资源描述
8-يىللىق باسقۇچلۇق ئىمتىھان سۇئالى
تاللاش سۇئالى (3نۇمۇردىن جەمئى 30نۇمۇر
1 . تۆۋەندىكىلەردىن خەلقىمىزنىڭ ئەلمىساقتىن تارتىپ ناننى ئۇلۇغلاپ كەلگەنلىكىگە ئائىت مىسال: A. ناننى سۈتكە چىلاپ يېگەنلىكى B. ناننى سەپەردە ھەمراھ قىلغانلىقى C. ناننى تونۇرغا ياققانلىقى D. ناننى ھەرخىل شەكىلدە ياپقانلىقى
2. سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە>>ناملىق تېكىسىت ژانىر جەھەتتىن: ( )
A.لىرىك نەسىر B.ئېپىك نەسىر C. بايان ماقالىسى D. مۇھاكىمىلىق نەسىر
3. ئېرەن ياپىرىقىغا مەدھىيە>> نامملىق تېكىستتە ئاپتۇر مەھىيە ئوقۇۋاتقان كىشىلەر: A. ئوقۇتقۇچىلار، ئىشچىلار B. ئەمگەكچىلەر، قەھرىمانلار
C. ئوقۇتقۇچىلار، ئىلغارلار D. ئىلغارلار، قەھرىمانلار
4.نورۇز پائالىيتى: ( ) Aمەخسۇس چوڭلار قاتنىشىدىغان پائالىيەت. Bئاياللار قاتنىشىدىغان پائالىيەت. C. ياشلار قاتنىشىدىغان پائالىيەت. D. بالىلاردىن چوڭلارغىچە، ئەرلەردىن ئاياللارغىچە ھەممە ئادەم قاتناشسا بولىدىغان پائالىيەت.
5 .قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش >> ناملىق تېكىست ھەققىدىكە بايانلاردىن توغرسى:
A. ئەسەردە تۇغما قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قەتئىي بوشاشمايدىغان روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقى مۇھاكىمە قىلىنغان. B. گەرچە تۇغما تالانتلىق بولمىسىمۇ، لېكىن بوشاشماي تىرىشسىلا چوقۇم غەلىبە قازانغىلى بولىدۇ، دېگەن ئىدىيە خۇلاسىلەنگەن. C. ئۆزىنىڭ قىلچە بوشاشماي تىرىشسىمۇ، كۆڭلىگە پۈككەن ئىشىنى قەتئى داۋاملاشتۇرسىمۇ، يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقانلىقىغا بولغان ئىچ سىقىلىشى يېزىلغان.
Dبىرەر ئىش، كەسىپنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يۈكسەك غايە، تىرىشچانلىق، ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش روھى بولۇشى كېرەك، دېگەن ئىدىيە خۇلاسىلەنگەن.
6. ئادەم بولۇشتىكى ئىلمىيلىك>> دېگەن ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەركىزى پىكىر: A ( ) . يۈرۈش-تۇرۇش، ئوي-پىكىر، تۇرمۇش ۋە خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىلمىي قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈش B. كۈچى يەتمىگەن مەسىلىدىن ئۇستاتلىق بىلەن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش، مادارى يەتكەن ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش C.ئەجدادلارنىڭ ئېسىل مەنىۋى مىراسلىرىنىڭ جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىش، ئۇلارنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق مىزانلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش D.بەك ھاياجانلانماسلىق، زىيادە خۇشال بولۇش ۋە زىيادە چۈشكۈنلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش، توختىماي تىرىشىپ ئىچكى ساپانى ئاشۇرۇش، ئۆزىنى تەربىيەلەش
7.نورۇز بايرىمى ( ) نىڭ بايرىمى.
A. پارىس B. تاجىك C.ئۇيغۇر D. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، تاجىك قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەتلەر
8 .دېرىزە ئەينەكلىرى جاراڭ-جۇرۇڭ چېقىلدى>> دېگەن جۈملىدىكى "جاراڭ-جۇرۇڭ" دېگەن سۆز تەقلىد سۆزلەرنىڭ ( ) تۈرىگە تەۋە.
A.ئاۋاز تەقلىدى B. شەكىل تەقلىدى C.ھېسسىيات تەقلىدى
9.بىر شەيئى ئارقىلىق يەنە بىر شەيئىنى ئويلاشتىن ئىبارەت پىسخىكىلىق پائالىيەت ( ) دەپ ئاتىلىدۇ. A. تەسەۋۋۇر B. سەزگۈ C.قابىلىيەت D. باغلانما تەسەۋۋۇر
10.ناننىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت: A() . خەلقمىزنىڭ ناننى ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغانلىقى B. قەدىمكى خارابىلەردىن ناننىڭ تېپىلغانلىقى C.ناننىڭ تونۇردا يېقىلدىغانلىقى D. ناننىڭ سىڭىپ پىشىدىغانلىقى
2- سوئال: بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ بىردىن 14 نۇمۇر بېرىلىدۇ
1 .نورۇز بايرىمى ( ) ئۆتكۈزۈلىدۇ. نورۇز دېگەن سۆز ( ) ئاتالغۇ بولۇپ، ( ) دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ.
2 . سۇۋادان تېرەككە مەدھىينىڭ ژانىرى ( ) بولۇپ، ئاپتۇرى ( )، ئۇنىڭ ( )، ( ) ناملىق رومانلىرى بار.
