资源描述
7. يۇلتۇزلار سىمپونىيەسى
Ⅰئوقۇ-ئوقۇتۇش نىشانى
1. شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش ئاساسىدا، ئۇنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇش.
2. شېئىرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ ئاساسى مەزمۇنىنى ئىگىلەش.
3. شېئىردىكى يېڭى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاىستىلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئىگىلەپ، تېكىستنى ئوقۇپ چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.
4. شېئىرنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، شېئىردا ئىپادىلەنگەن ئىدىيە ۋە ھېسسىياتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.
5. ئوقۇغۇچىلاردا ھاياتنى قەدىرلەش، تەبىئەتنى سۆيۈش، كېلەچەككە ئۈمىد-ئىشەنچ بىلەن قاراش تەربىيىسى بېرىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە توغرا قىممەت قارىشى تىكلىشىگە ياردەم بېرىش.
6. شېئىرنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئاساسى ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىۋېلىش.
Ⅱ شېئىرنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى
شائېر 10 يىللىق «مەدەنىيەت زور ئېنقىلابىنى» ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. بۇ بالايى-ئاپەتلىك يىللاردا كىشىلىك قەدىر-قىممەتنىڭ، كىشىلىك مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. شائىرنىڭ تازا قىران ياشلىق دەۋرى دەل «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ بوران-چاپقۇنلۇق يىللىرىدا ئۆتكەن. ئۇنىڭ ياشلىق قەلبىدە ئەشۇ ئاپەتلىك يىللارنىڭ ئۇنتۇلماس خاتىرىلىرى قالغان. شائىر ئەشۇ قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك دەۋرنى ئەسلەپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تارتقان دەرت-ھەسرىتى بىلەن ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىپادىلەپ بۇ شېئىرنى يازغان. شۇڭا بۇ شېئىرنى شائىرنىڭ شېرىن چۈشى دېيىشكە بولىدۇ.
1976-يىلى ئىلىمىزدە «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» تارمار قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن جوڭگو زېمىنىدا ھۆكۈم سۈرگەن 10 يىللىق «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»غا خاتىمە بېرىلدى. پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بۇ 10 يىل مابەينىدە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان خاتا ئەنزىلەر ئارقا-ئارقىنىدىن ئاقلىنىشقا باشلىدى. «توققۇزىنچى سېسىق» دەپ ھاقارەتلەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائى ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس «ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى» تەسىس قىلىندى، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە قەدىر-قىممىتى ئالاھىدە ئېتىۋارغا ئېلىندى. نۇرغۇنلىغان زىيالىلارنىڭ باشلىرىدىكى ھەر خىل تۆھمەت قالپاقلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۇلارنىڭ شەرەپلىك ناملىرى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ھەممىدە كىشىلەرنىڭ سىنىپىي تەركىبىنى ئاساس قىلىدىغان، كىشىلەر قانچە نامرات، سىنىپ تەركىبى قانچە تۆۋەن بولسا شۇنچە ياخشى دەيدىغان خاتا سىياسەت ئۈزۈل-كېسىل ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بىر تال يىڭنە ساتسىمۇ «كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ئۇنسۇر» دەپ قاتتىق چەكلىنىدىغان سودا-تىجارەت ئىشلىرى ئاستا-ئاستا يولغا قويۇلدى. يېزىلاردا يەرلەر دېھقانلارغا كۆتىرە بېرىلىپ، كوللىكتىپ ئىگىلىك پارچىلاندى. يەككە شەخسىي ئىگىلىكنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن ياخشى شەرت-شارائىتلار يارىتىلدى. ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى... دېمەك پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر ساھە، ھەر خىل كەسىپلەردە «بارچە گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار تەڭ سايراش» تەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەت مەيدانغا كەلدى.
