资源描述
سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى
课时教学设计
备课: 年 月 日 上课: 年 月 日 第 课时 课型:
تەييارلىق سىناق ۋە يېڭى
دەرسكە باشلاپ كىرىش
前提测评及导入新棵
1) سىزنىڭچە قانداق باھا يازغاندا قىممىتى بولىدۇ؟
2) سىزگە قانداق باھا كېرەك؟
دەرس تېمىسى
课题
مەشھۇر ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئوقۇش
ئانا يۇرت - زوردۇن سابىر
ئوقۇتۇش نىشانى ۋە ئۆگىنىش نىشانى
教学目标与学习目标
1) زوردۇن سابىرنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇش؛
2) رومان بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇش.
ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا،
قىيىن نۇقتا ۋە ئۇنى
ھەل قىلىش
教学重点难点及其外处理
مۇھىم نۇقتا:
زوردۇن سابىرنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇش؛
قىيىن نۇقتا:
روماندىكى ئۆزگىچىلىك.
ھەل قىلىش:
يېتەكلەش، تونۇشتۇرۇش.
ئوقۇتۇش ۋاسىتلىرى
教学手段
ئانا يۇرت رومانى
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە
ئۆگىنىش شەكلى
教学方法与学习方式
ئۈنلۈك ۋە مۇھاكىمىلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى؛
ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىپ ئۆگىنش شەكلى.
ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى (ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئاساسى بىلىمنى يىغىنچاقلاش ۋە ئىقتىدار سىناش سۇئاللىرى)
教学过程设计(教学内容,基础知识归纳能力测评内容)
1. زوردۇن سابىرنىڭ ھاياتى پائالىيىتى ئۈستىدە توختىلىمىز.
داڭلىق يازغۇچى زوردۇن سابىر 1937- يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ يېڭى تام يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن، ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1957- يىلى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتپىنى پۈتكۈزۈپ، «ئىلى گېزىتى» ئىدارىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. شۇ يىلى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتوتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا بېرىپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغان. ئوقۇشى تاماملانغاندىن كېيىن شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1964- يىلى غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېلىپ، بۇ مەكتەپتە تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1979- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولغان. 1981- يىلى بېيجىڭغا بېرىپ، لۇشۈن نامىدىكى ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا بىلىم ئاشۇرغان. شۇ يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە يۆتكىلىپ كېلىپ كەسپىي يازغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. مۇشۇ يىللاردىن تارتىپ ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە باشلىغان. 1987- يىلى تەكلىپ بىلەن سابىق غەربىي گېرمانىيىگە بېرىپ، ئىكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولغان. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چەتئەللىكلەرگە تونۇشتۇرۇشتا بىر مۇنچە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلغان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ئىلمىي لېكسىيە سۆزلىگەن. بۇ لېكسىيىسى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە قىسقىچە بايان» دېگەن نام بىلەن مەخسۇس كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىنغان. زوردۇن سابىر يەنە 1988- يىلى تەكلىپ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ زىيارەتتە بولغان. تۆھپىكار يازغۇچى زوردۇن سابىر 1998- يىلى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى كېسەللىك بىلەن ئۈرۈمچىدە 61 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن «دولان ياشلىرى» (1979)، «خەيىرلىك ئىشلار» (1982) پوۋېستى، «ئىزدىنىش»، «ئابرال شاماللىرى» (1984- يىل) قاتارلىق رومانلىرى، «ئانا يۇرت» تىرىلوگىيىسى، «شەبنەم»، «ساداقەت»، «ئارچا ياپرىقى»، «جىگدىلەر پىچىرلايدۇ»... قاتارلىقلار بار.
2. ئوقۇغۇچىلارغا رومان ئۈستىدە توختىلىپ، روماننى تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بارىمىز.
