资源描述
15.باب 1§.ئىش
ئوقۇتۇش نىشانى
1. ئىش ئىشلەشنىڭ ئىنىرگىيەنى ئۆزگەرتىش ياكى يۆتكەش جەريانى ئىكەنلىكىنى بىلىش
2. ئىشنىڭ ئىنىقلىمىسى بىرلىكى فورمىلىسى ،ئىشنىڭ پىرىنسىپىنى بىلىش
3. قول سېلىپ تەجرىبە ئىشلەش ئئارقىلىق ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدەيدىغان ئىلمىي قاراش تىكلەش
ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نوقتا
ئىشنىڭ ئىنىقلىمىسى، بىرلىكى، فورمىلىسى
ئوقۇتۇشتىكى قىيىن نوقتا
ئىشنىڭ پىرىنسىپى، ئىشنى ھىساپلاش
ئوقۇتۇش جەريانى
1.يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش
ئىشنىڭ ئىككى مۇھىم ئامىلى نىمىلەردىن ئىبارەت ؟ تۇرمىشىمىزدا ئېيتىلىپ كىلىۋاتقان ھەرخىل «ئىش»لار بىلەن بىز ھازىرقى دەرىسىمىزدە سۆزلىمەكچى بولغان «ئىش» بىر ئۇقۇممۇ ؟سىلەر بۇلارغا قىزىقامسىلەر بىز مۇشۇ دەرىس ئارقىلىق كۆڭلىمىزدىكى بۇسىرلارنى يىشىمىز.
2.يىڭى دەرىس ئوقۇتۇش جەريانى
1)ئىش ئۇقۇمى
ئىشنىڭ ئىككى مۇھىم ئامىلى
(F) جىسىمغا تەسىرقىلىۋاتقان كۈچ
جىسىمنىڭ كۈچنىڭ تەسىرقىلىش يۈنىلىشىدە يۆتكەلگەن ئارلىقى (S)
ئىش ئىشلەش ئۈچۈن ئىشنىڭ ئىككى مۇھىم ئامىلىنىڭ بىرى كەم قالسىمۇ بولمايدۇ .
2) ئىشنى ھىساپلاش
ئىشنىڭ ھىساپلاش فورمىلىسى
W=FS
W ئىشنى ئىپادىلەيدۇ، بىرلىكىجوئول J F جىسىمغا تەسىرقىلىۋاتقان كۈچنى ئىپادىلەيدۇ بىرلىكىN S جىسىمنىڭ كۈچنىڭ تەسىرقىلىش يۈنىلىشىدە يۆتكەلگەن ئارلىقنى ئىپادىلەيدۇ بىرلىكى m
فورمىلانى ئىشلەتكەندە قايسى كۈچ جىسىمغا نىسپەتەن ئىش ئىشلىگەن بولسا فورمىلاغا شۇ كۈچنى قويۇش كىرەك
فورمىلادىكى (S)چوقۇم كۈچ يۈنىلىشىدە يۆتكەلگەن ئارلىق بۇلىشى كىرەك
3)ئىشنىڭ پىرىنسىپى
فىلىم قويۇلۇپ چۈشەندۈرىلىدۇ
ھەركەتچان غالتەك ئارقىلىق كۈچتىن ئۇتقىلى بۇلامدۇ ؟
ئاددىي مىخانىزىملاردىن پايدىلىنىپ ئىشلىگەن ئىش قول بىلەن ئىشلىگەن ئىشقا تەڭ بۇلىدۇ ھەم كۈچتىن ھەم ئارلىقتىن تەڭ ئۇتىدىغان مىخانىزىم يوق دىمەك ئىشتىن ئۇتقىلى بولمايدۇ
3. دەرىستىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىلىدۇ.
1)ئىش ئۇقۇمى
ئىشنىڭ ئىككى مۇھىم ئامىلى
2) ئىشنى ھىساپلاش
W=FS
ئىشنىڭ پىرىنسىپى
4.تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش
مۇشۇ دەرىسكە مۇناسىۋەتلىك يانداشما مەشىقنى ئىشلەپ كىلىش
دەرىستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش
展开阅读全文