收藏 分销(赏)

考试参考资料维文.doc

上传人:xrp****65 文档编号:7726694 上传时间:2025-01-14 格式:DOC 页数:49 大小:401KB 下载积分:10 金币
下载 相关 举报
考试参考资料维文.doc_第1页
第1页 / 共49页
考试参考资料维文.doc_第2页
第2页 / 共49页


点击查看更多>>
资源描述
كادىرلارنىڭ نەزىريە ئۈگۈنىشىدىن ئېلنىدىغان ئىمتىھانغا تەكرار قىلىشتا پايدىلىنىدىغان ماتىرىياللار توپلىمى بىرىنچى: پارتىينىڭ ئاساسى نەزەرىيۋى بىلىملەردىن سۇئال- جاۋابلار 1. جوڭگۇ كوممونىستىك پارتىيسى نېمىنى ئۆزنىڭ ھەركەت قىبلىنامىسى قىلغان ؟ جاۋاپ: ماركىسىزم-لېنىنىزىم، ماۋزىدۇڭ ئىدديسى، دىڭ شىياۋپىڭ نەزەريىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلش» مۇھىم ئىددىيسىنى ئۆزىنىڭ ھەركەت قىبلىنامىسى قىلغان. 2. پارتىيمىزنىڭ ئۈچ چوڭ ئىسل ئىستىلى نېمە؟ جاۋاپ: بىرىنچى، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئىككىنچى، ئامما بىلەن قۇيۇق ئالاقە باشلاش، ئۈچىنچى، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلشتىن ئىبارەت. 3. 21-ئەسىردىكى پارتىيمىزنىڭ ئۈچ چوڭ تارىخى ۋەزىپىسى نېمە؟ جاۋاپ: زامانۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشىنى تاماملاپ، دۇنيانىڭ تىنىچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. 4.جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ «مىللى روھى»دېگىنىمىز نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ جاۋاپ: ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى يادرو قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىككە كىلىپ، تىنىچلىقىنى سۆيۈپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، باي بولۇپ، توختىماستىن ئۆز-ئۆزىنى كۈچەيتىش روھىنى كۆرسىتىدۇ. 5.«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىددىيسىنى ئۈگۈنۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەملىيلەشتۈرۈشتە قايسى ئۈچنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك؟ جاۋاپ: نەزەرىيە ئۈگنىش بىلەن ئەمەلىيەتكە يىتەكچىلىك قىلىشنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئوبىكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەن سۇبيىكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ۋە نەزەريىنى قوللىنىش بىلەن نەزەريىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. 6. پارتكوملارنىڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تەدبىر بەلگىلەشتىكى پىرىنسىپى نېمە؟ جاۋاپ: كوللىكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دىمكوراتتىك مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم غۇلغۇلا قىلىپ، يىغىندا بىكىتىش پىرىنسىپىدىن ئىبارەت. 7. پارتىيمىزنىڭ ئەڭ زور سىياسى ئۈستۈنلىكى نېمە؟ جاۋاپ: ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش. 8. پارتىينىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى يادرولۇق مەسىلە نېمە؟ جاۋاپ: پارتىينىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتىن ئىبارەت. 9.ئىككى جەزمەن دېگىنىمىز نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ جاۋاپ: جەزمەن كەمتەر ئىھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلۇق ئالدىراقسانلىقتىن ساقلنىش ئىستىلىنى ساقلاش، جەزمەن جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۆرەش قىلىش ئىستىلىنى ساقلاش. 10. پارتىينىڭ ئىنتىزام جازاسى نەچچە تۈرلۈك؟ جاۋاپ: ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيىدە قالدۇرۇپ سىناش، پارتىيدىن چىكىندۈرۈشتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك. 11. بىز تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈچكە پايدىلىق بولۇشنى باش چىقىش نوقتىسى ۋە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشمىز كېرەك، ئۈچكە پايدىلىق بولۇشنىڭ مەزمۇنى نېمە؟ جاۋاپ: سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئۇنۋىرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشتىن ئىبارەت. 12. تۆت ئاساسى پىرىنسىپنىڭ مەزمۇنى نېمە؟ جاۋاپ: سوتسىيالىزىم يولىدا چىڭ تۇرۇش، جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق دمكۇراتتىيە دېكتاتۇرسىدا چىڭ تۇرۇش، ماركىسىزم-لېنىنىزىم ، ماۋزىدۇڭ ئىددىيسىدە چىڭ تۇرۇش. 13. جوڭگۇچە ئالاھىدىلىككە سوتسىيالىزىم قۇرۇشتىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ چىقىش نوقتىسى ۋە ئاخىرقى مەقسىدى نېمە؟ جاۋاپ:جان دىلى بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئەتنى كۆزلەش. 