«ئانا يۇرت» بىر تىرىلوگىيە. بۇ روماننىڭ ھەجىمى خېلىلا چوڭ. ئاپتور بۇ ئەسەرنى بابلارغا ئايرىمىغان، ئايرىم- ئايرىم ماۋزۇمۇ قويمىغان. «- ۋاي ئوغرى!...» دەپ باشلىغان پېتى «گويا تۆكۈلگەن قانلار پاجىئەنى مەقسەت قىلغاندەك، ئەزىز قۇربانلار تىرىكلەرنى يانلىرىغا چىللاۋاتقاندەك، ھەممىلا ئادەمنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقۇسى كەلگەنىدى. لېكىن، قويۇق ئورمانلار كەينىدىن- كۈنچىقىتشتىن ئاستا باش كۆتۈرۈۋاتقان قۇياش ئىنسانلارنى ھاياتقا، ياشاشقا- بەختكە چىللىماقتا ئىدى!» دەپ ئاخىرلاشتۇرغان. دېمەك، يازغۇچى بۇ روماننى سۇۋارى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ شەكلى سۇۋارى يېزىلغىنى بىلەن، مەزمۇنى يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان دەرىجىدە دولقۇنلۇق، ئوقۇغان كىشىنى گاھ سۆيۈندۈرىدىغان، گاھ كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرىدىغان، گاھ چوڭقۇر ئۇھ تارقۇزىدىغان، گاھ بۇقۇلدىتىپ يىغىلىتىۋېتىدىغان دەرىجىدە ھەيران قالارلىق ماھارەت يېزىپ چىقىلغان. شۇڭا، بۇ رومان ئوقۇرمەنلەر ۋە ئەدەبىي ئوبزورچىلار تەرىپىدىن بىردەك يوقىرى باھاغا، قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولغان.
«ئانا يۇرت» رومانىنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى كەڭ، ۋەقەلىكى مۇرەككەپ، پېرسۇناژلىرى كۆپ. بۇ ئەھۋال ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تارىخى ھەققىدە مۇئەييەن بىلىم ئاساسى يوق ئوقۇغۇچىلارنىڭ روماننى ئوقۇپ چۈشىنىشىدە روشەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ روماننىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى ئوقۇرمەننى كۈچلۈك جەلپ قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار چوڭقۇر بەدىئىي لەززەت ئىچىدە 20- ئەسىردىكى ئاشۇ شانلىق تارىخىمىز ۋە ئاشۇ تارىخنىڭ ياراتقۇچىلىرى ھەققىدە خېلى كۆپ چۈشەنچىگە ئېرىشەلەيدۇ. بولۇپمۇ روماننىڭ گۈزەل بايان شەكلى، پېرسۇناژلارنىڭ خاسلاشقان تىلى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس روشەن مىجەز- خاراكتېرى، قىزىقارلىق ۋەقە ۋە تەپسىلاتلار، چوڭقۇر پەلسەپىۋى مۇھاكىمىلەر، ئىنچىكە تەسۋىرلەر ئوقۇغۇچىلارنى ئاجايىپ- غارايىپ بىر بىپايان بەدىئىي ئالەمگە تۇيدۇرماي ئېلىپ كىرىپ كېتىدۇ. ئوقۇرمەنلەر ئاشۇر بىپايان بەدىئىي ئالەم ئىچىدە ساددا- سەمىمىي، ئەمما قوپال دېھقانلارنى، باتۇر، شىر يۈرەك ئەزىمەتلەرنى، قورقۇنچاق ساتقۇن جانباقتىلارنى، دانا يولباشچىلارنى، مەككار سىياسىئونلارنى كۆرىدۇ، رومانتىك مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى، دەھشەتلىك ئۇرۇش قىسسىلىرىنى، ئەركىنلىك ئىستەكلىرىنى، زوراۋانلىق سەپسەتىلىرىنى، ھايات ھەقىقەتلىرىنى، خەلق ئىنقىلابلىرىنى، پىداكارلىققا ئوقۇلغان مەدھىيىلەرنى، ئىككى يۈزلىمىچىلىككە قارىتىلغان نەشتەردەك تەنقىدلەرنى ئوقۇيدۇ.
ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، شانلىق ئىنقىلاب ھەققىدە يېزىلغان بىر پارچە نادىر روماننى ئوقۇش چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىللە، يوقىرىقىدەك ئاجايىپ- غارايىپ بەدىئىي ئالەم ئىچىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارغا مۇيەسسەر بولۇش ھەم رەڭگارەڭ پېرسۇناژلار بىلەن سىردىشىش، تونۇشۇش بەزىلىرىگە ھەۋەس ۋە مۇھەببەت، بەزىلىرىگە غەزەپ ۋە نەپرەت، يەنە بەزىلىرىگە ھەسرەت- ئېچىنىش بىلەن مۇئامىلە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش كەم ئۇچرايدىغان ئامەت.
قىسقىسى، «ئانا يۇرت» رومانى ئېپوس خاراكتېرلىك نادىر تارىخىي رومان. بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى روماننىڭ نەشرىيات تەرىپىدىن يېزىلغان كىرىش سۆزىدە ئېيتىلغاندەك: «ئاجايىپ يارقىن تارىخىي ۋە بەدىئىي چىنلىق تۇيغۇسى، مۇرەككەپ ھېس- تۇيغۇلارغا باي ئىنچىكە تەسۋىرلىرى، يېقىلىق بەدىئىي ئۇسلۇبى، راۋان، مەنىلىك تىل سەنئىتى بىلەن بىر پۈتۈن دەۋرنىڭ تارىخىي ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىزىپ بەرگەن»لىكىدە.
يازغۇچى بۇ رومانىدا شىنجاڭنىڭ ھازىرقى دەۋر تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»نىڭ پارتىلىشىدىن تارتىپ ئاخىرلىشىشىغىچە بولغان بىر پۈتۈن جەرياننى ھەم تارىخىي يوسۇندا، ھەم بەدىئىي يوسۇندا تەسۋىرلىگەن. روماننىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنىقىلابى»غا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم ۋەقەلەردىن باشقا، يەنە 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى باشقا مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەرمۇ يانداشتۇرۇلۇپ تەسۋىرلەنگەن. ماكان جەھەتتە ئۇ يالغۇز ئىلى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان، دەۋر جەھەتتە ئۇ 40- يىللارنىڭلا تارىخى بولۇپ قالمىغان. ئۇنىڭدا ھەممە دەۋرلەر ئۈچۈن ئورتاق بولغان چوڭقۇر پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. روماندا يازغۇچى باش قەھرىمان نۇرىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن، ئىنقىلابنىڭ جەڭگىۋار، مۇرەككەپ جەريانىنى ئەكىس ئەتتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ جاپالىق، ئەمما ئۆزگىچە تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن. يازغۇچى روماندا تارىخىي رېئاللىقنىمۇ، تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ، ئۇيغۇر يېزىلىرىغا خاس بولغان ئۆزگىچىلىكلەرنىمۇ ئوخشاشلا ناھايتى كۆڭۈل قويۇپ تەسۋىرلەپ، ئەسەرنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئېپوسقا- ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ ئەسىردىكى مۇرەككەپ تارىخنىڭ ھەقىقىي بەدىئىي خاتىرىسىگە ئايلاندۇرغان.
تاپشۇرۇق
作业
دەرسلىك كىتابقا بېرىلگەن پارچىنى ئوقۇپ كېلىڭ.