3 . ئۇ ئۆسكەن يەرلەر خۇددى يېشىل گىلەم يېيىتىلغاندەك تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ دېگەن جۈملىدە قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە ( )، ( ) دىن ئىبارەت.
4 .تەقلد سۆزلەر ( )، ()، ( ) دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. تاراق-تۇرۇق ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈرۈگۈم جىغ قىلىپ كەتتى دېگەن جۈملە ئىچىدىكى ‹‹تاراق-تۇرۇق، جىغ قىلىپ ›› دېگەن سۆزلەر مەنە جەھەتتىن ئايرىم-ئايرىم ( )، ( ) تەقلىدلىرىگە كىرىدۇ.
3-سوئال: قىسقىچە جاۋاپ بېرىڭ جەمئىي 18 نۇمۇر
1 .نورۇز بايرىمى قانداق بايرام؟ بۇ بايرامدا قانداق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ؟ 5 نۇمۇر
2. تەقلىد سۆز دېگەن نېمە؟ قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟ قايسىلار؟ ھەر بىر تۈرىگە بىردىن مىسال كەلتۈرۈڭ. 8 نۇمۇر
3 .سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە >> دېگەن نەسىردە ئاپتۇر سۇۋادان تېرەكنىڭ قايسى خىل ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق جەمئىيتىمىزدىكى قانداق كىشىلەرنى مەدھىيلىگەن؟ 5 نۇمۇر
4-سوئال: مۇھاكىمە ۋە تەھلىل قىلىش جەمئىي 22 نۇمۇر
1. تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈڭ ھەمدە بىردىن جۈملە تۈزۈڭ 4 نۇمۇر (1) مەنزىل: (2) خۇرجۇن: (3) سەينا: (4) تۈگۈن:
2. ئېرەن ياپىرىقىغا مەدھىيەدە ئاپتۇر ئېرەن ياپىرىقىنى پەقەت قىزىل بولغانلىقى ئۈچۈنلا ياخشى كۆرگەنمۇ ياكى باشقا ئالاھىدىلىكلىرى بولغىنى ئۈچۈنمۇ؟ 5 نۇمۇر
3. نان داستىخاننىڭ كۆرىكى، سەپەردە ھەمراھ. قۇرۇق يېيىشكىمۇ، قۇرۇما بىلەن يېيىشكىمۇ، چايغا، سۈتكە چىلاپ يېيىشكىمۇ، ئىسسىق، يۇمشاق چېغىدا يېيىشكىمۇ، ساقلاپ يېيىشكىمۇ ئەپلىك (1) نان ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرلارنى ئاپتۇرنىڭ تېكىستكە كىرگۈزۈشتىكى مەقسىتى نېمە؟ 3 نۇمۇر
(2) ناننى ئۇلۇغلاش ئەنئەنىسى بىزگە يىراق قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزدىن ئۇدۇم قالغان. سىزنىڭچە، ناننى ئۇلۇغلىشىمىزدىكى مەقسەت نېمە؟ 3 نۇمۇر
4. تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى ئوقۇپ ئاستى سىزىلغان سۆزلەرنىڭ تەقلىد سۆزلەرنىڭ قايسى تۈرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ 8 نۇمۇر (1) ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ۋال-ۋۇل ئوت چاقنىغاندەك بولدى. ( ) (2) سىرىتتىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ بېسىقمىدى. (3) () بېشىم پىر-پىر قېيىپ كەتتى. (4) ( ) غۇر-غۇر شامال مايسىلارنى يەڭگىل تەۋرىتەتتى. ( )
5-سوئال: يېزىقچىلىق 15 نۇمۇر
تەبىئەت ئانا ئۆزنىڭ ئەڭ چوڭ ھىممىتى بىلەن مېھرى-مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى پۈتۈن ئەتىراپقا چاچتى. بىز ئۇنىڭدىن زوق ئالدۇق، ئۇنىڭدىن مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدۇق. ئۇنىڭ كۈچلۈك نۇرى ئاستىدا ئىللىقلىقنىڭ نېمىلىكىنى، يورۇقلۇقنى ھىس قىلدۇق. تەبىئەت ئانا ئۆزىنىڭ سىخىيلىكى بىلەن بىزنى ھەممىدىن، ھەممە نەرسىدىن بەھرىمان قىلدى. بىز ئانا تەبىئەت بولغاچقىلا ساغلام ئۆسۈپ يېتلدۇق، ئانا تەبىئەت بولغاچقىلا ھاياتنىڭ، ياشاشنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى بىلەلىدۇق. قىسقىسى، ئانا تەبىئەت بىزگە بارلىقىنى بىغىشلىدى، ئۇنداقتا بىز ئانا تەبىئەت ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلىدۇق؟
تەلەپ: 1) يۇقارقى پارچىنى ئوقۇغاندىن كېيىن تەبىئەتنى چۆرىدىگەن ئاساستا بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ.
(1) ژانىرى لىرىك نەسىر بولسۇن. (2) ماۋزۇسىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ . (3) بىر يېرىم بەتتىن كەم بولمىسۇن. (4) لىرىك نەسىردە بولۇشقا تىگىشلىك ئالاھىدىلىكلەر گەۋدىلەنسۇن.
(5) خەت ئىملاسىغا ۋە تىنىش بەلگىلىرىگە ئەلاھىدە دىققەت قىلىڭ.
展开阅读全文