
C . ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت
D . يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى
6 . ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ قانۇنچىلىق تەشۋىق-تەربىيەسى خىزمىتى داۋامىدا ئادا قىلىدىغان مەسئۇلىيىتى توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى تاللاشلاردىن خاتاسى (C)
A . قانۇنچىلىق تەشۋىق تەربىيەسىگە ئائىت قانۇن، نىزام، قارار، بېكىتمىلەرنى ئىجرا قىلىش
B . قانۇنچىلىق تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنىڭ يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش
C . قانۇنچىلىق تەشۋىق تەربىيەسى خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش
D . قانۇنچىلىق تەشۋىق تەربىيەسى ئىمتىھانى، تەكشۈرۈشنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش
7 . (D) ۋە باشقا تەشكىلاتلار قانۇنچىلىق تەشۋىق-تەربىيەسى خىزمىتىنى خىراجەت بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك
A . دۆلەت ئورگىنى
B . ئىجتىمائىي كوللېكتىپ
C . كارخانىلار، كەسپى ئورۇنلار
D . يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى
8 . (B) ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەشتىن بوشىتىلغانلارغا بولغان قانۇنچىلىق تەشۋىق تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىشىغا ياردەم بېرىشىگە ماسلىشىشى كېرەك.
A . جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى
B . كەنت (ئاھالە) كومىتېتى
C . خەلق ئىشلار تارمىقى
D . قانۇنچىلىق تەشۋىق تەربىيە پىدائىيلىرى
9 . 2014 -يىل «6-بەش يىللىق» قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ (D) - يىلى.
A . 1
B . 2
C . 3
D . 4
10 . تۆۋەندىكى تاللايدىغان تۈرلەر ئىچىدىن مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگىنىغا كىرمەيدىغىنى (B)
A . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى
B . ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق سوت مەھكىمىسى
C . ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى
D . ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى
11 . «ئاساسىي قانۇن» دۆلەتنىڭ تۈپ چوڭ قانۇنى، ئالىي قانۇن كۈچىگە ئىگە. «ئاساسىي قانۇن»نىڭ قانۇن كۈچى توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرىسى (B)
A . يېزىلمىغان ئاساسىي قانۇنى بار دۆلەتتە ئاساسىي قانۇننىڭ قانۇن كۈچى باشقا قانۇنلاردىن يۇقىرى بولىدۇ
B . دۆلىتىمىزدە، ھەرقانداق قانۇن، نىزاملار «ئاساسىي قانۇن»دىكى ئاساسىي پرىنسىپلار ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا زىت كېلىپ قالسا بولمايدۇ
C . «ئاساسىي قانۇن»نىڭ قانۇن كۈچى ئاساسلىقى پۇقرالارنىڭ ھەرىكىتىگە قويۇلغان چەك بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ
D . «ئاساسىي قانۇن»نىڭ قانۇن كۈچى ھەرقانداق مەجبۇرىلاش كۈچى ھازىرلىمايدۇ
12 . دۆلىتىمىزنىڭ «ئاساسىي قانۇنى»دا «سوتسىيالىستىك جامائەت مال-مۈلكى مۇقەددەستۇر، ئۇنىڭغا چېقىلىشقا بولمايدۇ. دۆلەت سوتسىيالىستىك جامائەت مال-مۈلكىنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دۆلەت ۋە كوللېكتىپ مال-مۈلكىنى ھەرقانداق يول بىلەن (D) نى مەنئىي قىلىنىدۇ.