دوسكا لايىھىسى
板书设计
مەشھۇر ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئوقۇش
ئانا يۇرت - زودۇن سابىر
زوردۇن سابىر: 1937- 1998
روماننىڭ ۋەقەلىكى:
دەرستىن كېيىنكى
قايتا ئويلىنىش
课后反思
گۇرۇپپا مەسئۇلى پىكرى ۋە ئىمزاسى
教研组长意见:
2025年3月 日
سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى
课时教学设计
备课: 年 月 日 上课: 年 月 日 第 课时 课型:
تەييارلىق سىناق ۋە يېڭى
دەرسكە باشلاپ كىرىش
前提测评及导入新棵
1-بەيگە ئۆتكۈزۇش ۋە ئوغلاق تارتىشش-خەلىقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مىللي تەنتەربىيە ئادىتى،سىز مۇشۇ پارچىدا تەسۋىرىلەنگەن بەيگە ئۆتكۈزۇش ۋە ئوغلاق تارتىشش پائاليتىگە ھەۋەس قىلدىڭىزمۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟
2- ( مۇختار باينىڭ كىتاپقا بىرىلگەن روماندىن،پارچىدىكدىن باشقا يەنە قانداق قىزىقارلىق ياكى ئادەملەرنى تەسرلەندۇرىدىغان گەپ-سۆز،ئىش-ھەركەتلىرى باركىن؟ ئاڭلاپباقايلى.) نادان،ھەققانىيەتچىل،ۋەتەنپەرۋەر،قينىچىلققا ئۇچىرىغانلارغا ياردەم بىرىدۇ،قورقۇمىسز......
دەرس تېمىسى
课题
مەشھۇر ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئوقۇش
ئانا يۇرت - زوردۇن سابىر
ئوقۇتۇش نىشانى ۋە ئۆگىنىش نىشانى
教学目标与学习目标
بىلىم نىشانى :
1- روماندا تىلغا ئېلنىغان تارىخى شەخسلەر،تارىخى روماننىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە بىلىمگە ئىگە بولۇش.
2- توقۇلما پىرسۇناژنىڭ خاراكترىنى ئىگەللەش.
3-ئەسەرنىڭ ھەقىقي قىمىتىنى تونۇش.
ئىقتىدار نىشانى :
1- توقۇلما پىرسۇناژلارنىڭ يارتىلىش سەۋەبىنى بىلۋىلش.
تارىخ ،جەمىئىيەت ۋە كىشلىك ھايات توغرسىدا يېڭى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشقا ئىلھام بېرش.
ھىسسىيات، پوزىتسىيە، قىممەت قاراش نىشانى:
1- ئالاھىدە مۇھىتتكى ھەرخىل پىرسۇناژلارنىڭ ھاياتقا ۋە تۇرمۇشقا تۇتقان ئوخشىمىغان پوزىتسىيەلىرىدىن ئادىمىيلىك قەدىر- قىممەتنىڭ مۇھمىلقىنى ھىس قىلش ۋە توغرا بولغان ھايات قارىشنى تۇرغۇزۇش.
بەخىتلىك كۈنلەرنى قەدىرلەش،ۋەتەننى،يۇرتنى سۆيۇش ھىسياتنى يىتلىدۈرۇمەن.
ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا،
قىيىن نۇقتا ۋە ئۇنى
ھەل قىلىش
教学重点难点及其外处理
مۇھىم نۇقتا:
1- توقۇلما پىرسۇناژنىڭ خاراكترىنى ئىگەللەش.
2-ئەسەرنىڭ ھەقىقي قىمىتىنى تونۇش.
قىيىن نۇقتا:
ئەسەرنىڭ ھەقىقي قىمىتىنى تونۇش.
بەخىتلىك كۈنلەرنى قەدىرلەش،ۋەتەننى،يۇرتنى سۆيۇش ھىسياتنى يىتلىدۈرۇش.
ھەل قىلىش:
يېتەكلەش، تونۇشتۇرۇش.
ئوقۇتۇش ۋاسىتلىرى
教学手段
دەرسلىك كىتاپ، دەرسلىك دېتال،كۆپ ۋاستىلىك ئوقوتۇش
ئۈسكۈنلىرى
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە
ئۆگىنىش شەكلى
教学方法与学习方式
ئۈنلۈك ۋە مۇھاكىمىلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى؛
ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىپ ئۆگىنش شەكلى.
ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى (ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئاساسى بىلىمنى يىغىنچاقلاش ۋە ئىقتىدار سىناش سۇئاللىرى)
教学过程设计(教学内容,基础知识归纳能力测评内容)
1-نادىر ئۈلگە ‹‹ ئوغلاق تارتىشش››تىكى خاراكتىرى ئۆزگىچە پىرسۇناژ كىم ؟ ئۇ قانداق خاراكتىرىگە ئىگە؟
پارچە ئېچىدىن مۇختار باينىڭ خاراكتىرى گەۋدىلەنگەن سۆز-جۈملىلەرنى تېپىش ئارقىلىق پىرسۇناژ خاراكتىرىگە باھا بىرىلىدۇ .
( سەپىرا مىجەز،تىرىككەك،يۇرتنىڭ شان-شەرىپىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان.....).
-2ئۇنداقتا بىز بۇ پىرسۇناژغا يەنىمۇ ئىنچىكە قاراپ باقايلى؟ مۇختار باي زادى قانداق ئادەمكەن؟ ‹‹ ئانا يۇرت›› رومانىنىڭ مۇناسۋەتلىك جايلىردىن مۇختار باينىڭ ئوخشىمىغان خاراكتىرى ئىپادىلەنگەن تەسۋىر ،بايانلار ئوقۇلىدۇ.
مۇختار باي قينچىلققا يولۇققانلارغا ياردەم بىرىدىغان،ئەرلىك جاسارەتكە ،ۋە قورقۇمىز ،تەۋەككۈلچىلككە ئىگە،مەرد ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەتەنپەرۋەر.
2- خەتنە توي جەرياندىكى پائالىيەت،سالام-سەھەت،كېيىنش-تارىنىش قاتارلىقلاردىن مىللي مەدەنيتىمزنىڭ قانداق ئالاھىدىلكىنى ھېس قىلىڭىز؟
بۇ سۇئال ئارقىلىق ئەنئەندىن پەخىرلىنش،ياراملىق،مەسئۇليەتچان ئىز-باسارلاردىن بولۇش تەربيسى ئېلىپ بىرىلىدۇ
4-تارىخى رومان تارىخى تېمىدا يېزىلىغان رومان بولۇپ،ئۇ ھەم ھەققىي تارىخ،ھەم بەدىىئي ئەسەر.‹‹ ئانا يۇرت›› تىرلوگيەسدىمۇ ئەخمەتجان قاسمى،ئابدۇكىرىم ئابباسوف، ماۋزىمىن، شىڭ شېسەي......قاتارلىق تارىخى شەخسلەرنىڭ ئش-پائالىيەتلىرى سۆزلىنش بىلەن بىرىگە مۇختار بايدىن ئىبارەت بەدىىئي ئوبراز يارىتىلغان،ئۇنداقتا ئاپتۇرنىڭ بۇ ئوبرازىنى يارىتشتىكى مەقىسىتى نىمە؟
روماندىكى مۇختار باينىڭ ۋۇجۇدىغا پۈتكۇل ئۇيغۇر مىللىتنىڭ ۋۇجۇددىكى ئاق كۆڭۈللۈك،سەمميلىك،ساددىلىق،قاراملىق،نادانلىق،قالاقلىق،ساۋاتسزلىق،پۇچىلىق،يۇرتۋازلىق،ئاچكۆزلۈك،ھورۇنلۇق......قاتارلىق گۈزەل خىسلەت ۋە ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇجەسسەملەنگەن.
5-206-بەتتىكى ‹‹ئەدەبىيات ئوبزورچلىرنىڭ ‹‹ ئانا يۇرت››قا بەرگەن باھاسى››ئوقۇلۇپ،روماننىڭ ھەقىقي قىممتى توغرسدىكى مەزمۇنلار چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ.
