收藏 分销(赏)

我的母亲-.docx

上传人:仙人****88 文档编号:11224357 上传时间:2025-07-08 格式:DOCX 页数:18 大小:32.98KB 下载积分:10 金币
下载 相关 举报
我的母亲-.docx_第1页
第1页 / 共18页
我的母亲-.docx_第2页
第2页 / 共18页


点击查看更多>>
资源描述
19-دەرس خامېلېئون ئانتون پاۋلوۋىچ چېخوپ – (1860- 1904)19- ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن رۇس رېئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇستازى، دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا كۆزگە كۈرۈنگەن ئەدىپ. روسىيىنىڭ تەنقىدى رىئالىزىم ئەدەبىياتىدا داڭق قازانغان ئاتاقلىق ھىكايىچى، شۇنداقلا مەشھۇر دىرامماتورگ « خامېلېئون» ئۇنىڭ ۋەكىل خارەكتېرگە ئىگە ئەسىرى بولۇپ ،1883- يىلى يازغان. ئانتون پاۋلوۋىچ چېخوف روسىيەنىڭتەنقىدىي رىئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ داڭ قازانغان ئاتاقلىق ھېكايىچىسى،شۇنداقلامۇنەۋۋەردىراماتورگ «خامېلېئون»ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسىرى .ئۇنىڭ«سېمىزۋەئورۇق»،«پەرىشانلىق»،«ھەسرەت»،«ھارامزادە» قاتارلىق ھېكايە ۋە درامىلىرى بار . دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى: «خامېلېئون» 1884-يىلى ئېجاد قىلىنغان. ئەسەر ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى روسىيە خەلق رايى پارتىيسىدىكىلەر ئالېكساندر Ⅱ نى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن،ئالېكساندرⅢ نى تەختكە چىقىرىپ،ساقچى ھۆكۈمرانلىقىنى بار كۈچى بىلەن كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بويايدىغان بەزى ئەمر-پەرمانلارنى چىقىرىپ ،رەھىمسىز مۇستەبىتلىككە چۇمپەردە ياپىدۇ .چىخوف ياراتقان ساقچى ئەمەلدارى ئۇچۇمىلۇف دەل چار پادىشاھ مۇستەبت ساقچى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئوبرازى.شۇڭا ،بۇ ئەسەردە كىنايە قىلىنغىنى ،پاش قىلىنغىنى ئاددىي ، يەككە – يېگانە ساقچىلار بولماستىن، بەلكى بەگ بولغۇچىلارغا چوقۇنىدىغان ئاشۇ روسىيە جەمئىيتى ، شۇنداقلا ياۋۇزلۇقى ئۇچىغا چىققان چار پادىشاھ مۇستەبىتچىلىكى . «خامېلىئون» -رۇسىيە يازغۇچىسى چىخوۋنىڭ شۇ ناملىق ھېكايسى. چىخوۋ بۇ ئەسىردە كۈچلۈكلەرنىڭ قولتۇقىغا كىرىۋالىدىغان، ئەھۋالغان قاراپ ئىش كۆرىدىغان قۇلىنىڭ تىپىك ئوبرازى يارىتىلىش ئارقىلىق، ئەينى ۋاقىتتىكى رۇسىيە جەمىيتىدىكى ھۆكۈمران تەبىقىسنىڭ قانۇنىنىڭ ئورنىغا يۈز-ئابرۇينى، پۇل-دۇنيانى قويۇشتەك رەزىل ماھىيتى ئېچىپ بەرگەن. خامېلىئون ئەسلىدە«ئۆزگىرىپ تۇرغۇچى» دىگەن مەنىدە. مەلۇم ئۆملىگۈچى ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋان بولۇپ، تۆت پەسىلدە ئۆزگىرىپ ئۆز ھاياتىنى ئۆتكۈزۈدىكەن، چىخوۋ بۇنىڭغا تەھلىللەپ، رۇسىيە ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىدىكى رەزىللىكلەرنى ئىچىپ تاشلىغان. بوپا-①رەخت، قەغەز قاتارلىق نەرسىلەرگە ئوراپ، تېڭىلغان، چىگىلگەن تۈگۈنچەك؛ يۈك: رەخت ساتقۇچى سېرىق قەغەزگە ئورالغان يوغان بىر بوپىنى، ئالدىدىكى كىشىگە ئۇزاتتى.