1、 ئاساسىي پسىخولوگىيە 1-§ مۇقەددىمە 1-بۆلۈم ئاساسىي پسىخولوگىيىنىڭ تەتقىقات ئوبېيكتى ۋە مەزمونى I.پسىخولوگىيە توغرىسىدا ئومومىي چۈشەنچە ئاساسىي پسىخولوگىيە نورمال چوڭلارنىڭ پسىخىك پائالىيىتىنى تەتقىقات ئوبېيكتى قىلىدۇ. پسىخىك ھادىسىلەر ھەممە ئادەمدە بولىدۇ ، ئۇ ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەڭ مۇرەككە
2、پ ھادىسىلەرنىڭ بىرى. پسىخولوگىيە پسىخىك ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇش ، تەرەققىي قىلىش ۋە پائالىيەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. پسىخولوگىيە ھەم تەبىئىي پەنگە تەۋە ھەم ئىجتىمائىي پەنگە تەۋە بولۇپ ، تەبىئىي پەن بىلەن ئىقتىمائىي پەننىڭ بىرلىشىشىدىن پەيدا بولغان ئارىلىق پەن. II.ئاساسىي پسىخولوگىيىن
3、ىڭ مەزمونى پسىخىك ھادىسىلەر ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ ، يەنى پسىخىك جەريان ۋە ئىندىۋىدۇئال پسىخىكا (1)بىلىش بىلىش دىگىنىمىز تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەرنى تونۇش جەريانىغا قارىتىلغان ، ياكى ئادەمنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەرغا نىسبەتەن ئۇچۇرلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريان
4、ىدىن ئىبارەت. بىلىش جەريانى سەزگۈ ،ئىدراك،خاتىرە ،تەسەۋۋۇر،تەپەككۇر ،تىل ۋە خىيال قاتارلىق پسىخىك ھادىسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (2)ئېھتىياج ۋە مۇددىئا ئېھتىياج_ ئادەم بەدىنىدىكى بىر خىل تەڭپۇڭسىز ھالەت بولۇپ ، ئادەمنىڭ ھاياتىغا ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كېرەكلىك بولغان ئوبېيكتىپ شەرتلەرگە بو
5、لغان ئىنكاس . مۇددىئا _ئادەمنى مەلۇم بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۈندەيدىغان ، ھەم بەلگىلىك نىشانغا يۈرۈش قىلىشقا قارىتىلغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. (3) كەيپىيات ،ھېسسىيات ۋە ئىرادە كەيپىيات ھېسسىيات_بىلىش بىلەن ئىرادە جەريانىغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدىغان تاشقى دۇنياغا تۇتقان پوزىتسىيە ۋە ئىچكى ت
6、ۇيغۇدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئوبېيكتىپ شەيئىلەر بىلەن سوبېيكىتنىڭ ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىنكاسى. ئىرادە _ئادەمنىڭ تەپەككۇر قارارىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتتە ئىپادىلىنىش جەريانى . شەىسىيەت (4)قابىلىيەت ، تېمپىرامېنت ۋە خاراكتېر قابىلىيەت _مەلۇم بىر پائالىيەتنى ئوڭۇشلۇق ، ئۈنۈملۈك ئورۇنداش ئۈ
7、چۈن زۆرۈر بولىدىغان پسىخىكىك شەرت. تېمپىرامېنت_پسىخىك پائالىيەتنىڭ دىنامىكىلىق ئالاھىدىلىكىنىڭ يىغىندىسى، يەنى پسىخىك پائالىيەتنىڭ سۈرئىتى، كۈچلۈكلىكى ۋە تۇراقلىقلىقى جەھەتلەردىكى شەخسىيەت ئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت . خاراكتېر _ شەيئىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىدە ۋە ئادەتلەنگەن ھەرىكەت ئۇسۇلىدا ئىپادىلىنى