دەرس خۇلاسسى:
ساۋاقداشلار، بىز بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تەسرى ئەڭ زور،ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشغا سازاۋەر بولغان تالانتىلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹ئانا يۇرت›› ناملىق تارىخى رومانى ئارقىلىق خەلىقىمىزنىڭ ئۆزگىچە خاراكتىر-ئالاھدىلكىنى،گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرنىڭ زۇلمىنى،خەلىقنىڭ جاپالىق،ئەمما، ئۆزگىچە تۇرمۇشنى ئىنقىلابنىڭ جەڭگىۋار،مۇرەككەپ جەريانلىرىنى چۈشىنەلەيمىز.
دىمەك،بىزنىڭ بۈگۈنكى بەخىتىلىك،باياشاد،خاتىرجەم ياششىمىز جۇڭگو كوممۇنستىك پارتىيسنىڭ دانا رەھبەرلىكى،ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ قولنى-قولغا تۇتۇپ،مۆرىنى-مۆرىگە تېرەپ ئىتتپاقلىشپ كۆرەش قىلىشدىن كەلگەن.
شۇڭا، بىز بۇ تارىخىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز،يۇرتىمىزنى گۈللەندۇرۇپ،ۋەتەننىڭ غەمخۇرلۇقىغا جاۋاپ قايتۇرۇشمىز كىرەك.
ۋەتەن مۇھەبىبتى ھەممىدىن ئەلا.
مۇستەھكەملەش مەشقى
1-بوش ئورۇننى تولدرۇرۇڭ
1) بۇ يىرىك ئەسەر ياش- ئۆسمۈرلەرگە ( )،( ) تەربيسى ئېلىپ بىرىشتا ئەڭ ياخشى بەدىىئي ئوقۇشلۇق بوللايدۇ.
2) ئەسەردىكى توقۇلما ئوبراز ( ) تارىخى رىئال شەخسلەردىن ( )،( )،( ) قاتارلىقلار بار.
‹‹ ئانا يۇرت›› رومانى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يىرىك ئەسەر،بۇ جۈملىدىكى‹‹يىرىك›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ( ) 2- جاۋاب تاللاڭ
1) زوردۇن سابىر ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيتى توغرسدا ئېيىتلغانلاردىن خاتاسى( )
A. زوردۇن سابىر (1937-1998) يىللرى ياشغان.بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تەسرى زور،ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشغا ئىرىشكەن تالانىتلىق يازغۇچى.
B.‹‹ ئۇنۇتمايمەن گۇلسارە››،‹‹ ئارچا ياپرىقى››،‹‹ ئىزدىنش››،‹‹ ساداقەت›› قاتارلىق ھىكايە توپلاملىرى 1980-يىلى ئېلان قىلىنغان.
C. يالقۇن روزى ‹‹ ئانا يۇرت ››رومانىنى ‹‹تىنچ دون›› رومانى بىلەن،زوردۇن سابىرىنى مىخائىل شولوخوف بىلەن سېلشتۇرغان ھەمدە ئۇنىڭدىمۇ ئۈستۈن ئورۇندا قويغان。
تاپشۇرۇق
作业
دەرسلىك كىتابقا بېرىلگەن پارچىنى ئوقۇپ كېلىڭ.
دوسكا لايىھىسى
板书设计
مەشھۇر ئەسەرلەر بىلەن تونۇشۇش
ئانا يۇرت
(روماندىن پارچە)
زوردۇن سابىر
مۇختار باي : 20 -ئەسرنىڭ 40-يىللردىكى ئۇيغۇر دىھقانلىرنىڭ تىپىك ۋەكىلى.
نادان ئەمما،ھەققانىيەتچىل ئالدنىقى قاتاردىكى ۋەتەنپەرۋەر ،ھەر قانداق ماجرانى چاقچاققا،ھازىنى تويغا ئايلاندۇرۇشقا ئامراق. ئەرلىك جاسارەتكە ،قورقۇمىز تەۋەككۇلچىلككە ئىگە،مەرد،ئۆزىگە خاس خاسلىققا ئىگە.
دەرستىن كېيىنكى
قايتا ئويلىنىش
课后反思
گۇرۇپپا مەسئۇلى پىكرى ۋە ئىمزاسى
教研组长意见:
2025年3月 日
171
展开阅读全文