收藏 分销(赏)

诺尔曼底号遇难记.doc

上传人:仙人****88 文档编号:9312598 上传时间:2025-03-21 格式:DOC 页数:8 大小:51.50KB 下载积分:10 金币
下载 相关 举报
诺尔曼底号遇难记.doc_第1页
第1页 / 共8页
诺尔曼底号遇难记.doc_第2页
第2页 / 共8页


点击查看更多>>
资源描述
مەجبۇرىي مائارىپ دەرسلىكى تىل-ئەدەبىيات 9-يىللىق 2-قىسىم 15.نورماندى ناملىق پاراخوتنىڭ خەتەرگە يولۇقۇشى 诺曼底号遇难记 ھېكايە ۋېكتور ھېيۇگۇ (بىرىنچى سائەتلىك دەرس) تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايۇنلۇق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئايشەمگۈل ئابلىز 吐鲁番市高昌区第一中学 阿衣夏木古丽。阿布里孜 15-نورماندى ناملىق پارخوتنىڭ خەتەرگە يولۇقۇشى ھىيۇگو ژانىرى :ھېكايە ماتىريال تەھلىلى: بۇ ھېكايە 9-يىللىق تىل ئەدەبىيات دەرسىدىكى ھېكايە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ھېكايىدە ئىپادىلەنگەن مەركىزى ئىدىيىنى ھېس قىلدۇرۇش ۋە ئوقۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئۆز ھېسسىياتىنى تاۋلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار تەھلىلى: ئوقۇغۇچىلارنى ھېكايە توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش شۇنداقلا بۇ ھېكايىنىڭ ئۈزگىچە ئىپادىلەش ئۈسۇلىنى ئۈگۈتۈش مەخسەت قىلىنىدۇ. ئوقۇتۇش نىشانى بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى: ھېكايىنى ئوقۇپ مەزمۇنىنى چۈشىنىش.ئەسەر ئاپتورى ۋە ژانىرىنى ئەستە ساقلاش؛ ئەسەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىدىيىنى چۈشىنىش؛ مۇھىم نۇقتا: ئەسەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىدىيىنى چۈشىنىش؛ قىيىن نۇقتا:. ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى تېپىش ۋە ئۇلارنىڭ رولىنى بىلىش؛ مۇھاكىمە ۋە مەشىق سوئاللىغا توغرا جاۋاپ بېرەلەيدىغان بولۇش؛ ھېسىيات ۋە قىممەت قارشى نىشانى: خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش،تىرىشىپ ئوقۇپ ۋەتەن خەلىقىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئىرادىسىنى چېڭىتىش . ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: ئۈلگە ئارقىلىق يېتەكلەش،مۇھاكىمە ۋە تەھلىلگە ئويۇشتۇرۇش ،مەشق ئارقىلىق مۇستەھكەملەش . ئۈگۈنۈش شەكلى : ئىزدىنىپ ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنش شەكلى. ئوقۇتۇش ۋاستىللىرى :دەرسلىك كىتاپ،ئەدەبىيات نەزىريەسى ۋە ئۇيغۇر تىلىغا دائىر پايدىلنىش ماتىرياللىرى،كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرى. ئۇسۇل ۋە جەريان: كوللىكتىپ مۇلاھىزىگە تەشكىللەش، يىتەكلەش، ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يىڭى دەرىس مەزمۇنى چۈشەندۈرلىدۇ. دەرىس سائىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش : بۇ دەرس ئىككى سائەت ئۆتۈلىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش مەزمۇنى: كىچىك سۇئاللار ئارقىلىق تەھلىلگە يىتەكلىنىدۇ. ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى (ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئاساسى بىلىمنى يىغىنچاقلاش ۋە ئىقتىدار سىناش سۇئاللىرى) 1-سائەتلىك دەرس يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: «تىتانىك ناملىق پاراخوت » ناملىق كىنونى بەش مىنوتلۇق يېرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىمەن. .ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىن ئوقۇپ كېلىش ئەھۋالى ۋە ئەسەر ئاپتورى، ژانىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردىن ماتىرىيال توپلاش ئەھۋالى تەكشۈرۈپ سوراپ كۆرۈلىدۇ،ياخشىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ. 2.