8、دىغان شەخسىيەت ئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت . 2-بۆلۈم ئادەم پسىخىكىسىنىڭ ماھىيىتى I.پسىخىكا مېڭىنىڭ فۇنكسىيىسى ( ئىقتىدارى ) 1.پسىخىكا مېڭىنىڭ فۇنكسىيىسى ، مېڭە پسىىىكا ئورگىنى . نورمال يېتىلگەن چوڭ مېڭە پسىخىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن. پسىخىك ھادىسىلەر ھايۋانلارنىڭ مۇھىتقا ماس
9、لىشىشى جەريانىدا ، نېرۋا سېستىمىسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان ، يەنە نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ۋە مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ ، ئۈزلۈكسىز ھالدا تۆۋەن باسقۇچتىن يۇقۇرى باسقۇچقا تەرەققىي قىلغان . ئانورگانىك ماددىلار بىلەن ئۆسۈملۈكلەردە پسىخىكا بولمايدۇ ، نېرۋا سېستىمىسى
10、بولمىغان ھايۋانلاردىمۇ پسىخىكا بولمايدۇ ، پەقەت نېرۋا سېستىمىسى بار بولغان ھايۋانلاردىلا پسىخىكا بولىدۇ. ئۇمۇرتقىسىز ھايۋانلاردا مەسىلەن بوغۇم تەنلىك ھايۋانلاردا ( سازاڭ )پەقەت سەزگۈلا بولىدۇ. ئۇمۇرتقۇلۇق ھايۋانلاردا يۇلۇن ۋە چوڭ مېڭە بولغاچقا ئۇلاردا ئىدراك بولىدۇ. مەسىلەن ئورانگوتان ، مايمون قات
11、ارلىقلار ، ئۇلاردا تەپەككۇرنىڭ بىخلىرى بولىدۇ. پەقەت ئىنسانلارغا كەلگەندىلا تەپەككۇر بولىدۇ ، ئاڭ بولىدۇ. ئادەم پسىخىكىسى پسىخىك تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى باسقۇچى. مېڭە پسىخىكا ئورگىنى دىگەن بۇ خىل قاراش كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ ، كىلىنكىلىق پاكىتلارنىڭ شۇنداقلا پسىخىكىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەر
12、ەققىي قىلىش جەريانى ،مېڭە ئاناتومىيىسى ، فىزىئولوگىيە پەنلىرىدىكى تەتقىقاتلاردىن ئېرىشكەن نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئېرىشتى. II.پسىخىكا ئوبېيكتىپ رىياللىقنىڭ ئىنكاسى پسىخىكا ئوبېيكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئادەمنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسۈتىشى نەتىجىسىدە ، چوڭ مېڭىنىڭ پائالىيىتى ئارقىلىق
13、پەيدا بولىدۇ.شۇڭا ، ئوبېيكتىپ رىياللىق پسىخىكىنىڭ مەنبەسى ۋە مەزمونى. ئوبېيكتىپ رىياللىق تەبىئەت دۇنياسىنى ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنى ، يەنە ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن ، 1921-يىلى ھىدىستاندا بايقالغان ئىككى بۆرە بالىنىڭ ھېكايىسى . پسىخىكا ئوبېيكتىپ رىياللىقنى ئەينەكتەك ئۆز پېتى
14、ئەكس ئەتتۈرمەستىن بەلكى پائالىيەتچانلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرىدۇ.پسىخىكا بىر خىل سوبېيكتىپ ئىنكاس بولۇپ ، بۇ خىل سوبېيكتىپ ئىنكاس شەيئىلەرنىڭ ئوبرازى بولۇشى مۈمكىن ، ئۇقۇم بولۇشىمۇ مۈمكىن ، يەنە ھېس قىلىش بولۇشىمۇ مۈمكىن. پسىخىكا ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى كونتۇرۇل قىلىدۇ ، ھەم ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