A . ئىگىلىۋېلىشى ياكى ئېلىش-سېتىشى
B . ئېلىشى، سېتىشى ياكى ئىجارىگە بېرىشى
C . ئېلىشى، سېتىشى ياكى بۇزۇۋېتىشى
D . ئىگىلىۋېلىشى ياكى بۇزۇۋېتىشى
13 . ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتونومىيە نىزامىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش شەرتى (C)
A . ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ
B . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ
C . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ
D . گوۋۇيۈەنگە يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ
14 . دۆلىتىمىز خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى (D)
A . باراۋەرلىك پرىنسىپى
B . ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تۈزۈمى
C . تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش تۈزۈمى
D . دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پرىنسىپى
15 . تۆۋەندىكى تۈرلەر ئىچىدە قايسى تۈرلەردىن «ئاساسىي قانۇن»دا بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىغا كىرمەيدىغىنى قايسى؟ (D)
A . ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكى
B . مەدەنىيەت ئىجادىيەت ئەركىنلىكى
C . ھۇزۇرلىنىش ئەركىنلىكى
D . نەشىر قىلىش ئەركىنلىكى
16 . دۆلىتىمىز «ئاساسىي قانۇنى»نىڭ 33-ماددىسىدا: «ھەرقانداق پۇقرا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى شەرت» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ بەلگىلىمىدە ئىپادىلەنگەن دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتى (A) گە ئىگە
A . بىردەكلىككە
B . زىتلىققا
C . قارىمۇ-قارشىلىققا
D . چەتكە قېقىشچانلىققا
17 . مەلۇم كىشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن سىياسى ھوقۇقدىىن 1 يىل مەھرۇم قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ مەزگىلدە، ئۇ قانۇن بويىچە تۆۋەندىكى قايسى ھوقۇقنى يۈرگۈزسە ياكى قايسى ھەرىكەتلەردە بولسا بولىدۇ؟ (C)
A . سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلنىش ھوقۇقى
B . دۆلەت ئورگانلىرىدا مەمۇر بولۇش
C . ھۆكۈمەت باشقۇرغان مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئاددىي ئوقۇتقۇچى بولۇش
D . سۆز، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، مەتبۇئات، تەشكىلاتقا ئۇيۇشۇش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكى ھوقۇقى
18 . دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي سىياسى تۈزۈمى (C)
A . سىياسى كېڭەش تۈزۈمى
B . پرولىتارىيات دىكتاتورىسى تۈزۈمى
C . خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى
D . دىموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى
19 . دۆلىتىمىزدە مەمۇرىي نىزام تۈزۈش ھوقۇقى بولغان سوبيېكت (A) بىلەن چەكلىنىدۇ
A . گوۋۇيۈەن
B . گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى
C . گوۋۇيۈەن ۋە ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلار
D . گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇنىڭدەك چوڭراق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى
20 . دۆلىتىمىزنىڭ سىياسى تۈزۈلمىسى (C)
A . خەلق دېموكراتىيە دىكتاتورىسى
B . فىدىراتسىيە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىرلا تۈزۈم
C . خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى
D . كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىق تۈزۈمى
21 . دۆلىتىمىز «ئاساسىي قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا تۆۋەندىكى بايانلاردىن خاتاسى (C)
A . ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا بولمايدۇ
B . دۆلەت دىنىي كوللېكتىپ ۋە دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ چەت ئەل دىنىي تەشكىلاتلىرى بىلەن نورمال دىنىي پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشىنى قوغدايدۇ
C . دىن بىلەن مائارىپنى ئايرىۋېتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، مەكتەپلەردە دىنىي دەرس تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ
D . دىنغا ئىشىنىدىغان پۇقرانىمۇ ۋە دىنغا ئىشەنمەيدىغان پۇقرانىمۇ كەمسىتىشكە بولمايدۇ
22 . دۆلىتىمىز «ئاساسىي قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، تۆۋەندىكىلەردىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا خىزمەت دوكلاتى بېرىشى زۆرۈر بولغان رەھبەر ياكى ئورگان (C)
A . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى
B . مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى
C . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
D . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى
23 . «ئاساسىي قانۇن»دا (A) دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ تۈزۈمى دەپ بەلگىلەنگەن
A . سوتسىيالىزم تۈزۈمى
B . خەلق دېموكراتىيە دىكتاتورىسى تۈزۈمى
C . خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى
D . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسى كېڭەش تۈزۈمى