80-يىللارنىڭ باشلىرىدا، پۈتۈن مىللەت ھەم دۆلەتكە ئوخشاش، ھەربىر شەخىسنىڭ تەغدىرى، ھېسسىياتى، ئادىمىيلىكى تېخى ئەمدىلا بىر قېتىملىق زور ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ، ئازاپقا تولغان ئەشۇ كۆڭۈلسىز خاتىرىلەرنى ئېلىپ، يېڭى بىر تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويدى. شائىر جەمئىيەتە شۇنداق بىر زور بۇرۇلۇش بولۇۋاتقان تارىخىي دەۋردە تۇرۇپ، ئۆز غايىسىدىكى يورۇق ۋە گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان چەكسىز ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ «يۇلتۇزلار سىمفونىيەسى» ناملىق بۇ شېئىرنى يازغان.
Ⅲ تېكىست تەھلىلى
شائىر شېئىردا كۆكتىكى ھەر بىر يۇلتۇزنى يەر شارىدىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ بەخت-سائادىتىنىڭ سىمۋۇلى دەپ قارىغان. شائىر مەيلى قانداق دۆلەت، قانداق مىللەت، قانداق جەمئىيەتتە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئىنسان مۇئەييەن بىر دەۋرنىڭ ئىلكىدە ياشايدۇ. شۇڭا ھەر بىر دەۋرنىڭ تەغدىرىمۇ مۇئەييەن سىياسى ئىجتىمائى تۈزۈمنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ. سىياسى ئىجتىمائى تۈزۈمنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى ھەر بىر دەۋرنىڭ، جۈملىدىن ھەر بىر ئىنسان تەغدىرىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا سىياسى ئىجتىمائى تۈزۈم دەۋرنىڭ قۇياشى بولسا، دەۋر ئىنساننىڭ قۇياشىدۇر. دەۋر قۇياشى ئىنسان ئۈچۈن يورۇقلۇق ۋە ھارارەت ئاتا قىلامىغاندا، ئىنسان ئامالسىز ئۆزىدىن شۇنچە يىراق جايدىكى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئارانلا چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلاردىن يورۇقلۇق ۋە ھارارەت ئىزدەشكە مۇھتاج بولىدۇ، دەپ قارىغان. شۇڭا شائىر ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىقتىن شاد-خوراملىق ۋە روھىي تەسەللىگە ئىگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن:
«نۇرغا چۆمسە ئەگەر پۈتكۈل يەر-زېمىن،
كىم يۇلتۇزغا مۇھتاج بولۇپ تەلپۈنەر.
كىم تەسەللى ئىزدەپ چەكسىز يىراقتىن،
تۈن قوينىدا بوشلۇق تامان تەلمۈرەر».
دەپ يېزىپ، ئادەملەرنىڭ يۇلتۇزغا مۇھتاج بولۇشىدىكى سەۋەبنى يوشۇرۇن رەۋىشتە ئىپادىلىگەن.
دېمەك، شېئىردا جەمئىيەت مېھىر-مۇھەببەتكە تولسا، ھەممە ئادەم بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلىسە، كىشىلىك قەدىر-قىممەت قەدىرلەنسە، كىممۇ بەخت ئىزدەپ، يىراقلارغا تەلمۈرۈپ يۈرىدۇ، دېگەن ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن. مانا بۇ شائىرنىڭ بۇ شېئىرنى يېزىشىدىكى ئاساسى سەۋەب.
شېئىردا سىمۋۇللۇق مەنىگە ئىگە نۇرغۇن سۆز-جۈملىلەر بار. بۇ سۆز-جۈملىلەرنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن مەنە قاتلىمىغا ئىگە. شۇڭا شېئردكى ئىدىيە ۋە ھېسسىياتنى چۈشىنىش ھەم توغرا تەھلىل قىلىش ئۈچۈن، بۇ سۆز-جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى، ئاپتورنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە شېئىرنىڭ يېزىلىشىدىكى سەۋەبنى ياخشى چۈشىنىش كېرەك.
دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەردە يۇلتۇز «بەخت-سائادەت» نىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئىنسان ئۆزى تەلپۈنگەن ھەم ئېرىشمەكچى بولغان ئەڭ ئالى نەرسىسىنى كۆكتىكى يۇلتۇزلارغا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۆز يارىنى، ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىز ياكى يىگىتنى، ئېرىشمەكچى بولغان بەخت-سائادەتنى، شۇنداقلا بۇخت-سائادەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئىلىم-مەرىپەتنى، ھۆرلۈكنى، يورۇقلۇقنى، ھەقىقەتنى، كېلەچەكنى ۋە باشقا بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانللارنىڭ ھەمىسىنى كۆكتىكى يۇلتۇزلارغا ئوخشىتىپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. دېمەك، يۇلتۇز كىشىلەرنىڭ رېئاللىققا ئايلاندۇرماقچى بولغان غايىۋى دۇنياسى بولۇپ، «يۇلتۇز سىمپونىيەسى» ناملىق شېئىردىكى «يۇلتۇز» مۇ يورۇقلۇققا، ئەركىن، بەختىيار ھاياتقا، گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلەرگە سىمۋول قىلىنغان.
بۇ شېئىر جەمئى 8 كۇپلېتتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ھەربرى كۇپلېتتا ئىپادىلەنگەن ئىىيەۋى مەزمۇننى تۆۋەندىكىچە تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ.
بىرىنچى كۇپلېتتا: ئەگەر بىز مۇھتاج بولغان يورۇقلۇق(نۇر) ئۆزىمىز ياشاۋاتقان زېمىننىڭ ئۆزىدە بولسا، كىممۇ يۇلتۇزلارغا تەلمۈرۈپ، چەكسىز يىراققتىن يورۇقلۇق ئىزدەپ ئاۋارە بولار، دەپ يېزىلغان. بۇنىڭ مەنىسى: تۇرمۇشىمىزنىڭ ئۆزىدە خوشاللىق ۋە بەخت-سائادەت بولسا، ئۇنى باشقا يەرلەردىن ئىزدەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ، دېگەندىن ئىبارەت.
ئىككىنچى كۇپلېتتا: ھەربىر كۈنىمىز گۈزەل بىر شېئىرغا ئايلانسا، ئۇ شېئىرنىڭ ھەربىر سۆزى بىر يۇلتۇز بولۇپ، خۇددى ھەسەل ھەرىسىدەك قەلبىمىزدە تىترەپ تەۋرىنىپ تۇرسا، كىممۇ بۇ ھاياتتىن رازى بولماس دەپ يېزىلغان. بۇنىڭدىكى «ھەربىر كۈننىڭ گۈزەل بىر شېئىرغا ئايلىنىشى» بولسا، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆز ئىخىتىيارىدىكى گۈزەل ھەم رومانتىك دۇنياسى بويىچە ياشاش ئىستىكىنى ئىپادىلىگەن. بۇ ھايات يەنە تەۋرىنىپ تۇرغان ھەسەل ھەرىسى بىلەن باغلىنىپ، ھاياتنىڭ تېخىمۇ شېرىن، تېخىمۇ قىممەتلىك بولۇشىدىن ئىبارەت ئارزۇ-ئۈمىد ئەكس ئەتۈرۈلگەن.
ئۈچىنچى كۇپلېتتا: ھەربىر كېچە يۇمرانلىشىپ زۇمرەتتەك سۈزۈك كۆلگە ئايلانسا، كۆكتىكى سانسىز يۇلتۇزلار پاقىراق قوڭغۇزلار بىلەن قوشۇلۇپ كۆلدىكى نىلوپەر ئارىسىغا چۈشۈپ چاقناپ تۇرسا، كىممۇ بۇنداق گۈزەل ھاياتتتىن رازى بولماس، دەپ يازغان. بۇ يەردىكى «كۆل، نىلوپەر ۋە پاقىراق قوڭغۇزلار» رېئال ھاياتقا، رېئال ھاياتتىكى ئاددىي نەزىلەرگە تەمسىل قىلىنغان بولۇپ، بەخت-سائادەتنىڭ سىمۋولى بولغان كۆكتىكى يۇلتۇزلار ئەنە شۇ رېئال ھاياتنىڭ ئۆزىدە بولسا، بۇ ھايات نەقەدەر گۈزەل بولغان بولاتتى، دېگەن مەنە ئىپادىلەنگەن. چۈنكى ئارزۇ دېگەن تېخى رېئاللىققا ئايلانمىغان ۋاقىتتىلا گۈزەل ھەم قىممەتلىك بولىدۇ، رىئاللىققا ئايلانغان ھامان خۇددى پاقىراق قوڭغۇزدەك چاقناپ تۇرسىمۇ، ئىلگىرىكىدەك جەلىپكار بولالمايدۇ.
