收藏 分销(赏)

两只狮子计划.doc

上传人:xrp****65 文档编号:7930530 上传时间:2025-01-27 格式:DOC 页数:6 大小:37KB 下载积分:10 金币
下载 相关 举报
两只狮子计划.doc_第1页
第1页 / 共6页
两只狮子计划.doc_第2页
第2页 / 共6页


点击查看更多>>
资源描述
1-يىللىق 2-قىسىم « ئىككى شىر بالىسى» دىگەن دەرسنىڭ دەرس پىلانى دەرس تىمىسى: ئىككى شىر بالىسى ئوقۇتۇش ماتېرىيالى ئۈستىدە تەھلىل: بۇ دەرس مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس ئۆلچىمى تەجرىبە دەرىسلىك تىل-ئەدەبىيات 1-يىللىق 2-قىسىم 7-بۆلەك «مۇستەقىل ياشاش» بۆلىگىدىكى دەرسلىكى بولۇپ، بۇ دەرسلىك ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تىرىشچان بولۇش، ئەقىللىق بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگەھورۇن،باشقىلارغا تايېنىپ ياشاش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن كىشىلەرنىڭ ھامان ياخشى كۈنگە ئىرىشەلمەيدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئوقۇتۇش مەزمۇنى: بۇ تىكستە شىر ئانىنىڭ ئىككى بالىسى بولۇپ،ئۇلارنىڭ بىرى ھەركۈنى دومىلاش،ئېتىلىش،يۈگۈرۈش قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى جاپالىق مەشىق قىلىدىكەن. يەنە بىرى بولسا كۈن بويى ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئۆتىدىكەن.بۇنى كۆرگەن دەرەخ ھورۇن شىر بالىسىغا«سەن نىمىشقا ئانچە-مۇنچە ماھارەت ئۆگەنمەيسەن؟»- دەپ سورىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ جاپا تارتىشنى خالىمايدىغانلىقى ، دادىسىنىڭ ئورمان پادىشاھلىقىدىن پايدىلىىنىپ ياخشى ياشىيالايدىغانللىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ . بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئانا شىر «بىز ئالەمدىن ئۆتسەك سەن كىمگە تايىنىسەن؟ ئۆزۇڭ مۇستەقىل ياشاشنى ئۆگىنىپ ھەققىي شىر بولۇشۇڭ كېرەك»، دەپتۇ. ئوقۇتۇش نىشانى: 1.تېكىستنى راۋان،ھېسياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش؛ 2.تېكىستتىكى بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋىلىش؛ 3.تېكىست ۋەقەلىكىگە ئاساسەن تىرىشچان بولۇش،ئەقىللىق بولۇش، مۇستەقىل ياشاش ئېڭىگە ئىگە بولۇش تەربىيىسىگە ئىگە بولۇش؛ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: ئۈلگە كۆرسۈتۈش،يېتەكلەش،رىغبەتلەندۈرۈش،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى باراۋەر يۇسۇندا مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش. ئوقۇتۇش قۇرالى: دەرىسلىك كىتاب،كۆرسەتمىلىك رەسىم. ئوقۇتۇش سائىتى: بىر دەرس سائىتى. ئوقۇتۇش جەريانى: 1.يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: 1) ساۋاقداشلار سىلەر ھايۋاناتلار باغچىسىغا بېرىشنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟ ھايۋاناتلار باغچىسىدا قانداق ھايۋانلار بار ئىكەن؟ ئوقۇغۇچى: يولۋاس،شىر،تۈلكە،ئېيىق، بۆرە، تۇلكە،تۇرنا،توز..... 2) مەن سىلەرگە ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى بىر قىسىم ھايۋانلارنىڭ رەسىمىنى ئالغاچ كەلدىم كۆرۈشنى خالامسىلەر؟سىلەرچە مۇشۇ ھايۋانلار ئارىسىدىكى قايسى ھايۋان ئەڭ كۈچلۇك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟نىمە ئۈچۈن؟ ئوقۇغۇچى:شىر،چۈنكى شىر جاپاغا چىداپ تىرىشىپ،تىرمىشىپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق مۇشۇنداق كۈچلۈك بولۇپ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ئىگەللىگەن ۋە ھايۋانلارغا پادىشاھ بولغان. 3) شىر موشۇ كۈچىنى تىرىشچانلىق بىلەن ھارماي مەشىق قىلىش جەريانىدا يېتىلدۈرگەن.ئۇنداق بولسا ،سىلەر بۈگۈن بىرلىكتە ھايۋانلار باغچىسىدىكى شىر ئائىلىسدە بولۇۋاتقان ۋەقەلىكنى ئاڭلاشنى خالامسىلەر؟ يېڭى دەرسنى ئاشكارلاش: بۈگۈن بىز ھەممىمىز بېرلىكتە «ئىككى شىر بالىسى»دىگەن دەرسنى ئۆگىنىمىز. «ئىككى شىر بالىسى» ئۈگۈتۈش جەريانى: 1.تېكىستنى ئوقۇتقۇچى ئۈلگە قېلىپ ئوقۇپ بېرىدۇ. 2.ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپ ئوقۇيدۇ. 3.