15、 3-بۆلۈم پسىخولوگىيىنىڭ تەرەققىيات تارىخى I.ئىلمىي پسىخولوگىيىنىڭ دۇنياغا كېلىشى گېرمانىيىلىك پسىخولوگ ئېبىنگە خائۇس(艾宾浩斯) مۇنداق دىگەن ”پسىخولوگىيىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق جەريانى بولسىمۇ ، لېكىن قىسقا تارىخى بار . ئىككى مىڭ نەچچە يىللاردىن بۇرۇن ، قەدىمقى يۇنان پەيلاسوپى ، دوختۇرى ھېپپوگرات (
16、希波克拉底 ) ئادەمنىڭ تېمپىرامېنتىنى سەپرا تىپ ، كۆپ قان تىپ ، بەلغەم تىپ ۋە سەۋدا تىپ دەپ تۆت خىلغان بۆلگەن . 19-ئەسىرنىڭ ئالدىدا پسىخولوگىيە پەلسەپنىڭ دائىرىسىدىكى پەن ئىدى. 1840-يىلى گېرمانىيىلىك پسىخولوگ ۋېبىر ( 韦伯 ) پەرق سەزگۈ چېكى قانۇنىيىتنى بايقىغان ؛ گېرمانىيىلىك پسىخولوگ ئېبىنگە خائۇس(艾宾浩斯
17、 خاتىرە ۋە ئۇنتۇش توغرىسىدا تەجرىبە تەتقىق ئېلىپ بارغان؛ 1879-يىلى گېرمانىيىلىك پسىخولوگ ۋونت ((冯特 دۇنيا بويىچە تۇنجى پسىخولوگىيە تەجرىبىخانىسىنى قۇرغان . كىشىلەر 1879-يىلى لېيپزېگ ئۇنىۋېرسىتىتىدا قۇرۇلغان دۇنيا بويىچە تۇنجى پسىخولوگىيە تەجرىبىخانىسىنى ، ئىلمىي پسىخولوگىيەنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى
18、ڭ ئالامىتى دەپ قارىغان. II.ئىلمىي ئېقىملار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش تارتىش (1)قۇرۇلمىزم پسىخولوگىيىسى ئاساسلىق ۋەكىللىرى: ۋونت ((冯特 بىلەن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى تېچىننېر ( 铁钦纳 ) 。 ئاساسلىق ئىدىيسى : تەجرىبە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاڭنىڭ مەزمونىنى تەھلىل قىلىپ ، ئاڭنىڭ تەركىۋى قىسىملىرىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قاندا
19、ق بىرىكىپ مۇرەككەپ بولغان پسىخىك جەرياننى پەيدا قىلىشنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تېپىپ چىقىش. (2) قىلمىشىزم پسىولوگىيىسى ئاساسلىق ۋەكىلى :ئامېرىكىلىق پسىخولوگ ۋاتسون ( 华生 ) . ئاساسلىق ئىدىيىسى : پسىخولوگىيە ئاڭنى چۆرۈپ تاشلاپ ، بىۋاستە ھەرىكەتنى تەتقىق قىلىشى كېرەك .ھەرىكەتنى تەتقىق قىلىشتا تەسىر بىلەن
20、 ئىنكاس ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنىيەتلىك مۇناسىۋەتنى ئېنىقلاش كېرەك.پەقەت تەسىر بىلەن ئىنكاس ( S-R )ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بېكىتكەندىلا ، ئاندىن ھەرىكەتنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. (3)گوستار پسىخولوگىيىسى ئاساسلىق ۋەكىللىرى: گېرمانىيىلىك پسىخولوگ ۋېتمېر ( 魏特海墨 ) ،كولار ( 克勒 ) ،كوفكا ( 科夫卡 )
21、 . ئاساسلىق ئىدىيىسى :پۈتۈنلۈك قىسمەنلىكنىڭ قوشۇلۇشىغا تەڭ بولمايدۇ.پسىخىك ھادىسىلەرنى پۈتۈنلۈك بويىچە تەتقىق قىلىش كېرەك. (4)فۇنكسىئونالىزىم پسىخولوگىيىسى ئاساسلىق ۋەكىللىرى: دۇۋېي ( 杜威 ) ، جامېس ( 詹姆士 ) . ئاساسلىق ئىدىيىسى : پسىخىكىنىڭ ماسلىىش رولىنى تەشەببۇس قىلغان .پسىخولوگىيىنىڭ ئەمەلى
