资源描述
3.مېنىڭ تۇنجى ھىكايەم
ئەخەت تۇردى
تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىن:
نۇرىمان ئېزىز
سائەتلىك دەرس لايىھەسى
3.مېنىڭ تۇنجى ھىكايەم
ئەخەت تۇردى
دەرس ئوتكۈچى: نۇرىمان ئېزىز
ئوقۇتۇش نىشانى
بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى:
1) ئاپتۇر ھەققىدە ۋە تېكىستىنىڭ ژانىرى ھەققىدەچۈشەنچىگە ئىگە قىلىش
2) تېكىستىنى ھېسياتلىق ئوقۇش ۋە مەزمۇنىنى چۈشىنىش
مۇھىم سۆز-جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى ئىگىلەش ۋە ئاپتۇرنىڭ مۇددىئاسىنى چۈشىنىش
جەريان ۋە ئۇسۇل:تېكىسىت ئوقۇش.چۇشەنمىگەن سوزلەرنى ئىگەللەش ۋە جۇملە تۇزەش .تېكىسىت ئۇستىدە تەھىلىل ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى ئىگەللىتىلدۇ.
ھېسىيات ۋە قىممەت قارشى نىشانى: ئىرادىلىك بۇلۇش.ئوز نىشانى ئۇچۇن بوشاشماي ئالغا ئىلگىرلەش روھى بۇلۇش.قىيىنچىلىقلار ئالدىدا باش ئەگمەسلىك توغرىسىدائىدىيۋى-تەربىيە سىڭدۇرۇلدۇ
مۇھىم نۇقتا: ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېكىستنى ئۇقۇپ ئاپتۇرنىڭ ھېسياتى،ئىدىيىسىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىش .
قىيىن نۇقتا:. تېكىستتىكى مۇھىم سۆز-جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى ئىگىلەش. ئاپتۇرنىڭ مۇددىئاسىنى چۈشىنىش
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:ئۆلگە كۆرسىتىش، لىكسىيە، مۇھاكىمەيۈرگۈزۈش، ئىزدىنىپ ئۆگۈنۈش
دەرس سائىتى: بىر سائەت ئۆتۈلىدۇ.
ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى : دەرىسلىك كىتاپ ، دوسكا، كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسى.
ئۈگۈنۈش شەكلى : ئىزدىنىپ ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنش شەكلى.
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: .
سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز نىمە؟ سىز ئارزۇيىڭىزغا يىتىش ئۇچۇن قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتىڭىز؟ بىز بۇسائەت دەرىستە بىر يازغۇچىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى تەسۋىرلەنگەن بىر ئەسەر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. دىيىش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلدۇ.
.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىن ئوقۇپ كېلىش ئەھۋالى ۋەئەسەر ئاپتورى، ژانىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردىن ماتىرىيال توپلاش ئەھۋالى تەكشۈرۈپ سوراپ كۆرۈلىدۇ،ياخشىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ.
2.ئاپتور ھەققىدىكى چۈشەنچە چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ.(ئوقۇغۇچىلارنىڭ توپلىغان ماتىرىيالىغا تولۇقلىما قىلىنىدۇ)
ئەخەت تۇردى1940-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۇنى قەشقەردە تۇغۇلغان . دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىنىڭ تەرەقىياتىغا ۋە گۇللەپ ياشناش ۋەزىيىتىگە مۇھىم توھپە قوشقان ۋەكىل خارەكتىرىدىكى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى .ئۇ ھازىر جوڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى دولەتلىك بىرىنچى دەرجىلىك يازغۇچى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى فىلىلوگىيە ئىنىستوتىنىڭ پەخرى پىروفىسورى ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن :
«خەيرى-خوش توققۇز كۇنلۇك ماكان»، «ئەلۋىدا كوز يېشىم» ، ناملىق ھىكايە- پوۋىستىلىرى «سەرسان روھ »، «بەخىتسىز سەئىدىيە»، «قاباھەت »، «ئۇنتۇلغان كىشىلەر»،«ئاي يامغۇرى» ناملىق رومانلىرى بار.
2.تىكىست ئۇقۇش< ئۈلگە كۆرسۈتۈپ ئۇقۇش ،ئۇقۇشقا يىتەكلەش ،>ئۇقۇش داۋامىدا يېڭى سۆزلەر بولسا سىزىپ چىقىش ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
1يېڭى سۆزمەنىسى
ۋەلى-1)ئەۋلىيا ئۇلۇغ 2)بىلىملىك، كارامەتكە ئىگە كىشىلەر
ئىجادىي-ئىجادىيەت يېڭىلىق يارىتىش ئۇچۇن خىزمەت قىلدىغان .ئىجاد
قىلىنغان.
دارىلمۇئەللىمىن-مەخسۇس ئوقۇتقۇچى تەربىيلەيدىغان مەكتەپ «پىداگوگىكا مەكتىپى»
تىڭتىڭلاش-مەلۇم بىر ئىش بىرەر ئەھۋالنىڭ يىپ ئۇچى مۇناسىۋەتلىك
تەرەپلىرىدىن دېرەك ئىزدىمەك .ئۇقۇشۇپ كورمەك .
ئارگىنال- ماقالە ئەسەرلەرنىڭ دەسلەپكى قول يازمىسى
يۇقارقى سۆزلەرنى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ھەل قىلىدۇ.