تۆتىنچى كۇپلېتتا: باھاردا دەل-دەرەخلەردىكى قۇشلار خۇددى كۆكتىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ بولسا، پۈتۈن دالىلاردا شېرىنگۈللەر ئېچىلىپ، يىراقلاردىن نۇرلۇق كۈي-ناۋالار ئاڭلىنىپ تۇرسا، كىممۇ بۇنداق ھاياتتىن رازى بولماس، دەپ يازغان. بۇ يەردىكى «قۇشلار، ئورمانلار، شېرىنگۈللەر، نۇرلۇق كۈي-ناۋالار» نىڭ ھەممىسى رېئال ھاياتقا، رېئال ھاياتتىكى ئەمەلىي نەرسىلەرگە تەمسىل قىلىنغان بولۇپ، يەنىلا ئارزۇ ئۈمىدنىڭ سىمۋولى بولغان يۇلتۇزلارغا باغلىنىپ تەسەۋۋۇر قىلىنغان.
بەشىنچى كۇپلېتتا: «ئەگەر بىز مۇھتاج بولغان يورۇقلۇق(نۇر) ئۆزىمىز ياشاۋاتقان زېمىننىڭ ئۆزىدە بولسا، كىممۇ يۇلتۇزلارغا تەلمۈرۈپ، چەكسىز يىراققتىن يورۇقلۇق ئىزدەپ ئاۋارە بولار» دەپ يېزىلغان. بۇنىڭ مەنىسى: ئەگەر جەمئىيەتنىڭ ھەرقانداق يېىرىدە ئادالەت ھۆكۈم سۈرسە، ئەركىن بەختىيار تۇرمۇش كاپالەتكە ئىگە بولسا، ئۇ چاغدا باشقا جايلاردىن ئۈمىد ۋە تەسەللى ئىزدەپ يۈرۈشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى بولايدۇ، دېگەندىن ئىبارەت.
ئالتىنچى كۇپلېتتا: «شائىرلارنىڭ يىللاپ دەرت-ھەسرەت بىلەن تولغان شېئىرلارنى يېزىشى» نى بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىققا بولغان كۈچلۈك نارازىلىق ھېسسىياتىنىڭ ئوبرازلىق ئۇسۇلدا ئىپادىلىنىشى دېيىشكە بولىدۇ. «ھەربىر شېئىرنىڭ مۇدھىش قار-مۇزلار ئىچىدە توڭلاپ، خۇددى تىترەۋاتقان يۇلتۇزغا ئايلىنىشى»نى بولسا، شائىر ئىنكاس قىلىۋاتقان جەمئىيەت رېئاللىقىدىكى قاراڭغۇلۇق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ ئۈزۈل-كېسىل يوقۇلۇپ،گۈزەل بەختىيار تۇرمۇشنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ھەققىدىكى ئارزۇ-ئۈمىد، دېيىشكە بولىدۇ.