22、ي قوللىنىشچانلىقىغا ئەھمىيەت بەرگەن. (5) روھى ئانالىزم پسىخولوگىيىسى ئاساسلىق ۋەكىلى :فرويېد( 弗洛伊德 ) ئاساسلىق ئىدىيىسى :ئادەم پسىخىكىسى ئاساسلىق ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، يەنى ئاڭ ۋە ئاڭسىز ھالەت . ئاڭ دىگىنىمىز ھېس قىلالايدىغان پسىخىك پائالىيەت ؛ ئاڭسىز ھالەت ئادەمنىڭ تۇغما ھاياقانلىنى
23、شىنى ، شۇنداقلا تۇغۇلغاندىن كېيىن بېسىلىپ قالغان ئارزۇلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. فرويېد( 弗洛伊德 ) ئادەمنىڭ پسىخىك قۇرۇلمىسىنى ئۈچ قاتلامغا ئايرىغان ، ئەسلىدىكى مەن ، ئكزلۈك مەن ۋە ھالقىغان مەن.بۇ ئۈچىسى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلسا ئادەمدە ساغلام شەىسىيەت بولىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن روھى كېسەللەرنى پەيدا قىل
24、ىدۇ. III.ھازىرقى زامان پسىخولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ ئاساسلىق يۈزلىنىشى (1) گۇمانىزم پسىخولوگىيىسى ئاساسلىق ۋەكىللىرى: روجېس ( 罗杰斯 ) بىلەن ماسلوۋ ( 马斯洛 ) . ئاساسلىق ئىدىيىسى :پسىخولوگىيە ئادەمنىڭ قىممىتىگە ۋە غۇرۇرىغا كۆڭۈل بكلىشى كېرەك.پەقەت مۇۋاپىق مۇھىت بولغاندىلا ، ئادەم تىرىشىپ ئۆز –ئۆزىن
25、ى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، ئۆز –ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز –ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا يېتەلەيدۇ . گۇمانىزم پسىخولوگىيىسى ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتىگە ئەھمىيەت بەرگەن ، ئادەمدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇشنى تەشۋىق قىلغان . شۇڭا ، گۇمانىزم پسىخولوگىيىسى پسىخولوگىيىنىڭ ئۈچىنچ
26、ى كۈچى دەپ ئاتالغان. ئاساسلىق ۋەكىلى : پىياگېت ( 皮亚杰 ) ئاساسلىق ئىدىيىسى :ئادەمنى ھېساپلاش ماشىنىسىنىڭ ئۇچۇر پىششىقلاپ ئىشلەش سېستىمىسى دەپ قاراپ ، ئۇچۇر پىششىقلاپ ئىشلەش كۆزقارىشى يەنى ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈش ، نومۇر قويۇش،ئالماشتۇرۇش ،ساقلاش ۋە چىقىرىش قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانى ئارقىلىق ب
27、ىلىش پائالىيىتىنى تەتقىق قىلغان . ئاساسلىق ئىدىيىسى : پسىخىك پائالىيەتنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئاساسى بىلەن مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىدۇ. 4-بۆلۈم پسىخىك ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىشتىكى پىرىنسىپ ۋە ئۇسۇللار I.پسىخولوگىيىنى تەتقىق قىلىشتىكى پىرىنسىپلار (1) ئوبېيكتىپلىق پىرنسىپ (2) دىيالىكتىكىلىق
28、تەرەققىيات پىرىنسىپى (3) نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى II. پسىخولوگىينى تەتقىق قىلىشتىكى ئۇسۇللار (1) كۈزىتىش ئۇسۇلى تەبىئىي شارائىتتا ، ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى ۋە پائالىيىتنى مەقسەتلىك ، پىلانلىق كۈزىتىپ ، بۇنىڭدىن پسىخىك ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇش تەرەققىي قىلىش قانۇنىيەتلىرىنى