تېكىست ۋەقەلىكىنى نۇقتىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايان قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ. 4.يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرىلىدۇ. بۇ سۆزلەر: ئېزلەڭگۈلۈك--خۇشياقمىغان ھالدا. ئالەمدىن ئۆتۈش--ۋاپات بولۇش،ئۈلۈش. ھەققىي-- راست. ماھارەت --ھۆنەر،قابىلىيەت. مۇستەقىل--ئۆز ئالدىغا. تايىنىش--يۆنىلىش. 5.تۆۋەندىكى سۇئاللار ئاساسىدا تېكىست ۋەقەلىكى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشەندۈرىلىدۇ. 1) شىر ئانىنىڭ قانچە بالىسى باركەن؟ ئوقۇغۇچى:شىر ئانىنىڭ ئىككى بالىسى بار ئىكەن. 2) بىرىنچى شىر بالىسى قانداق ئىشلارنى قىلىدىكەن؟ قانداق شىر بالىسىكەن؟ ئىككىنچى شىر بالىسى قانداق ئىشلارنى قىلىدىكەن؟ قانداق شىر بالىسىكەن؟ ئوقۇغۇچى:بىرىنچى شىر بالىسى ھەر كۈنى دۇمىلاش،ئېتىلىش،يۈگۈرۈش ماھارەتلىرىنى مەشىق قىلىدىكەن. ئۇ ناھايىتى ئىشچان،تىرىشچان شىر بالىسىكەن. ئىككىنچى شىر بالىسى كۈن بويى ئىزلەڭگۈلۈك بىلەن ئاپتاپقا قاقلىنىپ ياتىدىكەن بۇ تۇلىمۇ ھورۇن، ئېرىنچەك شىر بالىسىكەن. 3) دەرەخ ھورۇن شىر بالىسىغا نىمە دەپتۇ؟ ئوقۇغۇچى: دەرەخ ھورۇن شىر بالىسىغا «سەن نېمىشقا ئانچە-مۇنچە ماھارەت ئۆگەنمەيسەن ؟»دەپتۇ. 4) ھورۇن شىر بالىسى نىمە دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ؟ ئوقۇغۇچى: ھورۇن شىر بالىسى « مەن جاپا تارتېشنى ھەرگىزمۇ خالىمايمەن، دادام بىلەن ئاپام ئورمان پادىشاھى تۇرسا،مەن ئۇلارغا تايېنىپ تېخىمۇ ياخشى ياشىيالايمەن.»دەپتۇ. 5) شىر ئانا ھورۇن شىر بالىسىغا نىمە دەپ تەربىيە بېرىپتۇ؟ ئوقۇغۇچى:شىر ئانا ھورۇن شىر بالىسىغا بالام :«كىيىن بىز قېرىپ ئالەمدىن ئۆتسەك سەن كىمگە تايىنىپ ياشايسەن؟ سەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مۇستەقىل ياشاشنى ئۆگىنىپ ھەققىي شىر بولىشىڭ كېرەك.»دەپتۇ. 6) (1)سىز قايسى شىر بالىسىنى ياخشى كۆرىسىز؟نىمە ئۈچۈن؟ ئوقۇغۇچى:مەن ئىشچان،تىرىشچان شىر بالىسىنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى،ئۇ مۇستەقىل ياشاش ئېڭىنى يېتىلدۈرگەن. (2)سىز نېمىشقا ھورۇن شىر بالىسىنى ياخشى كۆرمەيسىز؟ ئوقۇغۇچى:چۈنكى،ئۇ باشقىلارغا تايېنىپ ياشايدۇ،بەكمۇ ھورۇن. ئوقۇغۇچى خۇلاسىسى: سىز بۇ تېكىست ۋەقەلىكىدىن نىمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ ئوقۇغۇچى: مەن بۇ تېكىستنى ئوقۇغاندىن كېيىن، كىچىكىمىزدىن باشلاپلا تىرىشچان،ئىشچان بولۇپ،ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئېڭىمىزنى يېتىلدۈرىشىمىزنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى، باشقلارغا تايىنىپ ياشاشنىڭ ۋاقىتلىق بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت موشۇ ھەققەتنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. ئوقۇتقۇچى خۇلاسىسى: بىز بۇ دەرس ئارقىلىق ئىشچان، تىرىشچان بولغاندىلا مۇستەقىل ياشاش ئېڭىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدىغانلىقى،ھورۇن،باشقلارغا تايىنىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ ياشاش ئىقتىدارىنىڭ بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت چۈشەنچىنى بىلىۋالىمىز. تاپشۇرۇق: «ماھارەت،مۇشتەقىل ياشاش،ئالەمدىن ئۆتۈش »قاتارلىق سۆزلەرگە ئىجابى جۈملە تۈزۈپ كېلىڭ. دوسكا لاھىيىسى: ئىككى شىر بالىسى تىرىشچان: مۇستەقىل ياشايدىغان شىر ئانا مۇستە ھورۇن: باشقلارغا تايىنىپ ياشايدىغان قىل ياشاش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش 1-يىللىق 2-قىسىم ”ئىككى شىر بالىسى“ دىگەن دەرسنىڭ دەرس پىلانى 6
展开阅读全文

开通  VIP会员、SVIP会员  优惠大
下载10份以上建议开通VIP会员
下载20份以上建议开通SVIP会员


开通VIP      成为共赢上传

当前位置:首页 > 教育专区 > 其他

移动网页_全站_页脚广告1

关于我们      便捷服务       自信AI       AI导航        抽奖活动

©2010-2026 宁波自信网络信息技术有限公司  版权所有

客服电话:0574-28810668  投诉电话:18658249818

gongan.png浙公网安备33021202000488号   

icp.png浙ICP备2021020529号-1  |  浙B2-20240490  

关注我们 :微信公众号    抖音    微博    LOFTER 

客服