②كۆڭۈلدىكى ئەندىشە، ھاجەتىسز غەم-غۇسسە، ئىدىيۋى بوپا. غەلۋىر- بۇغداي ياكى گۈرۈچ قاتارلىقلارنى تاسقاش ئۈچۈن ئۈچەي ياكى سىمدىن توقۇلغان قاسقانلىق ئۆي سايمىنى، تۆشۈكلىرى ئەلگەكتىن چوڭراق:ئۇ، - مەن ئامباردىن غەلۋىر ئىلىپ بىرەي، مۇشۇ يەردىلا تازىلا، - دەپ بۇيرۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى. كاڭشىماق-①«كاڭ» قىلماق، « كاڭ-كاڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق: مەن ئىتنى قوغلىۋېتەي، بولمىسا تولا كاڭشىپ ئۇيقۇلىرىنى بۇزىدۇ. ②ئۇششاق گەپنى تولا قىلماق؛ ۋالاقشىماق: سەن بۆرىنىڭ كۈچىكى نېمىدەپ كاڭشىۋاتىسەن؟! ئانتون پاۋلوۋىچ چىخوۋ- (1860-1904) XIXئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياشىغان روسىيە رېئالست يازغۇچىسى. ئۇششاق سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن «خامېلىئون» ،« جاراھەت» ، «ھەسىرەت»،« ۋانكا»، 1888-يىلى «يايلاق» پوۋېستى، «نامەلۇم ئادەمنىڭ ھېكايسى» ،« ئېلىشىش» ،« دېھقان» ھېكايىلارنى، 1890-يىلى «6-نومۇرلۇق پالاتا» ، «يۇنىچ» ،« بالىخانلىق ئۆي»،« ئەركە نايناق خوتۇن» لارنى، 1890-يىلىدىن كىيىن «ئۈچ ئاچا-سىڭىل» ،« ۋانا تاغا» ، « گىلاسلىق باغ» ئەسەرلىرىنى يازغان. تېكىست- لاتىن تىلىدىن روس تىلى ئارقىلىق كىرگەن ئاتالغۇ. لۇغەت مەنىسى: يېزىلغان، كۆچۈرۈلگەن ياكى بېسىلغان ئىجادىي، ئىلمىي ئەسەر؛ نۇتۇق، ھۆججەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ ئەسلى نۇسخسى ياكى ئۇلارنىڭ بىر پارچىسى. تىپ –گرېكچە سۆز بولۇپ، رۇس تىلىنىڭ ئۆزلەشتۈرۈلۈشى ئارقىلىق تىلىمىزغا كىرگەن. تىلىدىكى لۇغەت مەنىسى: مودېل، نۇسخا، ئۈلگە ، ئۆرنەك، نەمۇنە. ئەدەبىياتتا روشەن خاسلىققا ئىگە، مەلۇم دەۋرنىڭ، مىللەتنىڭ، سىنىپنىڭ ( قاتلامنىڭ، گۇرۇھنىڭ ) ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان، تۇرمۇشنىڭ مەلۇم ماھىيەتلىك تەرىپى ۋە قانۇنىيتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرۇلغان بەدىئىي ئوبراز«تىپ» دېيىلىدۇ. تىپ دىگەنلىك مەلۇم تەبىقە، قاتلام، سىنىپ ۋە ئىجتىمائىي گۇرۇھ ئادەملىرىنىڭ ئورتاق ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى مەلۇم بىر كونكرېت