29、بايقايدىغان ئۇسۇل . (2) تەكشۈرۈش ئۇسۇلى مەلۇم مەسىلە توغرىسىدا ، تەكشۈرۈش ئوبېيكتىدىن ئېغىزچە ياكى يېزىقچە سوئال سوراش ئارقىلىق ، ئۇلارنىڭ جاۋابىنى تەھلىل قىلىپ پسىخىك پائالىيەتنى ئىگەللەيدىغان ئۇسۇل. سورىلىدىغان مەسىلە توغرا ۋە كونكىرت بولۇشى ،مەسىلىنىڭ جاۋابى توغرىسىدا بىشارەت بەرمەسلىك كېرەك
30、 (3) ئايرىم ئارخىپ تۇرغۇزۇش ئۇسۇلى مەلۇم بىر سىناق قىمىنغۇچى توغرىسىدا كۆپ تەرەپلىمىلىك چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ، ئۇلارنىڭ تارىخى ماتېرىيالىنى ، تاپشۇرۇق نەتىجىسىنى ، سىناق نەتىجىسىنى ، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئۇلارغا بەرگەن باھاسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش. (4) تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلى تەجرىبە ق
31、ىلغۇچى قاتتىق كونتۇرۇل قىلىنغان شارائىتتا ، تەجرىبە قىلىنغۇچىنىڭ ھەرىكىتىنى ياكى پائالىيىتنى كۈزىتىپ ، ئوبېيكتىپ شارائىت بىلەن ئادەمنىڭ پسىخىك پائالىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەپ نەتىجىلىك مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىش. 2-§ پسىخىك پائالىيەتنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئاساسى 1- بۆلۈم نېرۋا سېستىمىسىنىڭ تۈز
32、ۈلىشى ۋە رولى I. نېۋرون ۋە ئۇنىڭ رولى نېۋرون _ نېرۋا سېستىمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرى. نېۋرون نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلما بىرلىكى ۋە ئاساسىي ئىقتىدار بىرلىكى . (1) نېۋروننىڭ تۈزۈلىشى: نېۋرون ھۈجەيرە تېنى ، دەرەخسىمان ئۆسۈكچە ۋە ئوقسىمان ئۆسۈكچىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تە
33、ركىپ تاپىدۇ. نېۋروننىڭ رولى :غىدىقلىغۇچ (ئۇچۇر ) لارنى قوبۇل قىلىش ، ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ۋە ئۇچۇرلارنى پۈتۈنلەش (2) نېۋروننىڭ تۈرى : ①سەزگۈ نېۋرونى ( مەركەزگە كىرگۈچى نېرۋا ) ② ھەرىكەت نېۋرونى ( مەركەزدىن چىققۇچى نېرۋا ) ③ ئارىلىق نېۋرونى ( سەزگۈ نېۋرونى بىلەن ھەرىكەت نېۋرونى ئوتتۇرىسىدا
34、باغلاش رولىنى ئوينايدىغان باشلاش نېۋرونى ) II.ئەتراپ نېرۋا سېستىمىسى ۋە ئۇنىڭ رولى تۈزۈلىشى : 12جۈپ مېڭە نېرۋىسى بىلەن 31 جۈپ يۇلۇن نېرۋىسىدىن تەركىپ تاپقان . بۆلىنىشى : ① بەدەن نېرۋا سېستىمىسى ② ۋىگىتاتىپ نېرۋا سېستىمىسى (ئۆسۈملۈكسىمان نېرۋا سېستىمىسى ) ۋىگىتاتىپ نېرۋا سېستىمىسى يەنە سىم
35、پاتىك نېرۋا سېستىمىسى ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋ سېستىمىسى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. III.مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى ۋە ئۇنىڭ رولى تەركىۋى : مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى يۇلۇن ۋە مېڭىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مېڭىنىڭ تەركىۋى : مېڭە _ مېڭە سېپى ، ئارىلىق مېڭە ، كىچىك مېڭە ۋە ئالدى مېڭىدىن تەركىپ تاپىدۇ. (1) يۇلۇن _