24 . دۆلىتىمىز «ئاساسىي قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە خۇسۇسى مال-مۈلۈك ھوقۇقى توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى بايانلاردىن خاتاسى (C)
A . پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق خۇسۇسىي مال-مۈلكى دەخلىسىزدۇر
B . دۆلەت پۇقرالارنىڭ خۇسۇسى مال-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ۋارىلىق ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قوغدايدۇ
C . ھەرقانداق كىشىنىڭ پۇقرالارنى خۇسۇسى مال-مۈلۈكتىن مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ
D . دۆلەت جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە پۇقرالارنىڭ خۇسۇسى مال-مۈلكىنى ئالسا ياكى ئىشلەتسە بولىدۇ ھەمدە تولۇقلىما بېرىدۇ
25 . تۆۋەندىكىلەردىن دۆلىتىمىز «ئاساسىي قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا تەۋە بولمايدىغىنى (A)
A . ئىش تاشلاش ھوقۇقى
B . باراۋەرلىك ھوقۇقى
C . مەتبۇئات ئەركىنلىكى
D . بىلىم ئېلىش ھوقۇقى
26 . پۇقرالار بەھرىمەن بولىدىغان ئاساسىي قانۇندىكى ئاساسىي ھوقۇق سىستېمىسى ئىچىدە پۇقرالارنىڭ سىياسى ھوقۇقىغا تەۋە بولمايدىغىنى (A)
A . بىلىم ئېلىش ھوقۇقى
B . كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكى
C . سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى
D . سۆز ئەركىنلىكى
27 . دۆلىتىمىزنىڭ «ئاساسىي قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆۋەندىكى تۈرلەردىن پۇقرالارنىڭ ماددى ياردەم ئېلىش شەرتىگە كىرمەيدىغىنى (D)
A . پۇقرالار ياشىنىپ قالغاندا
B . پۇقرالار كېسەل بولۇپ قالغاندا
C . پۇقرالار ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغاندا
D . پۇقرالار زەخمىلەنگەندە
28 . دۆلىتىمىزنىڭ «ئاساسىي قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا مىللى ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلىك (D) بولىدۇ
A . خەلق سوت مەھكىمىسى
B . خەلق قۇرۇلتىيى مەھكىمىسى
C . خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى
D . خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى
29 . ھازىرقى ئاساسىي قانۇندا، نېگىزلىك قانۇنلارنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش ھوقۇقى (A)غا مەنسۇپ دەپ بەلگىلەنگەن
A . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى
B . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
C . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى
D . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى
30 . دۆلىتىمىزدە سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار (C)دىن ئىبارەت
A . بارلىق پۇقرالار
B . 18 ياشتىن يۇقىرى پۇقرالار
C . سىياسى ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان 18 ياشتىن يۇقىرى پۇقرالار
D . پۈتۈن خەلق
31 . دۆلىتىمىزدە دىنى تەشكىلاتلار ۋە دىنى ئىشلار (C)گە بېقىنمايدۇ
A . پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى
B . باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار
C . چەت كۈچلىرى
D . ھەرقانداق كىشى
32 . دۆلىتىمىزنىڭ «ئاساسىي قانۇنى»دا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە (A) بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن
A . ئۆتۈنۈپ بېرىشكە
B . ئىجارە بېرىشكە
C . ئېلىپ-سېتىشقا
D . ئىگىلىۋېلىشقا
33 . دۆلىتىمىزنىڭ «ئاساسىي قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە خەت-ئالاقىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئورگان (D)
A . خەلق سوت مەھكىمىسى
B . خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
C . جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى
D . خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى
34 . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدا (A) پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ
A . دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى
B . خەلق ۋەكىلى تۈزۈمى
C . باشلىق مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى
D . كوللېكتىپ مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى
35 . «كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىلى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆۋەندىكى تۈرلەردىن توغرىسى (D)
A . كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 3 يىل بولىدۇ، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتۈشى 2 نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
B . كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشتا سايلامغا قاتنىشىپ ئاۋاز بەرگەن كەنت ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.
C . كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ سايلىمىغا يېزىلىق، بازارلىق ھۆكۈمەت رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
D . كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالسا ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئۆزلۈكىدىن ئاخىرلىشىدۇ.