14. پارتىينىڭ ئەڭ ئالى غايىسى ۋە ئەڭ ئاخىرقى نىشانى نېمە؟ جاۋاپ: پارتىينىڭ ئەڭ ئالى غايىسى ۋە ئەڭ ئاخىرقى نىشانى- كوممۇنىزىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. 15. مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ جاۋاپ: نەرسە ھوقۇقى، قەرىزدارلىق ھوقۇقى، پاي ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 16. ئىلغارلىق تەربىيسى پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇشتا يەتمەكچى بولغان نىشان نېمە؟ جاۋاپ: بىرىنچىدىن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىككىنچىدىن، ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش؛ ئۈچىنچىدىن، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش؛ تۆتىنچىدىن، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش. 17. پارتىينىڭ ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرى قايسى تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ جاۋاپ: پارتىينىڭ ئاساسى قاتلام كومتېتى، باش ياچېيكا كومتېتى ۋە ياچېيكا كومتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 18. دۆلتىمىزنىڭ سوتسىيالىزىمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى تەقسىمات تۈزۈمى نېمە؟ جاۋاپ: ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساس قىلىش، كۆپ خىل تەقسىىمات شەكلى بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك تەقسىمات تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت . 19. پارتىينىڭ دىموكىراتتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئاساسي مەزمۇنى نېمە؟ جاۋاپ: پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە تەشكىلىگە بوي سۇنۇش، ئازسانلىق كۆپ سانلىققا بوي سۇنۇش، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلارغا بوي سۇنۇش، پۈتۈن پارتىيدىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىينىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە مەركىزى كومېتتقا بوي سۇنۇشتىن ئىبارەت. 20. «ئۈچكە ۋەكىللىك قلىش»مۇھىم ئىددىيسىنىڭ ئىخچاملاشتۇرۇلغان كونكىرىتنى مەزمۇنى نېمە؟ جاۋاپ: جوڭگۇ كوممونىستىك پارتىيسى چۇقۇم باشتىن ئاخىر جوڭگۇدىكى ئىلغار ئىشلەپچىقرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىشى، جوڭگۇدىكى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يۈۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىشى، جوڭگۇدىكى ئەڭ كەڭ خەلىقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىش كېرەك. 21. جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ خاراكتىرى نېمە؟ جاۋاپ: جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى جوڭگۇ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارىت ئەتىرىتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جوڭگۇ خەلقى ۋە جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاۋانگارىت ئەتىرىتى، شۇنداقلا جوڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىدۇر. 22. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىددىيسىنىڭ تۈپ ماھىيتى نېمە؟ جاۋاپ: ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىميەت يۈرگۈزۈش. 23. سوتسىيالىستىك دېمكۇراتتىك سىياسىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئەڭ تۈپكى مەسىلە نېمە؟ جاۋاپ: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۆز-ئۆزىگە خۇجا بولۇش بىلەن دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىىدارە قىلىش- پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتكى ئاساسلىق تەدبىردۇر. 24. پارتىينىڭ ئىلغارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشنىڭ تۈپ تەلىۋى نېمە؟ جاۋاپ: ئىددىينى ئازاد قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىددىيۋى لۇشىيەن ۋە ئىددىيۋى ئىستىلدا چىڭ تۇرۇش. 25. پارتىينىڭ رەھبەرلىكى ئاساسلىقى قايسى جەھەتتىكى رەھبەرلىكىنى كۆرسىتىدۇ؟ جاۋاپ: پارتىينىڭ رەھبەرلىكى ئاساسلىقى سىياسى، ئىددىيۋى ۋە تەشكىلى جەھەتتىكى رەھبەرلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 26. دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى دىپلۇماتسىيىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى نېمە؟ جاۋاپ: مۇستەقىل ئۆز-ئۆزىگە خۇجا بولۇش، تامامەن باراۋەر بولۇش، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشىش، ئىچكى ئىشلىرىغا ئۆز-ئارا ئارلاشماسلىق پىرىنسىپى. 