36、مەركىزى نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك مەركىزى بولۇپ ، بەزى ئاددىي رېفلېكىسلار ، مەسىلەن تىزنى پۈكۈش رېفلېكىسىنى ئورۇندايدۇ. (2) مېڭە سېپى _ سوزۇنچاق مېڭە ، كۆۋرۈكسىمان مېڭە ۋە ئوتتۇرا مېڭىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سوزۇنچاق مېڭىنىڭ رولى :نەپەسلىنىش بىلەن يۈرەك سوقۇشنى كونتۇرۇل قىلىدۇ. ئوتتۇر
37、ا مېڭىنىڭ رولى : كۆز قارچۇقىنىڭ رېفلېكىسى بىلەن كۆزنى ھەرىكەتلەندۈرۈشنى كونتۇرۇل قىلىدۇ. مېڭە سېپىدىكى تورسىمان قۇرۇلما _ ئۇيقۇ بىلەن ئويغاق ھالەتنىڭ مەركىزى. (3) ئارىلىق مېڭە تۈزۈلىشى : دۆڭچە مېڭە ، يۇقۇرىقى دۆڭچە مېڭە ، تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە ۋە ئاستىنقى دۆڭچە مېڭىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمدىن تۈزۈلىد
38、ۇ. دۆڭچە مېڭەنىڭ رولى : چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى پۇراق سەزگۈسىدىن باشقا بارلىق سەزگۈلەرنىڭ مەركىزى . تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭەنىڭ رولى : ئىچكى ئورگانىزىم پائالىيىتنى تەڭشەش مەركىزى. (4) كىچىك مېڭە كىچىك مېڭەنىڭ رولى : بەدەننىڭ تەڭپۇڭلىقنى ساقلايدۇ ، مۇسكۇللارنىڭ جىددىلىك دەرىجىسىنى تەڭشەيدۇ ، ئىختىيارى
39、ۋە ئىختىيارسىز ھەرىكەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. IV. چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە رولى چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ تاشقى يان يۈزى يېرىقچىلار ، مەركىزى ئېرىقچىلارنى چېگرا قىلىپ تۆت ياپراقچىغا بۆلىنىدۇ : پىشانە ياپراقچىسى ، چوققا ياپراقچىسى، گەجگە ياپراقچىسى، چېكە ياپراقچىسى چېكە ياپراقچىسى _ئاڭلاش سەز
40、گۈسىنى ئاساس قىلىدۇ ؛ گەجگە ياپراقچىسى _ كۆرۈش سەزگۈسىنى ئاساس قىلىدۇ ؛ چوققا ياپراقچىسى _بەدەن سەزگۈسىنى ئاساس قىلىدۇ ؛ پىشانە ياپراقچىسى _ بەدەن ھەرىكىتىنى ئاساس قىلىدۇ ؛ بەدەن نېرۋا مەركىزى _مەركىزى كەينى پۈرمىگە جايلاشقان. بەدەن ھەرىكەت مەركىزى _مەركىزى ئالدى پۈرمىگە جايلاشقان. ئامېرىكىلىق
41、 نېرۋا پسىخولوگىيە ئالىمى روجېس. سېپىر( 罗杰。斯佩里 ) ” مېڭىنى كېسىش ”تەجرىبىسى قىلغان . بۇ تەجرىبە ئوڭخەي ئادەملەرگە نىسبەتەن ئۇلارنىڭ مېڭىسىنىڭ سول يېرىم شارىدا تىل ئىقتىدارى ئەۋزەللىكنى ئىگىلەيدىغانلىقنى ، ئوڭ يېرىم شارىدا بوشلۇق ئىدرىكى بىلەن ئوبرازلىق تەپەككۇر ئەۋزەللىكنى ئىگىلەيدىغانلىقنى ئىسپ
42、اتلىغان. 2- بۆلۈم ئىچكى ئاجراتمىلار سېستىمىسى بىلەن پسىخىكا 1.مېڭە ئاستى بېزى 2.بۆرەك ئۈستى بېزى 3.قالقانسىمان بەز 4. جىنسىي بەز 3- بۆلۈم ئالىي نېرۋا پائلىيىتىدىكى رېفلېكىس تەلىماتى پاۋلوۋ ( (巴甫洛夫 ئالىي نېرۋا پائالىيىتى تەلىماتىنى ئىجاد قىلغان. I. پاۋلوۋ ( (巴甫洛夫 نىڭ تەلىماتىدىكى
43、 بىر نەچچە ئاساسىي ئۇقۇملار (1) قوزغىلىش ۋە تورمۇزلىنىش پاۋلوۋ ( (巴甫洛夫نىڭ قارىشىچە نېرۋا پائلىيىتنىڭ ئاساسىي جەريانى قوزغىلىش ۋە تورمۇزلىنىشتىن ئىبارەت . قوزغىلىش _ نېرۋا پائالىيىنىڭ ئارام ئېلىش ھالىتى ياكى بىر قەدەر ئاجىز ھالىتىدىن ھەرىكەت ھالىتىگە ياكى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان پائالىيەت ھالىتىگ