ئاپتور ھەققىدىكى چۈشەنچە چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. ۋېكتور ھېيوگو فرانسىيە يازغۇچىسى. فرانسىيە رومانتىزملىق ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى. ئۇنىڭ«پارىژدىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋى››، «پاجىئەلىك دۇنيا››،‹‹93-يىل›› قاتارلىق ۋەكىللىك رومانلىرى بار. ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتى 60 يىل داۋام قىلغان . سۆزلەرگە ئىزاھات بىر چى : ئۇزۇنلۇق بىرلىكى 33 سانتىمىتىرغا تەڭ. بىر مىل : ئۇزۇنلۇق بىرلىكى 1.609344 كىلومىتىرغا تەڭ سەركار : باشلامچى،ئىش بېشى. كاپىتان : پاراخوت باشلىقى . تېكست بىر قۇر ئوقۇتۇلۇپ ئەسلىتىلىدۇ. ھېكايە ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىخچام چۈشەندۈرۈلىدۇ. 4.ژانىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلار كۈچەيتىلىدۇ. ھېكايە دېگىنىمىز-تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تۇرمۇش ھادىسلىرى ئارقىلىق جەمىيەتتىكى بىر مەسلە ياكى ئۆز ھەجىمىگە قارىغاندا كەڭ ۋە مۇرەككەپ مەزموننى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ئىپىك ئەسەرلەردۇر. 5.ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەش ۋە سىناش ئوقۇغۇچىلار كۆنۈكمە ۋە مەشىق سوئاللىرى بويىچە تەھلىلگە يېتەكلىنىدۇ؛ 1."نورماندى" ناملىق پاراخۇت قاچان،قانداق ۋاقىتتا يولغا چىققان؟دېڭىزنىڭ ھاۋارايى ئەھۋالى قانداق ئىدى؟ 2..توساتتىن قۇيۇق تۇمان ئارىسىدا بىر قارا كۆلەڭگە پەيدا بولدى؟بۇ نېمە؟ 3.‹‹نورماندى›› ناملىق پاراخۇتنىڭ كاپىتانى كىم؟ 4.ھەممە كىشىلەر قورقۇپ ساراسىمگە چۈشكەن ھايات-ماماتلىق پەيتتە كاپىتان خارۋىرمۇ قورقتىمۇ؟ 5.كاپىتان خارۋىر جىددىي ئەھۋالدا ئالدى بىلەن نېمىنى ئويلىدى؟ 6.كاپىتان خارۋىر ئادەم قۇتقۇزۇشتا قانداق كەسكىنلىك بىلەن قوماندانلىق قىلدى؟ دەرسخانا مەشقى 1. كاپىتاننىڭ بىر ئېغىز سۆزىدىن كېيىن، ھەممە ئادەم جېمىپ قالدى. ئۇنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى. تۇيۇقسىز كەلگەن تالاپەت ئالدىدا كاپىتان ئۆزىنى قانداق تۇتتى ۋە قانداق قۇربان بولدى؟ 2.‹‹كاپىتان خارۋىر يەنىلا ئۆز ئورنىدا مەزمۇت تۇراتتى.ئۇ بىرەر قول ئىشارىتىمۇ، بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلمىدى، تىك تۇرغىنىچە پاراخۇت بىلەن بىللە دېڭىزغا غەرق بولدى.›› كاپىتان چۆكۈپ كىتىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىزمىدى؟نېمە ئۈچۈن؟ 3.كاپىتان خارۋىر باش ياردەمچى ئوئاكېلېيغا:«قايسى ئەر نۇمۇس قىلماي ئاياللارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالسا ، ئېتىۋىتىڭ» دەيدۇ. ئەرلەرنىڭ ئەنە شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئاياللارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىشى نۇمۇس قىلىدىغان ئىشمۇ؟ سىزنىڭچە قانداق قىلىش كېرەك؟ 4.كاپىتان خارۋېر قانداق ئوبراز؟ دەرستىن خۇلاسە سىز بۇ تېكىستنى ئۆگەنگەندىن كېيىن نېمىلەرنى چۈشەندىڭىز؟ دوسكا لايىھەسى: 15-نورماندى ناملىق پارخوتنىڭ خەتەرگە يولۇقۇشى ھىيۇگو ژانىرى :ھېكايە تاپشۇرۇق : "ماس قەدەملىك مەشىق"كىتابىدىكى مەشىقلەرنى ئىشلەپ كېلىش. دەرسلىك بايلىقى :دەرسلىك كىتاپ ،‹ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش قوللانمىسى›،‹شىنجاڭ مائارىپ ئوقۇتۇش بايلىقى مۇنبىرى›دىن پايدىلىنىپ تۇزۇلدى. دەرىستىن كېيىنكى ئويلىنىش : 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئايشەمگۈل ئابلىز.
展开阅读全文

开通  VIP会员、SVIP会员  优惠大
下载10份以上建议开通VIP会员
下载20份以上建议开通SVIP会员


开通VIP      成为共赢上传

当前位置:首页 > 教育专区 > 小学其他

移动网页_全站_页脚广告1

关于我们      便捷服务       自信AI       AI导航        抽奖活动

©2010-2025 宁波自信网络信息技术有限公司  版权所有

客服电话:0574-28810668  投诉电话:18658249818

gongan.png浙公网安备33021202000488号   

icp.png浙ICP备2021020529号-1  |  浙B2-20240490  

关注我们 :微信公众号    抖音    微博    LOFTER 

客服