27. «پارتىيلىك رەھبىلىرى كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ، ۋەزىپىگە قۇيۇش خىزمىتىنىڭ ۋاقىتلىق نىزامنامىسى»دىكى بەلگىلىمىدە پارتىيلىك رەھبىرى كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ، ۋەزىپىگە قۇيۇشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك ئالتە چوڭ پىرىنسىپ قايسى؟ جاۋاپ: 1) پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرنسىپى؛ 2) ئەخلاقى، ئەقلى جەھەتتىن تەڭ يىتىلگەن بولۇش، ياخشىلارنى ۋەزىپىگە قۇيۇش پىرىنسىپى؛ 3) ئامما ئىتراپ قىلىش، ئەمىلى نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بىرىش پىرىنسىپى؛ 4) ئاشكارا، باراۋەر بولۇش، رىقابەتلەشتۈرۈپ ئەلالىرىنى تاللاش پىرىنسىپى؛ 5) دېمكۇراتتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرنسىپى؛ 6) قانۇن بۇيىچە ئىش بىجىرىش پىرىنسىپى؛ 28. پارتىينىڭ سوتسىيالىزىمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسى لۇشىيەنى نېمە؟ جاۋاپ: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقگە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسى پىرىنسىپتا، ئىسلاھات-ئېچىۋىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېمكۇراتتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك زامانۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتىن ئىبارەت. 29. پارتىينىڭ ئىنتىزامى نېمە؟ جاۋاپ: پارتىينىڭ ئىنتىزامى- پارتىينىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى چۇقۇم رىئايە قىلشقا تىگىشلىك ھەركەت مىزانىدۇر. ئۇ پارتىينىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش پارتىينىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشنىڭ كاپالىتى. پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوقۇم پارتىيە ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى ۋە ئۇنى قوغدىشى كېرەك. كومپارتىيە ئەزالىرى چوقۇم پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ چەكلىشىنى ئاڭلىق قۇبۇل قىلىشى لازىم. 30. يولداش دېڭ شىياۋپىڭ بارلىق پارتىيە ئەزالىرى يولداش ماۋزىدۇڭ ئوتتۇرغا قويغان قايسى بەش خىل ئىنقىلاۋى روھنى جارى قىلدۇرۇش لازىملىقىنى كۆرسەتكەن؟ جاۋاپ: بىرىنچى، ئىنقىلاۋى روھ ۋە جان تىكىپ ئېلىشىش روھىنى جارى قىلدۇرۇش؛ ئىككنچى، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى؛ ئۈچىنچى، شەخسىيەتىسىز بۇلۇش ۋە جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە كەينىدە تۇرۇش روھى؛ تۆتىنچى، بارلىق دۈشمەنلەرنى ۋە بارلىق قىينچىلقلارنى بېسىپ چۈشۈش روھى؛ بەشىنچى، ئىنقىلاۋى ئۈمۈتۋارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تۈمەنلىگەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش روھى؛ 31. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى ئىقتسادىي تۈزۈمى نېمە؟ جاۋاپ: ئومۇم مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئاساسى گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلكىنى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇش. 32. ئىلمي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى نېمە؟ جاۋاپ: 1) ئومۇمى مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئاساسى گەۋدە قىلغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىكنى ئورتاق تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئاساسى ئىقتسادىي تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. 2) شەھەر يېزىلارنىڭ ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىسىنى تەدىرىجى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولغان تۈزۈلمىنى ئورنۇتۇش. 3) رايۇنلار ئىقتسادىينىڭ ماس تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان تۈزۈلمىنى شەكىللەندۈرۈش. 4) بىر تۇتاش ئېچىۋىتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان ھازىرقى زامان بازار سېستىمىسىنى قۇرۇپ چىقىش. 5) ماكرولۇق تەڭشەش سېستىمىسى، مەمۇرى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئىقتسادىي قانۇن تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. 6) ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم تەقسماتى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئىقتسادىي، ئجىتىمائى ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مىخانىزمىنى ئورنىتىش. 