ئوبراز(ئادەم) ئۈستىگە يىغىنچاقلاش دېگەنلىك. تىپ بەدىئىي ئوبرازغا قارىغاندا بىر قەدەر چوڭقۇرلاشقان بولۇپ، ئۇ ئوبرازنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى مەركەزلىشىشىدىن ئىبارەت. تىپ شارائىت- ئەدەبىي ئەسەردە تەسۋرىرلەنگەن تىپىك پېرسوناژ ياشىغان، ئۇنىڭدا تىپىك خاراكتېرنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭ پائالىيتى (ھەرىكىتى) گە تۈرتكە بولغان ئالاھىدە شارائىت (مۇھىت) كۆزدە تۇتۇلىدۇ. كەمزۇل- ①يازلىق پەلتۇ ئورنىدا كىيىلىدىغان ئەستەرسىز، يېنىك، ئۇزۇن ئۈست كىيىم؛ ②جىلىتكىگە ئوخشايدىغان كالتە يەڭسىز، ياقىسىز ئاياللار كىيمى. مۆھتەرەم-①كىشلەرنىڭ ھۆرمەت ئېھتىرامىغا سازاۋەر بولغان، ھۆرمەتلىك؛ مۆھتەرەم ئەپەندىن، مۆھتەرەم جاناب؛ ②ئاياللارنىڭ ئىسمى. ئەيىبكار- خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، جىنايەت سادىر قىلغان، قانۇن ئالدىدا ئەيىبلەنگەن كىشى؛ گۇناھكار، جاۋابكار: ئەسقەر شۇخلۇق قىلىپ، بىكاردىن –بىكار ئەيىبكار بولۇپ قالدى. ياشاڭغۇرىماق- دائىم ياش ئېقىپ، ياش چىقىپ تۇرماق: ئۇنىڭ ياشاڭغۇراپ قالغان كۆزدىن ياش توختىماي قويۇلاتتى. مىسكىنلىك- يۇقسۇزلۇق، غەم-ئەندىشە تۈپەيلىدىن روھىي-ھالىتى چۈشكۈنلەشكەن ھالەت؛ غەمكىنلىك؛ سۇلغۇنلۇق: رازىيەنىڭ مىيىقىدا كۈلۈپ تۇرغان چىرايىدا بولسا بىرخىل يوشۇرۇن مىسكىنلىك ۋە كۆڭلى يېرىملىق سېىزىلەتتى. لالما-①ئۇيەر- بۇ يەردە قاتىراپ، ئەسكىلىكلەردىن ئۇزۇق ئىزدەپ يۈرىدىغان،ئىگىسىز؛ لالما ئىت؛ ②تېگىشلىك ئىش بىلەن شۇغۇللانماي، ئۆيمۇ-ئۆي، كوچىمۇ-كوچا قاتىراپ يۈرىدىغان بىكار تەلەت: لالما بولغۇچە سالما بول (ماقال). ③كىمنىڭكىدە ئاش بولسا شۇنىڭكىدە قورسىقىنى توقلاپ ئۆيگە قايتمايدىغان؛ ئىش دېسە قاچىدىغان: بۇ قورساق باقتى لالمىنى كىم بىلمەيدۇ،- دېدى ئانارخان ئانا ئىچىدە. تۆلەم- ①باشقىلارغا ياكى كوللېكتىپقا يەتكۈزگەن زىينىغا تۆلىندىغان ھەق؛ زىياننى تولدۇرۇشقا بېرىلگەن پۇل؛ ②ئۇرۇشتا يېڭىلگەن دۆلەت يەڭگەن دۆلەتكە تۆلەيدىغان ئۇرۇش چىقىمى. غالجىر- ①ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل، بۇنى بىر خىل ۋېرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە ئىت، مۈشۈك قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىدا ياكى بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغان ئىت، مۈشۈكلەر چىشلىۋالغان ئادەملەردە بولىدۇ. ئادەملەرگە شۇ خىل ھايۋان چىشلىگەندىن كىيىن يۇقىدۇ. ②شۇ خىل كىسەللىككە گىرىپتا بولغان؛ غالجىر ئىت چىشىدىن زەھەر تامىدۇ. ③ئەسەبىيلەشكەن، ۋەھشىي، ياۋۇز، قەبىھ ئايالىمنىڭ خەۋەر تېپىشچە، مەن يىقىلغاندىن كىيىن ئۆلمەك ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك، ھېلىقى غالجىر چېرىك بىر نەچچىنى تېپىپتۇ. يەنە ئوتۇن بىلەن ئۇرۇپتۇ. تەمبەل- ئۇستىخانلىق، بەستلىك: تەمبەل يىگىت . نەپ- بىرەر ئىش ياكى نەرسىدىن ئالدىغان نەتىجە؛ پايدا: ۋالاقتەگكۈر، گەپ بەرمەس، سۇنۇق كەپكۈر نەپ بەرمەس، قىز چوڭ بولسا گەپ تولا، ئوغۇل چوڭ بولسا نەپ تولا(ماقال). چاتاقچى- ①جېدەل-ماجرا تۇغدۇرىدىغان، غوۋغا چىقىرىدىغان ئادەم؛ ②باشقىلارنىڭ چاتىقىنى، ئەيىبىنى ئىزلىگۈچى، قۇسۇرچى. ئىپلاس-①پاك ئەمەس، پاسكىنا، ئىپلاس نەرسە؛ ②ھەرقانداق بىر ئىشقا توغرا نىيەتتە بولمايدىغان؛ رەزىل، قارانىيەت، پەس، شەرمەندە، قەبىھ، ئىپلاس كىشى: مەن سىلەرنىڭ بۇنچە ئىپلاس ئىكەنلىكىڭلارنى بىلمەپتىمەن. ③شۇنداق نەرسە ياكى ئادەم: بۇ ئىپلاس تۈرمىدىن قاچقانىكەن. پېتىربۇرگ- رۇسىيدىكى شەھەر نامى. شۈركۈنمەك- جۇغۇلداپ تىتىرىمەك، ئەندىكىش ئىچىدە سىلكىنىپ تەۋرەنمەك، سەسكەنمەك: ئۇنىڭ بەدىنى سۇ قۇيغاندەك سۈركۈنۈپ، رەڭگى تاتىرىپ كەتتى. تېرىككەك- ئاسان، كۆپ تېرىكىدىغان، ئەمەت ئۇستا بارغانچە جاھىل، تېرىككەك ، غەرەز ئۇقمايدىغان بولۇپ كەتتى. ۋەزىن- ①ئېغىرلىق، يۈك ۋەزىنى، مالنىڭ تىرىك ۋەزىنى؛②ئابرۇي، نوپۇز، ئېتىبار، سالماق: ئۇلار ئۆزلىرى ياراتماقچى بولغان پېرسوناژ تىلىنىڭ ۋەزنىنى كۈچەيتىشنىلا ئويلاپ، ئىشچىنى زىيالىيغا، دېھقاننى كادىرغا ئوخشاش سۆزلىتىپ قويدى. ③شېئرنىڭ رېتىم ئاھاڭى ۋە تۈزۈلۈشىنى بەلگىلىگۈچى بوغۇملار سانى ۋە جايلىشىشى؛ شېئر ئۆلچەملىرى؛ ئارۇز ۋەزىنى، بارماق ۋەزىن؛ ④مۇزىكا ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ رېتىم ئاھاڭىنى ۋە تۇزۈلۇشىنى بەلگىگۈچى رېتىملىق بىرىكمىلەر سانى ۋە جايلىشىشى. خامىلېئون دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ خامىلېئون-كەسلەنچۈك ئائىلىسىدىكى ئۆمىلىگۈچى ھايۋان بولۇپ،ئۇ كۈشەندىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەتىراپتىكى مۇھىتقا قاراپ ئۆز تېرىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. ئەسەرگە نېمە ئۈچۈن «خامىلېئون»دەپ ماۋزۇ قويۇلغان؟ خامىلېئون-كەسلەنچۈك ئائىلىسىدىكى ئۆمىلىگۈچى ھايۋان بولۇپ،ئۇ كۈشەندىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەتىراپتىكى مۇھىتقا قاراپ ئۆز تېرىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. ئوچۇمىلوف خىريوكىنىنى ئىت چىشلىۋىلىش دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا جەمىئىي ئالتە قېتىم ئۆزگىرىدۇ.