تۈۋەندىكى سۇئاللارنى مۇلاھىزە قىلىڭ؟
تېكىستە يازغۇچى ئەخەت تۇردى يېزىقچىلىققا ھەۋەس قىلغان دىسلەپكى ۋاقىتتا يېزىقچىلىقنى قانداق چۇشەنگەن؟كېيىن بۇ چۇشەنچىسىدە قانداق ئوزگىرىش بولدى؟سىزنىڭ يېزىقچىلىق ھەققىدىكى چۇشەنچىڭىز بىلەن يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ يېزىقچىلىق ھەققىدىكى چۇشەنچىسىدە قانداق ئورتاقلىق ۋە
پەرىقلەر بار دەپ قارايسىز؟
خۇلاسە: ئاپتۇر دەسلەپكى چاغلاردا يېزىقچىلىقنى ئالاھىدە كارامەتكە ئادەملەرلا يازالايدۇ دەپ ئويلىغان .كېيىن بىرەر ئەسەر يېزىشنىڭ ئۇنداق تەس ئەمەسلىگىنى پەقەت تىرىشسىلا ،تۇرمۇشنى چوڭقۇر كۇزەتكەندىلا ئوزىدە ئىشەنىچ تۇرغۇزغاندىلا ياخشى ئەسەر يېزىپ چىققىلى بۇلىدىغانلىقىنى ھىس قىلدى.
(پەرىق ۋە ئورتاقلىققا ئوقۇغۇچىلار كوز قاراشلىرى ئاساس قىلىندۇ.)
توۋەندىكى جۇملىلەرنىڭ مەنىسىنى تەھىلىل قىلىشقا يىتەكلىندۇ.بۇ ئارقىلىق ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى يۇرۇتۇپ بىرىلدۇ.
1.«يازغۇچى شائىرنىڭ خاس ئۇستازى بولمايدىكەن ئۇنىڭ ئۇستازى ھاياتنىڭ ئۆزى ،ئۆز تەجىربىسى ئۇمۇرلۇك ئوگىنىش ۋە ئىزدىنىش ئىكەن.»
2.« نۇرغۇن بۇلاقلار بىر-بىرىگە قۇشۇلۇپ بىر يەردە دەريا بىر يەردە ئوستەڭ بۇلۇپ ئاقىدۇ.ئەنە شۇ دەريا ياكى ئوستەڭدىن ئېلىنغان بىر ئوچۇم سۇنىڭ قايسى بۇلاقنىڭ ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بولمايدۇ»
ئوقۇغۇچىلار مۇھاكىمىسىدىن كېيىنكى خۇلاسە:
دىمەك،يازغۇچى شائىرلار بىزگە روھى ئۇزۇق بەرگۇچىلەردۇر.ئۇلارنىڭ ئۇستازى تۇرمۇش بۇلۇپ ئۇلار ئومۇرلۇك ئۇگىنىش ۋە ئىزدىنىش روھىغا ئىگە بولغاندىلا ياخشى ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۇرەلەيدۇ ئۇلار يېزىپ چىققان ياخشى ئەسەرلەر بىزنىڭ مەدىنيىتىمىزگە ،تارىخىمىزغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان بۇلۇپ،بۇ ئەسەرلەردىن كىيىنكى ئەۋلاتلار ئورتاق ھۇزۇر ئالالايدۇ،ئورتاق بەھرىمان بۇلىدۇ.
3.سىزمۇ يېزىقچىلىققا قىزىقامسىز؟بىرەر پارچە شېئىر ياكى كىچىك ھىكايىلەرنى يېزىپ باققانمۇ؟بۇ ئەسەرنى ئوقۇش ئارقىلىق نىمىنى ھىس قىلدىڭىز؟دىگەن سۇئال ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە يېزىقچىلىقنى تەس كورمەسلىك دادىل بۇلۇش جۇرئەتلىك بۇلۇش توغرىسىدا ئىدىيۋى-تەربىيە بىرىلدۇ ۋە بۇنى «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە،كۆڭۇل قويغان ئادەمگە»دىگەن ماقال ئارقىلىق يەكۇنلەپ چىقىلدۇ.
ئاخىرىدا ئەسەر ژانىرى خۇلاسىلاپ بىرىلىدۇ.
ئەسلىمە –مول تۇرمۇش ئەمەلىيتىگە، چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق بىلىمگە، قىممەتلىك تەجىربە ساۋاقلارغا ئىگە بولغان پىشقەدەملەر، كۈرەش قەھرىمانلىرى، داھىيلار، ئالىملار ۋە جەمىيەتشۇناسلار، سىياسىئونلار، ھەربىي قۇماندانلارنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن سەرگۈزەشتىللىرى. ئۇ مەزمۇن جەھەتتىن كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان، كىشىلەرگە ئۆرنەك بولىدىغان مۇئەييەن كۆزقاراش روھى ئوزۇق بىرەلەيدىغان راست ۋەقە تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تاپشۇرۇق :1.«مىنىڭ ئارزۇيۇم» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ئەسەر يېزىپ كىلىڭ
2 ماس قەدەملىك مەشىقنى ئىشلەڭ.
دوسكالاھىيەسى
3.مىنىڭ تۇنجى ھىكايەم
ئەخەت تۇردى
«خەيرى-خوش توققۇز كۇنلۇك ماكان»، «ئەلۋىدا كوز يېشىم» ، ناملىق ھىكايە- پوۋىستىلىرى «سەرسان روھ »، «بەخىتسىز سەئىدىيە»، «قاباھەت »، «ئۇنتۇلغان كىشىلەر»،«ئاي يامغۇرى» ناملىق رومانلىرى بار.
展开阅读全文