يەتتىنچى كۇپلېتتا: «زۇلمەت باسقان قاراڭغۇ تۈننىڭ، خۇددى قاقاس زېمىنغا ئوخشاش توڭلىشى» ئالدىنقى كۇپلېتتىكى «زۇلۇم ۋە ئازاپ-ئوقۇبەت تۇيغۇسى» نى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرغان. «قاراڭغۇ تۈن» بىلەن «قاقاس زېمىننىڭ توڭلىشى» دېگەن تەسۋىرلەردىكى ئىدىيە ۋە ھېسسىيات ئىستىرولۇق شەكىلدە ناھايىتى ئوبراشلاشتۇرۇلۇپ ئىپادىلەنگەن. «بوراننىڭ ئورۇق يولتۇزلارنى كۆك ئاسماندىن بىر-بىرلەپ قوغلىشى» بولسا، «ئارزۇ-ئۈمىد»نىڭ سىمۋولى بولغان يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇقلاپ، كۈچ-ماغدۇرىدىن كېتىپ، ھاياتى كۈچىنى يوقاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا «يۇلتۇزلار»نىڭ ئورۇقلاپ كېتىشى، ئەمەلىيەتتە، «ئارزۇ-ئۈمىد» نىڭ ئورۇقلاپ كېتىشىدۇر.
سەككىزىنچى كۇپلېتتا: «تۇغ-ئەلەملەر لەپىلدەپ جەۋلان قىلسا، ئوتتۇن يۇلتۇز يارالسا، ئاسماندىكى سانسىز ھارغىن يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى قۇياش چىقماس يەرلەرگە تارالسا، كىممۇ شات-خوراملىققا چۆممىسۇن» دېگەن سۆز-جۈملىلەرگە تېخىمۇ چوڭقۇر مەنە سىڭدۈرۈلگەن. مەسىلەن: «تۇغ-ئەلەملەرنىڭ لەپىلدىشى» بولسا، يېڭى بىر دەۋىرگە، يېڭى بىر سىياسى تۈزۈمگە سىمۋول قىلىنغان. «ئوتتۇن يۇلتۇزنىڭ يارىتىلىشى»بولسا شائىرنىڭ قەلبىدىكى ئارزۇ-ئۈزمۈدلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ھەققىدىكى غايىۋى ئېنتىلىشىنى ئىپادىلىگەن. «ئاسماندىكى سانسىز ھارقىن يۇلتۇزلار»بولسا، جەمئىيەتتىكى سان-ساناقسىز كىشىلەرنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىپ بېرىۋاتقان ھاياتىنىڭ، سۇسلىشىپ كېتىۋاتقان ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنىڭ سىمۋوللۇق ئىپادىسىدۇر. «سانسىز ھارغىن يۇلتۇزلار نۇرىنىڭ قۇياش چىقماس جايلارغا تارىلىشى» بولسا، شائىرنىڭ ئادالەت، ھۆرلۈك ۋە بەخت-سائادەت پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ھەممە يېرىدە تولۇق ئەمەلگە ئاشسا؛ جەمئىيەتنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى قاراڭغۇلۇق، ئازاب-ئوقۇبەت دېگەنلەر پۈتۈنلەي يوقالسا، شۇندىلا ئەمگەكچى خەلق ھەقىقى بەختىيار ھاياتقا ئېرىشكەن بولاتتى، دېگەندەك ئىدىيە ۋە ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ كەلگەن.