44、ە ئايلىنىش جەريانىدىن ئىبارەت. تورمۇزلىنش _ نېرۋا پائالىيىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدىن ياكى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان پائالىيەت ھالىتىدىن ئارام ئېلىش ھالىتىگە ياكى بىر قەدەر ئاجىز ھالەتكە ئايلىنىش جەريانىدىن ئىبارەت. قوزغىلىش بىلەن تورمۇزلىنىش ئۆز- ئارا باغلىنىشلىق بولۇپ ، ئۆز- ئارا بىر بىرىنى چەكلەيدۇ ،
45、 يەنە ئۆز- ئارا بىر بىرىگە ئايلىنىدۇ. (2) رېفلېكىس ، رېفلېكىس يايى ۋە قايتما ئىنكاس (تەسىر) رېفلېكىس_ئورگانىزىمنىڭ نېرۋا سېستىمىسىنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق ، ئىچكى تاشقى مۇھىتتىكى غىدىقلىغۇچلارغا بىلدۈرگەن قانۇنىيەتلىك ئىنكاسى. مەسىلەن ، بىر نەرسە يىگەندە شۆلگەينىڭ ئېقىشى. رېفلېكىس يايى_رېفلېكىس پ
46、ائالىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان نېرۋا يولى ، ئۇ رېتسېپتو ، مەركەزگە كىرگۈچى نېرۋا ، رېفلېكىس مەركىزى ، مەركەزدىن چىققۇچى نېرۋا ۋە ئېففېكتوردىن ئىبارەت بەش قىسىمدىن تۈزىلىدۇ. قايتما ئىنكاس _رېفلېكىس پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنىڭ نېرۋا مەركىزىگە قايتىپ ، نېرۋا مەركىزىنى ئېففېكتورنىڭ پائالىيتىدىكى ئۇچۇرلا
47、رغا دەل ۋاقتىدا ئېرىشتۈرۈپ ،ئېففېكتورنىڭ پائالىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەڭشەش جەريانىغا قارىتىلغان . (3) شەرتسىز رېفلېكىس ۋە شەرتلىك رېفلېكىس شەرتسىز رېفلېكىس_ ئادەم ۋە ھايۋانلاردا تۇغما بولغان ، ئۆگەنمەيلا بىلىدىغان رېفلېكىس. شەرتلىك رېفلېكىس_يەككە تەقلىد قىلىش ، ئۆگۈنىش ئارقىلىق ، شەرتسىز رېفلېكىس
48、 ئاساسىدا شەكىللەنگەن رېفلېكىس. (4) بىرىنچى سىگنال سېستىمىسى ۋە ئىككىنچى سىگنال سېستىمىسى پاۋلوۋ ( (巴甫洛夫 ئادەم بىلەن ھايۋاندىكى شەرتلىك رېفلېكىسنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ، ئىككى خىل سىگنال سېستىمىسى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىرىنچى سىگنال سېستىمىسى_سەزگۈ ئەزالارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن رىيال، كون
49、كىرت غىدىقلىغۇچلارنى سىگنال غىدىقلىغۇچىسى قىلىپ شەكىللەنگەن شەرتلىك رېفلېكىس. ئىككىنچى سىگنال سېستىمىسى_سۆز بىلەن تىلنى سىگنال غىدىقلىغۇچىسى قىلىپ شەكىللەنگەن شەرتلىك رېفلېكىس بولۇپ ، پەقەت ئادەمگىلا خاس بولىدۇ. ” بىر قېتىم يىلان چېقىۋالغان ئادەم ، ئون يىلدىن كېيىن ئارغامچىنى كۆرسىمۇ قورقۇپتۇ ” ب
50、ۇ ئىككىنچى سىگنال سېستىمىسىدىكى شەرتلىك رېفلېكىس . II.پاۋلوۋ ( (巴甫洛夫 بايقىغان ئالىي نېرۋا پائالىيىتىنىڭ بىرنەچچە ئاساسىي قانۇنىيەتلىرى (1) شەرتلىك رېفلېكىسنىڭ تورمۇزلىنىشى تاشقى تورمۇزلىنىش_ چەكتىن تاشقىرى غىدىقلىغۇچنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن شەرتلىك رېفلېكىسنىڭ ئىنكاستىن توختىشى. چەكتىن ئاشقان تو