ئاپتۇر ئوچۇمىلوفنىڭ بۇخىل يۇمىلاق تاۋۇزلۇق،ئۆزگىرىشچان خارەكتىرىنى كىنايە قىلىش ئۈچۈن ئەسەرگە« خامىلېئون» دەپ ماۋزۇ قويغان. ئەسەردىكى ئوچۇمىلوف قانداق خارەكتىرگە ئىگە؟ ئەسەردىكى ئوچۇمىلوف يۇمىلاق تاۋۇز،ئۆزگىرىشچان،شامالنىڭ يۆنىلىشگە قاراپ ئىش تۇتىدىغان ،مەيدانى يوق،يوقىرىغا قارىتا خوشامەتچى،تۆۋەنگە قارىتا زالىم چاروسىيە جەمىيىتىدىكى پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى قۇلچىلىق قاپلاپ كەتكەن ئوبراز. ئۇچۇمىلۇف ئىتنى قانداق ناملار بىلەن ئاتىدى؟ئۇچۇمىلۇف ئىتنى «غالجىر ئىت » ، «كۈچۈك» ، «ئىپلاس نەرسە» «قىممەت باھالىق ئىت»، «لالما ئىت» ، «ياخشى كۈچۈك» دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتىدى. ئۇچۇمىلۇف قانچە قېتىم ئۆزگەرگەن؟ ئۆزگىرىش سەۋەبىنى ئېيىتىپ باقالامسىز ؟ ئۇچۇمىلۇف جەمئى بەش قېتىم ئۆزگەرگەن.ئىت ئىگىسىنىڭ سالاھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرگەن. ئەسەرنىڭ سىيوژىت بۆلەكلىرىنى ئېيتىپ بېرىڭ، تۈگۈن-ئىتنىڭ خىريوكىننىڭ قولىنى چىشلىۋىلىشى راۋاج-ئوچۇمىلوفنىڭ تۆت قېتىملىق ئۆزگىرىشى. كولمىناتسىيە:گېنىرالنىڭ ئاشپىزىنىڭ كېلىش يېشىم: ئىتنىڭ گېنىرالنىڭ ئاكىسىنىڭ ئىتى بولۇپ چىقىشى،ئوچۇمىلوفنىڭ ئىت تەرەپكە ئۆتىشى . ـگېنىرال ژىگالوفنىڭ ؟ ھىم ! ...ئېلدىرىن،پەلتۇيۇمنى يېشىۋەتكىنە...شامال چىقىپ قالدىغۇ!..،يامغۇر ياغامدىكىن... شامال چىقمىغان ،بەلكى بۇ پارچىدا كۆپ چىكىت ئوچۇمىلوفنىڭ جىددىيلىشىپ،قورقۇۋاتقان ھالىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ھىكايىدە ئۇچۇمىلۇفنىڭ شىنىلىنى تۆت قىتىم تىلغا ئېلىشنىڭ قانداق رولى بار؟ چار پادىشاھ ساقچى ئەمەلدارلىرىنىڭ بەلگىسى ۋە ئۇچۇمىلۇفنىڭ ھەيۋە كۆرسىتىپ كىشىلەرنى قورقۇتىدىغان قورالى قىلىپ ئۇنىڭ رەزىل پىسخىكىلىق پائالىيىتى تەلتۆكۈس يورۇتۇپ بېرىلگەن . خىريوكىننىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ، قارشى تەرەپتىن ئۇچۇمىلۇفنىڭ شامالغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان يۇقىرىغا خۇشامەت قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى بوزەك قىلىدىغان ئەپتى – بەشرىسىنى ئېچىپ بەرگەن . ئۇچۇمىلۇف بىلەن ئەسەردىكى ئاساسلىق زىددىيەت نېمە؟ خىريوكىن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، ماھىيەتتە چار پادىشاھ ھۆكۇمران سېنىپى بىلەن خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت. پارچىنى ئوقۇپ تەلەپنى ئورۇنداڭ. ـبۇ بىزنىڭ ئەمەس،-سۆزىنى داۋام قىلدى پىروخور،-بۇ گېنىرالنىڭ يېقىندا كەلگەن ئاكىسىنىڭ ئىتى.