بىلىش كېرەككى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بىلەن تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ھاياتلىق پەقەت سېخى قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى ئارقىلىقلا مەۋجۇتلۇق كاپالىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ «قۇياش، يولتۇز، نۇر، ھارارەت» قاتارلىق شەيئىلەر ئادالەتنىڭ، ھەقىقەتنىڭ، ئارزۇ ئۈمىدنىڭ، بەخت-سائادەتنىڭ، ھۆرلۈكنىڭ سىمۋوللۇق ئىپادىلىنىشى بولۇپ كەلگەن. شېئىرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى ئىگىلەشتە بۇ نوقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
Ⅳ شېئىردىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ھەققىدە:
شېئىردا تەكرارلاش، سىمۋول، سۈپەتلەش، ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر قوللىنىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە تەكرارلاش،، سىمۋول، ئوخشىتىش ئۇسۇللىرى كۆپرەك ھەم ئاساسلىق ھالدا قوللنىلغان مەسىلەن:
① تەكرارلاش ئۇسۇلى: شېئىردا تەكرارلاش ئۇسۇلى ئەڭ كۆپ قولىنىلغان. شېئىرنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئاخىرىغىچە بولغان ھەر بىر كۇپلېتتىن تەكراشلاش ئۇسۇلى قوللنىلغان ئەڭ ياخشى مىسرالارنى تاپقىلى بولىدۇ. شېئىردىكى بارلىق كۇپلېت ۋە مىسرالار تەكرارلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر-بىرى بىلەن مەزمۇن ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن زىچ باغلانغان. مەسىلەن:
● كىم يۇلتۇزغا مۇھتاج بولۇپ تەلپۈنەر (1-كۇپلېت 2- مىسرا)
● كىم تەسەللى ئىزدەپ چەكسىز يىراقتىن (1-كۇپلېت 3- مىسرا)
● كىممۇ رازى بولماس، ھەر بىر كۈنىمىز (2-كۇپلېت 1- مىسرا)
● كىممۇ رازى بولماس، گۈزەل بىر ئاخشام (3-كۇپلېت 1- مىسرا)
● كىم شادلانماس، كۆككە تولغان يۇلتۇزدەك (4-كۇپلېت 1- مىسرا)
● كىم يۇلتۇزغا مۇھتاج بولۇپ تەلپۈنەر (5-كۇپلېت 2- مىسرا)
● كىم يىگانە كۆيۈپ مۇدھىش سوغۇقتا (5-كۇپلېت 3- مىسرا)
● كىممۇ رازى بولسۇن ، يىللاپ شائىرلار (6-كۇپلېت 2- مىسرا)
● كىممۇ رازى بولسۇن، زۇلمەت باسقان تۈن (7-كۇپلېت 1- مىسرا)
● كىم شادلانماس لەپىلدىسە تۇغ-ئەلەم (8-كۇپلېت 1- مىسرا)
يۇقارقى تەكرارلاش رولىدا كەلگەن مىسرالار ھەر بىر كۇپلېتتا بىر قېتىم، ھەتتا بەزى كۇپلېتلاردا ئېككى قېتىمدىن قىسمەن ۋاريانت ئۆزگۈرىشى ياسىغان ھالدا، ئىزچىل ھالدا تەكرارلىنىپ كەلگەن. نەتىجىدە بۇ تەكرارلاش ئۇسۇلى شېئىردىكى بارلىق كۇپلېت ۋە مىسرالارنى بىر-بىرىگە مەزمۇن جەھەتتىن زىچ باغلاپ، ھېسسىياتنىڭ زور دەرىجىدە جۇغلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پۈتۈن تېكستنى قۇرۇلما جەھەتتىن ئالدى-كەينى-ئىزچىل، باش-ئاخىرى بىردەك بولۇشتەك قۇرۇلما مۇكەممەللىكىگە ئىگە قىلغان. شېئىردا بۇنداق مىسرالار بويىچە پىگورا چىقىرىپ تەكرارلاش ئۇسۇلى قوللنىپلا قالماي، يەنە كۇپلېتلار بويىچە پېگورا چىقىرىپ تەكرارلاش ئۇسۇلىمۇ قوللىنىلغان. مەسىلەن: شېئىرنىڭ بىرىنچى كۇپلېتىدىكى 3-،4- مىسرالار، شېئىرنىڭ 5-كۇلېتىنىڭ 3-، 4-مىسرالىرىغا بارغاندا، مەزمۇن جەھەتتىن ئاز-تولا ئۆزگىرىش ياساپ، شەكىل جەھەتتىن پىگورا چىقىرىپ تەكراشلار ئۇسۇلىنى ياراتقان. (1- ۋە 5-كۇپلېتلارغا قارالسۇن)
مەزمۇن جەھەتتىن قارىغاندا يۇقارقى مىسرالاردا يەنە رىتورىك خىتاب ئۇسۇلىمۇ بار. مەسىلەن: ھەر بىر مىسرانى ئوقۇغان چېغىمىزدا، شائىرنىڭ خىتاب مەنىسىدىكى تۇيغۇسى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.