33. غەربىتىكى بەزەن تەرەققى قىلغان كاپتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرگە قارىتا تىنىچ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى نېمە؟ جاۋاپ: سىياسى جەھەتتە غەربنىڭ كۆپ پارتىيە تۈزۈمى ۋە پارلامىنىت تۈزۈمىنى كومپارتىينىڭ رەھبەرلىك ئورنى ۋە خەلق دېكۇراتتىيە دىكتاتۇرسىدىكى دۆلەت تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، ئىقتسادىي جەھەتتە كاپتالىستىك خۇسۇسى مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى سوتسىيالىستىك ئومۇمى مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، ئىددىيە، مەدەنىيەت جەھەتتە كاپتالىستىك ئاڭ فورماتسىينى سوتسىيالىستىك ئاڭ فورماتسىينىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ ئاخىردا ئاتالمىش «ئۇرۇش قىلماي، غەلبە قىلىش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت. 34. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇشۇن قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمى تەلىپى نېمە؟ جاۋاپ: سىياسى جەھەتتە لاياقەتلىك بولۇش، ھەربى ئىشلاردا سىناقلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بولۇش، ئىستىلى ياخشى، ئىنتىزامى قاتتىق، كاپالىتى كۈچلۈك بولۇش. ئىككىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق بىلمىلىرىگە ئائىت سۇئال- جاۋابلار 35. نۆۋەتتە رايونىمىزنىڭ دۈشمەنگە قارشى كۆرەش ۋەزىيتىدە قانداق ئالاھىدىلىك كۆرىلىۋاتىدۇ؟ جاۋاب: تەشكىلات شايكىللىرى كۆلەملىشىش، ئەكسىيەتىچىل تەشۋىقات ئاشكارا بۇلۇش، ھەركەت شەكىلى زوراۋانلىشىشتەك گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك كۆرىلىۋاتىدۇ. خەلقئارا دىنى رادىكال تەشكىلات «ئىزبوت»تەشكىلاتى گەرچە ج خ ئورگانلىرىمىزنىڭ قاتتىق زەربە بىرىشكە ئۇچرىغان بۇلسىمۇ، لىكىن يەنە خېلىلا جاھىل بۇلۇپ، قايتا- قايتا زەربە بەرسەكمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ يەرلىكلىشىش ۋە زوراۋانلىشىش خاھىشى بارغانسىرى روشەنلىشىپ، خەۋىپى تېخمۇ ئېغىر بۇلىۋاتىدۇ. 36. رايونىمىزدا «ئۈچ خىل كۈچلەر»نىڭ دىندىن پايدىلنىپ، ئېلىپ بارغان بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەركىتىنىڭ ئاساسىلىق ۋاستىسى نېمە؟ جاۋاب: دىن ئەزەلدىن «ئۈچ خىل كۈچلەر»نىڭ بۆلگۈنچلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرىنى ئىلىپ بىرىشتا تاينىدىغان مۇھىم ۋاستىسى بۇلۇپ كەلدى. يېقنىقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان، بىز زەربە بەرگەن مىللى بۆلگۈنچىلىك تەشكىلات شايكىللىرىنىڭ ھەممىسى دىندىن پايدىلنىپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرىنى ئىلىپ بارغان، ئۇنىڭ ئەڭ تىپىك بولغىنى «ئىزبوت» تەشكىلاتى بۇلۇپ، «ئىزبوت» تەشكىلاتى ئەزا تەرەققى قىلىدۇرغاندا، ئالدى بىلەن رادىكال دىنى ئەقىدىنى سىڭدۈرۈپ، بەلگۈلىك دەرجىگە يەتكەندىن كېيىن، «غازات»نى تەرغىپ قىلغان، ئۇنىڭ ئاممىنى كۈشكۈرتىشى ۋە ئالدىشى ئىنتايىن كۈچلۈك بۇلۇپ، ئۇنىڭ مەقسىدى بار كۈچى بىلەن ئەزا تەرەققى قىلىدۇرۇپ، بىزنىڭ ھاكىميەت ئاساسىمىز ۋە ئاممىۋى ئاساسىمىزنى پارچىلاپ، ئۇرۇش قىلماي غەلبە قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. 37. دىنى ئىشلارنى باشقۇرۇشتا قايسى پىرنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؟ جاۋاب: دىنى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە چۇقۇم قانۇنلقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى تۇسۇش، سىڭىپ كىرىشنى چەكلەپ، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە زەربە بىرىش پىرىنىسىپنى قەتئى تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، ھەم باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەم باشقۇرۇشقا ماھىر بۇلۇپ، تۈرلۈك قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرنى چەكلەپ، دىنى رادىكال ئىددىيلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشنى ئۈنۈملۈك چەكلەپ، دىنى رادىكال كۈچلەر ۋە تۈرلۈك دىندىن پايدىلنىپ ئىلىپ بارغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەركەتلەرگە قەتئى زەربە بىرىش لازىم. ھەج- تاۋاب قىلىشىنى تەشكىللەپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىغا توغرا تەشۋىق قىلىپ ۋە ئاممىنى توغرا يىتەكلەپ، تارقاق ھەج قىلىش ھەركىتىنى قەتئى تۇسۇپ، نورمال دىنى پائالىيەت تەرتىۋىنى قوغداش لازىم. 38. ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم نوقتىسى نېمە؟ جاۋاب: ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەر تۈپ جەھەتتىن ئالغاندا ئاممىغا تەشۋىق قىلىش خىزمتى شۇنداقلا ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتىدۇر. مۇقىملىقنى قوغداشتا پەقەت قاتتىق زەربە بىرىش خىزمىتىگە تاينىپلا، ئاممىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قوزغىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمىگەندە، زەربە بىرىپمۇ، ئۈنۈملۈك زەربە بىرەلمەسلىك، ئالدىنى ئېلىپمۇ، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالماسلىقتەك پاسىسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قىلىپ، ئۇزاققىچە تىنىچ- ئامان بۇلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، شۇڭا بىز چۇقۇم ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز، ئۇنى مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى تۈپتىن تۈزەش تەدبىرى ۋە ئۇل خىزمىتى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنى ئۇمۇميۈزلۈك قوزغىتىپ، دۈشمەنگە زەربە بىرىشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى شەكىللەندۈرۈشمىز كېرەك. 39. ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيلەشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرى قايسى؟ جاۋاب: تۈرلۈك تەشۋىقات قۇراللىرى ۋە تەشۋىقات ۋاستىللىرىنىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلىدۇرۇپ، ھەرمىللەت كادىرلار ئاممىسى بۇلۇپمۇ ياش- ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەشۋىقات سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىش كېرەك. ماركىسىزملىق «بەش قاراش»، «تۆتىنى يۈكسەك بىلىش»، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق ئىددىيسى»، رايونىمىز ۋە ناھيمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلگەن يېڭى مۇۋاپپىقىيەتلىرى ۋە ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدا كۆرۈلگەن يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى قىياپەتلەرنى، پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئۇرۇنلىشىش، داۋالنىش، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپتە ئۇقۇتۇش، تۇرالغۇ ئۆي، ئىچىملىك سۇ ۋە قاتناش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىللىرىنى ھەل قىلىشتىكى ئەمەلى نەتىجىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ پارتىيە- ھۆكۈمەتكە ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە تەلپۈنۈشچانلىقىنى ئۆزلۈكسىز ئاشۇرۇش لازىم. 40. ياش – ئۆسمۈرلەرنى ياخشى تەربىيلەش ۋە باشقۇرۇشنىڭ ئاساسلىق تەدبىرلىرى قايسى؟ جاۋاب: بىرنچىدىن، مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزە قۇرلۇشىنى كۈچەيتىپ، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيلەش، قانداق ئادەملەرنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت بۇ زور مەسىلىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، سىياسى جەھەتتە ئاجىز ۋە سەزگۈرلۈكى كۈچلۈك بولمىغان مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىنى قەتئى تەڭشەش، رەھبىرى كادىرلىرىنى قەتئى تەڭشىۋىتىش لازىم. ئىككنچىدىن، ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسى تەلەپنى چىڭتىپ، دەرىس مۇنبىرىدىن پايدىلنىپ، بۆلگۈنچىلىك ئىددىيسىنى تارقىتىپ، ياش- ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلىگەن ھەتتا، «ئىزبوت»تەشكىلاتىغا قاتناشقان ئۇقۇتقۇچىلارنى چۇقۇم قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش ۋە ئۇنداق ئۇقۇتقۇچىلارغا قەتئى زەربە بىرىش لازىم. ئەخلاقلىق ئادەم بۇلشىنى مائارىپ تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، مەكتەپ، ئائىلە ۋە جەمىيەت زىچ ماسلاشقان تەلىم- تەربىيە سىېستىمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 41. مەكتەپلەرنىڭ سىياسى ئىددىيۋى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم نوقتىسى نېمە؟ جاۋاب: «قوش تىل»مائارىپى ۋە مىللىچە ئۇقۇت
展开阅读全文

开通  VIP会员、SVIP会员  优惠大
下载10份以上建议开通VIP会员
下载20份以上建议开通SVIP会员


开通VIP      成为共赢上传

当前位置:首页 > 教育专区 > 其他

移动网页_全站_页脚广告1

关于我们      便捷服务       自信AI       AI导航        抽奖活动

©2010-2026 宁波自信网络信息技术有限公司  版权所有

客服电话:0574-28810668  投诉电话:18658249818

gongan.png浙公网安备33021202000488号   

icp.png浙ICP备2021020529号-1  |  浙B2-20240490  

关注我们 :微信公众号    抖音    微博    LOFTER 

客服