بىزنىڭ گېنىرالنىڭ بۇنداق ئىتلار بىلەن خوشى يوق،ئۇ كىشىنىڭ ئاكىسى مۇنداق ئىتلارنى ياخشى كۆرىدىكەن. پارچىدىكى پىروخور كىم ؟ ئاپتۇر نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ تەسۋىرىنى ھېكايىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسىمىغا ئورۇنلاشتۇرغان؟ پىروخور گېنىرالنىڭ ئاشپىزى. ھېكايە ۋەقەلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇش،كىتاپخانىلانىڭ قىزىقىسشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ تەسۋىرىنى ئەڭ ئارقىغا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ ھېكايە ھېكايە سىيوژىت بۆلىكىنىڭ كولمىناتسىيە نوقتىسىغا تەۋە. چۈنكى بۇقىسىم ھېكايىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى،كىتاپخانىلارنى ئويلاندۇرىدىغان،جىدىيلەشتۈرىدىغان قىسىمى بولغانلىقى ئۈچۈن. ئوچۇمىلوفنىڭ ئىتقا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ ئەسەردىكى ئوچۇمىلوف يۇمىلاق تاۋۇز،ئۆزگىرىشچان،شامالنىڭ يۆنىلىشگە قاراپ ئىش تۇتىدىغان ،مەيدانى يوق،يوقىرىغا قارىتا خوشامەتچى،تۆۋەنگە قارىتا زالىم خارەكتىرىنى ھېس قىلدىم. بىزدىكى «ئىگىسىنى سېغىنساڭ ئىتىغا سۆڭەك تاشلا» دېگەن تۇراقلىق تەركىبنىڭ مەنىسى نېمە؟ جەمىيتىمىزدىكى بىرقىسم كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا ئېرىشش،ئۇلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ،ئەتىراپىدىكى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىل،ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرىشىنى قولغا كەلتۈر دېگەن مەنە ئىپادىلەنگەن. «ـ بۇ ،مۆھتەرەم ئەپەندى،كۈلكە بولۇش ئۈچۈن،تاماكىنىڭ چوغىنى كۈچۈكنىڭ تومشۇقىغا يېقىۋىدى،كۈچۈكمۇ ئەخمەق ئەمەستە،ئۇنى چىشلىۋالدى...بۇ كىشى ئۆزى شۇنداق چاتاقچى ئادەم ئىكەن،مۆھتەرەم ئەپەندى! ـ يالغان ئېيتىسەن كاززاپ ! كۆرمىگەندىن كېيىن يالغان ئېيتىشنىڭ ھاجىتى نېمە؟جانابلىرى ئەقىللىق كىشى،كىمنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى،كىمنىڭ خۇدا ئالدىدا پاك ئىكەنلىكىنى بىلىدىلا...ئەگەر مەن يالغان ئېيتقان بولسام ،سوت ھۆكۈم قىلسۇن،ئۇنىڭ قانۇندا بارلىقى ئېيتىلغان...ھازىر ھەممە بىردەك... مېنىڭ ئىنىممۇ ژاندارمىدا ئىشلەيدۇ...ئەگەر بىلگۈڭلار كەلسە... -تالاشماڭلار! ـياق،بۇ گېنىرالنىڭ ئىتى ئەمەس...گېنىرالدا مۇنداق ئىتلار يوق. ئۇنىڭ ئىتلىرى تولىسى ئوۋچى ئىتلار ،-دېدى چوڭقۇرراق ئويلىغان ھالدا گورودوۋوي. پارچىدا كىملەر ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگ بېرىلگەن؟ ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن قايسىلار بېرىلگەن؟ خىريوكىن،ئوچۇمىلوف،گورىدوۋوي ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ. ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن بايان بىلەن تىل تەسۋىرى قوللىنىنلغان. پارچە ئەسەر سىيوژىتىنىڭ قايسى بۆلىكىگە تەۋە؟ راۋاج قىسىمىغا تەۋە. تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئىزاھلاڭ. مۆھتەرەم- كىشلەرنىڭ ھۆرمەت ئېھتىرامىغا سازاۋەر بولغان، ھۆرمەتلىك كاززاپ-ئالدامچى،ھىيلىگەر گېنىرال-ئەڭ يۇقىرى ،ئالىي ھەربىي قۇماندان. ئانتون پاۋلوۋىچ چېخوپ – (1860- 1904)19- ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن رۇس رېئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇستازى، دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا كۆزگە كۈرۈنگەن ئەدىپ. روسىيىنىڭ تەنقىدى رىئالىزىم ئەدەبىياتىدا داڭق قازانغان ئاتاقلىق ھىكايىچى، شۇنداقلا مەشھۇر دىرامماتورگ « خامېلېئون» ئۇنىڭ ۋەكىل خارەكتېرگە ئىگە ئەسىرى بولۇپ ،1883- يىلى يازغان. ئانتون پاۋلوۋىچ چېخوف روسىيەنىڭتەنقىدىي رىئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ داڭ قازانغان ئاتاقلىق ھېكايىچىسى،شۇنداقلامۇنەۋۋەردىراماتورگ «خامېلېئون»ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسىرى .ئۇنىڭ«سېمىزۋەئورۇق»،«پەرىشانلىق»،«ھەسرەت»،«ھارامزادە» قاتارلىق ھېكايە ۋە درامىلىرى بار . دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى: «خامېلېئون» 1884-يىلى ئېجاد قىلىنغان. ئەسەر ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى روسىيە خەلق رايى پارتىيسىدىكىلەر ئالېكساندر Ⅱ نى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن،ئالېكساندرⅢ نى تەختكە چىقىرىپ،ساقچى ھۆكۈمرانلىقىنى بار كۈچى بىلەن كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بويايدىغان بەزى ئەمر-پەرمانلارنى چىقىرىپ ،رەھىمسىز مۇستەبىتلىككە چۇمپەردە ياپىدۇ .چىخوف ياراتقان ساقچى ئەمەلدارى ئۇچۇمىلۇف دەل چار پادىشاھ مۇستەبت ساقچى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئوبرازى.شۇڭا ،بۇ ئەسەردە كىنايە قىلىنغىنى ،پاش قىلىنغىنى ئاددىي ، يەككە – يېگانە ساقچىلار بولماستىن، بەلكى بەگ بولغۇچىلارغا چوقۇنىدىغان ئاشۇ روسىيە جەمئىيتى ، شۇنداقلا ياۋۇزلۇقى ئۇچىغا چىققان چار پادىشاھ مۇستەبىتچىلىكى . «خامېلىئون» -رۇسىيە يازغۇچىسى چىخوۋنىڭ شۇ ناملىق ھېكايسى. چىخوۋ بۇ ئەسىردە كۈچلۈكلەرنىڭ قولتۇقىغا كىرىۋالىدىغان، ئەھۋالغان قاراپ ئىش كۆرىدىغان قۇلىنىڭ تىپىك ئوبرازى يارىتىلىش ئارقىلىق، ئەينى ۋاقىتتىكى رۇسىيە