② سىمۋول: شېئىردا سىمۋول ئۇسۇلىمۇ ئەڭ كۆپ قوللنىلغان. مەسىلەن: نۇر، يەر-زېمىن، يۇلتۇز، پاقىراق قوڭغۇز، مۇدھىش سوغۇق، قار-مۇز، زۇلمەت باسقان تۈن، بوران، تۇغ-ئەلەم، قۇياش چىقماس يەر... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە شەيئىلەردۇر.
③ سۈپەتلەشتىن ئىبارەت ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىمۇ خېلى كۆپ قولللنىلغان. مەسىلەن: «چەكسىز يىراقتىن، گۈزەل بىر شېئىر، گۈزەل بىر ئاخشام، بىر تال يۇلتۇز، زۇمرەت كۆلدەك، نۇرلۇق كۈي-ناۋا، مۇدھىش سوغۇق، ئورۇق يۇلتۇز، لەپىلدىسە تۇغ-ئەلەم، سانسىز ھارغىن يۇلتۇز» قاتارلىق مىساللارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
④ ئوخشىتىش: شېئىردا ئوخشىتىش ئۇسۇلى قوللنىلغان سۆز بىرىكمىسى ياكى جۈملىلەرنى خېلى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن: «تۇرسا ھەسەل ھەرىسىدەك تەۋرىنىپ، كۆككە تولغان يۇلتۇزدەك قۇشلار شاخقا تولۇپ كەتسە باھاردا، زۇلمرەت باسقان تۈن خۇددى قاقاس زېمىن كەبى توڭلىسا » قاتارلىق مىساللارنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.
⑤ جانلاندۇرۇش ئۇسۇلى: شېئىردا جانلاندۇرۇش ئۇسۇلىمۇ مۇۋاپىق ھالدا قوللنىلغان. مەسىلەن: «ھەر بىر يۇلتۇز ھەسەل ھەرىسىدەك تەۋرىنىپ، ھەربىر پارچە شېئىر— تىترەۋاتقان يۇلتۇز، ئاسماندىكى سانسىز ھارغىن يۇلتۇزلار» قاتارلىقلارنى مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ. (يۇقارقى بەزى مىساللاردا تەكرارلاش، سىمۋۇل، ئوخشىتىش، سۈپەتلەش، جانلاندۇرۇش قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىلىەر ئۆئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابلىرىغا باھا بەرگەندە، چوقۇم ھەممە ئامىللارنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك.)
⑥ باشقا ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ھەققىدىكى تەھلىللەر مۇشۇ يەردە قىسقارتىلدى. سەۋەب، بۇ تېكىستتىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر مۇشۇ دائىرىدە بولسا بولىدۇ.
شېئىر جەمئى 8 كۇپلېتتىن تۈزۈلگەن. «يۇلتۇز» سۆزى پۈتۈن تېكىستتە 10 قېتىم تەكرار تىلغا ئېلىنغان، يەنى شېئىرنىڭ ئالتە كۇپلېتىدا بىر قېتىمدىن، ئىككى كۇپلېتىدا (5-كۇپلېت بىلەن 8-كۇپلېتتا) 2 قېتىمدىن تىلغا ئېلىنغان. گەرچە شېئىردا «يۇلتۇز» سۆزى شۇنچە كۆپ تەكرالانغان بولسىمۇ، شېئىرنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا، بىزگە سۆز تەكرالىقى تۇيغۇسىنى بەرمەيدۇ. ئوبدانراق دىققەت قىلمىغاندا پۈتۈن شېئىردا «يۇلتۇز» سۆزنىڭ بۇنچە كۆپ تەكرالانغانلىقىنى ھېس قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. ئەكسىچە بۇنداق تەكرارلىنىش شېئىردىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتىش، ئوي-پىكىرنى مەركەزلەشتۈرۈش، كۇپلېتلارنى مەزمۇن جەھەتتىن زىچ باغلىنىشقا ئىگە قىلىشتا موھىم رول ئوينىغان.
Ⅴ بۇ تېكىستنى ئوقۇتۇشقا مۇۋاپى
展开阅读全文