36 . «ئاساسىي قانۇن»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى تۈرلەردىن توغرىسى (D)
A . ئەمگەك قىلىش، بىلىم ئېلىش ۋە قانۇن بويىچە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ھەم پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ھەم پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەجبۇرىيىتى ھېسابلىنىدۇ
B . دەم ئېلىش ھوقۇقىنىڭ سوبيېكتى بارلىق پۇقرالاردۇر
C . پۇقرالار ياشىنىپ قالغان، كېسەل بولۇپ قالغان ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ئەھۋالدا، دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىن ماددىي ياردەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە
D . ئ2004-يىلدىكى «ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسى»دە، دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، دە» بەلگىلەندى
37 . ئاساسىي قانۇننىڭ كۈچى دېگەن ئاساسىي قانۇننىڭ قانۇن ئۆلچەملەر ھازىرلىغان چەكلەش كۈچى ۋە مەجبۇرىلاش خاراكتېرىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ كۈچى توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى تۈرلەردىن خاتاسى (D)
A . چەت ئەللەردە مۇھاجىر بولۇپ تۇرىۋاتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى بىلەن قوغدىلىدۇ
B . ئاساسىي قانۇننىڭ كۈچى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەممە تېرىتورىيىسىدە بولىدۇ
C . ئاساسىي قانۇننىڭ ئالىي قانۇن كۈچى ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇننىڭ يوللۇقلىقىنى مەنبە قىلىدۇ
D . ئاساسىي قانۇننىڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىش پائالىيىتىگە نىسبەتەن چەكلەش كۈچى بولمايدۇ
38 . «ئاساسىي قانۇن» ۋە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى تۈرلەردىن خاتاسى (D)
A . خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە بارلىق ھاكىمىيەت خەلققە مەنسۇپ، دېگەن پرىنسىپ گەۋدىلەنگەن
B . يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ھاكىمىيىتى ئورگانلىرىدۇر
C . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالىي دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىدۇر
D . يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى ئالىي دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ
39 . دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تۆۋەندىكىلەردىن توغرىسى (B)
A . دۆلىتىمىز پۇقرالىرى ياشىنىپ قالغان، كېسەل بولۇپ قالغان ياكى تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغاندا ماددىي جەھەتتىن ياردەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە
B . دۆلىتىمىز پۇقرالىرى سىياسى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنسا، مەتبۇئات ئەركىنلىكىمۇ مەھرۇم قىلىنىدۇ
C . دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ۋە ئوچۇق-ئاشكارا دىن تارقىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە
D . دۆلىتىمىز پۇقرالىرى خالىغانچە دەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە
40 . دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تۆۋەندىكىلەردىن خاتاسى (C)
A . «ئاساسىي قانۇن»دا مەخسۇس بابتا تۈزىتىش تەرتىپى بەلگىلەنمىگەن
B . «ئاساسىي قانۇن»دا بەلگىلەنگەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزىدىغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى
C . «قانۇن چىقىرىش قانۇنى»دا ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمسىنى دۆلەت رەئىسى ئېلان قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن
D . «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭەش قائىدىسى»دا، ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسى ئاۋازغا قويۇش شەكلى بىلەن ماقۇللىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن
41 . «ئاساسىي قانۇن» ۋە قانۇنلارنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، تۆۋەندىكى قايسى ۋەزىپە ئورنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلىدۇ (B)
A . گوۋۇيۈەننىڭ زوڭلىسى
B . دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى
C . ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى
D . گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زوڭلىسى
42 . خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىنىڭ تۈپ بەلگىسى (A)
A . ئىشچىلار سىنىپىنىڭ دۆلەتكە بولغان رەھبەرلىكى
B . ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلىش
C . ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك
D . دۆلەت ئىلكىدىكى ئىقىتسادنىڭ يېتەكچى ئورنى
43 . يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى ئىچىدە قانۇن بويىچە جىسمانىي جەھەتتىن ئالاھىدە قوغداش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغانلاردىن (C) بار
A . يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىلى
B . ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى
C . ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى
44 . ھازىرقى ئاساسىي قانۇ
展开阅读全文