جەمىيتىدىكى ھۆكۈمران تەبىقىسنىڭ قانۇنىنىڭ ئورنىغا يۈز-ئابرۇينى، پۇل-دۇنيانى قويۇشتەك رەزىل ماھىيتى ئېچىپ بەرگەن. خامېلىئون ئەسلىدە«ئۆزگىرىپ تۇرغۇچى» دىگەن مەنىدە. مەلۇم ئۆملىگۈچى ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋان بولۇپ، تۆت پەسىلدە ئۆزگىرىپ ئۆز ھاياتىنى ئۆتكۈزۈدىكەن، چىخوۋ بۇنىڭغا تەھلىللەپ، رۇسىيە ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىدىكى رەزىللىكلەرنى ئىچىپ تاشلىغان. بوپا-①رەخت، قەغەز قاتارلىق نەرسىلەرگە ئوراپ، تېڭىلغان، چىگىلگەن تۈگۈنچەك؛ يۈك: رەخت ساتقۇچى سېرىق قەغەزگە ئورالغان يوغان بىر بوپىنى، ئالدىدىكى كىشىگە ئۇزاتتى.②كۆڭۈلدىكى ئەندىشە، ھاجەتىسز غەم-غۇسسە، ئىدىيۋى بوپا. غەلۋىر- بۇغداي ياكى گۈرۈچ قاتارلىقلارنى تاسقاش ئۈچۈن ئۈچەي ياكى سىمدىن توقۇلغان قاسقانلىق ئۆي سايمىنى، تۆشۈكلىرى ئەلگەكتىن چوڭراق:ئۇ، - مەن ئامباردىن غەلۋىر ئىلىپ بىرەي، مۇشۇ يەردىلا تازىلا، - دەپ بۇيرۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى. كاڭشىماق-①«كاڭ» قىلماق، « كاڭ-كاڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق: مەن ئىتنى قوغلىۋېتەي، بولمىسا تولا كاڭشىپ ئۇيقۇلىرىنى بۇزىدۇ. ②ئۇششاق گەپنى تولا قىلماق؛ ۋالاقشىماق: سەن بۆرىنىڭ كۈچىكى نېمىدەپ كاڭشىۋاتىسەن؟! ئانتون پاۋلوۋىچ چىخوۋ- (1860-1904) XIXئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياشىغان روسىيە رېئالست يازغۇچىسى. ئۇششاق سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن «خامېلىئون» ،« جاراھەت» ، «ھەسىرەت»،« ۋانكا»، 1888-يىلى «يايلاق» پوۋېستى، «نامەلۇم ئادەمنىڭ ھېكايسى» ،« ئېلىشىش» ،« دېھقان» ھېكايىلارنى، 1890-يىلى «6-نومۇرلۇق پالاتا» ، «يۇنىچ» ،« بالىخانلىق ئۆي»،« ئەركە نايناق خوتۇن» لارنى، 1890-يىلىدىن كىيىن «ئۈچ ئاچا-سىڭىل» ،« ۋانا تاغا» ، « گىلاسلىق باغ» ئەسەرلىرىنى يازغان. تېكىست- لاتىن تىلىدىن روس تىلى ئارقىلىق كىرگەن ئاتالغۇ. لۇغەت مەنىسى: يېزىلغان، كۆچۈرۈلگەن ياكى بېسىلغان ئىجادىي، ئىلمىي ئەسەر؛ نۇتۇق، ھۆججەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ ئەسلى نۇ
展开阅读全文

开通  VIP会员、SVIP会员  优惠大
下载10份以上建议开通VIP会员
下载20份以上建议开通SVIP会员


开通VIP      成为共赢上传

当前位置:首页 > 教育专区 > 初中语文

移动网页_全站_页脚广告1

关于我们      便捷服务       自信AI       AI导航        抽奖活动

©2010-2025 宁波自信网络信息技术有限公司  版权所有

客服电话:0574-28810668  投诉电话:18658249818

gongan.png浙公网安备33021202000488号   

icp.png浙ICP备2021020529号-1  |  浙B2-20240490  

关注我们 :微信公众号    抖音    微博    LOFTER 

客服