资源描述
2015—2016-ئوقۇش يىلى 1- مەۋسۇم 8- يىللىق
چارەكلىك ئىمتىھان سوئالى
ۋاقتى 100مىنۇت، تولۇق نومۇر 100 نومۇر
ئىسىم فامىلىسى: _________________
Ⅰتاللاش سوئالى: (ھەر بىرىگە ئىككىدىن جەمئىي 16 نومۇر)
1.دۇنيا! سىرلىرىڭنى ئۈنلۈك سۆزلىيەلمىسەڭ، قۇلىقىمغا شىۋىرلاپ بولسىمۇ سۆزلىگىن،...ھەي، دۇنيا.» دېگەن پارچە ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
A.بۇ جۈملە «بالا مېھرى» ناملىق تېكىستتىكى ئانىنىڭ دۇنياغا قىلغان خىتابى.
B. ‹‹بانان گۈلى» ناملىق تېكىستتىكى ئانىنىڭ ئوغلىغا قىلغان خىتابى.
C.‹‹ئالتۇن رەڭلىك ئىسكىرىپكا » ناملىق ئەسەردىكى دادىنىڭ بۇلغانغان ئوغلىغا قىلغان خىتابى.
D.‹‹مېنىڭ ئاكام» ناملىق لىرىك نەسىردىكى ئەخمەت ئىمىننىڭ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىغا ئېچىنىپ، دۇنياغا قىلغان خىتابى.
. 2‹‹بالا مېھرى›› ناملىق ئەسەر ھەققىدە ئېيتىلغان توغرا جاۋاب:
A.ئەسەردە ئاساسلىقى ئېسىلزادە خانىمنىڭ بالا يۈزى كۆرەلمىگەچكە بالىغا بولغان مېھرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەسۋىرلەنگەن.
B.نامرات ئاتا- ئانىنىڭ بالىلىرىنى باقالماي، ياخشىراق باقالايدىغان كىشىلەر بولسا بېرەيلى، دەپ خوككايدۇغا ماڭغانلىقى يېزىلغان.
C.نامرات ئاتا- ئانىنىڭ بالىلىرىغا بولغان چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببىتى ئىنتايىن تەسىرلىك ھالدا ئىپادىلەنگەن.
D.تېكىستتىن ‹‹ئانىنىڭ كۆڭلى بالىدا، بالىنىڭ كۆڭلى دالىدا›› دېگەن ماقالنى يەكۈنلەشكە بولىدۇ.
تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ 3-~5- تاللاش سوئاللىرىنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداڭ.
‹‹-مەن باي ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئەمەس، لېكىن دادام ماڭا نېمنىڭ بايلىق ئىكەنلىكىنى بۈلدۈردى. بۇ مىننەتسىز مۇھەببەت ، شۇنداقلا مېنىڭ ئۆمۈر بويى تەشەككۈرۈمگە نائىل مۇھەببەت، - دېدى
ئۇ گېپىنى تۈگۈتۈپ ياشانغان دادىسىنى قولتۇقلاپ ، ئىسكىرىپكىنى دۈمبىسىگە ئارتتى-دە، قەددىنى تىك تۇتۇپ دادىل قەدملەر بىلەن مېھمانساراي ئىشىكىدىن چىقىپ كەتتى ››
3.پارچىدا قوللىنىلغان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى: ( )
A .بايان ، تەسۋىر B .تەسۋىر، مۇھاكىمە C .مۇھاكىمە ،لىرىكا Dلىرىكا ،چۈشەندۈرۈش
4. بۇ پارچە :
A .‹‹ئالتۇن رەڭ ئىسكىرىپكا ›› ناملىق تېكىستىن ئېلىنغان ، ئاپتۇرى سى ۋېي ، بىرىنچى شەخس تىلىدا يېزىلغان ، ژانىرى ، ھېكايە
B. ‹‹بانان گۈلى›› ناملىق تېكىستىن ئېلىنغان ، ئاپتۇرى گومرۇ ، بىرىنچى شەخس تىلىدا يېزىلغان ، ژىئانىرى ، بايان ماقالىسى
C . ‹‹ئالتۇن رەڭ ئىسكىرىپكا ›› ناملىق تېكىستىن ئېلىنغان ، ئاپتۇرى سى ۋېي ، ئۈچۈنچى شەخس تىلىدا يېزىلغان ، ژانىرى ، ھېكايە
D. ‹‹بانان گۈلى›› ناملىق تېكىستىن ئېلىنغان ، ئاپتۇرى گومرۇ ، بىرىنچى شەخس تىلىدا يېزىلغان ، ژىئانىرى ، ھېكايە
5. بۇ ئەسەر :
A.تەرتپلىك باياندا يېزىلغان B .چىكىنمە باياندا يېزىلغان C .قىستۇرما باياندا يېزىلغان D .تەرتپلىك باياندا يېزىلغان ھەم قستۇرما بايان ئامىللىرىمۇ بار
6.ئاستى سېزىلغان سۆزلەرگە ئۇلانغان كېلىش قوشۇمچىلىرىنىڭ رەت تەرتىپى:
A.چۈشۈم كېلىش ، ئىگىلىك كېلىش، يۆلىنىش كېلىش، چىقىش كېلىش B . ئىگىلىك كېلىش، چۈشۈم كېلىش ، يۆلىنىش كېلىش، چىقىش كېلىش C . چۈشۈم كېلىش ، ئىگىلىك كېلىش، چىقىش كېلىش ،يۆلىنىش كېلىش D . ئىگىلىك كېلىش، چۈشۈم كېلىش ، چىقىش كېلىش، يۆلىنىش كېلىش،
7. "ئوقۇتقۇچى قىپقىزىل قېنىدىن ئاپئاپ سۈت ئايرىپ، سۆيۈملۈك پەرزەنتىنى پەرۋىش قىلغۇچى ئەزىز ئانا" دېگەن جۈملىدىكى سۈپەتلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى: ( )
A. " ئەزىز' دېگەن سۆز ئەركىلەتمە دەرىجىدە كەلگەن.
B. جۈملىدە ئاشۇرما دەرىجىدە كەلگەن سۈپەتتىن ئىككىسى بار.
C . " ئاپئاق' دېگەن سۆز سېلىشتۇرما دەرىجىدە كەلگەن .
D. " ئوقۇتقۇچى " دېگەن سۆز سۈپەت رولىدا كەلگەن ئىسىمدۇر.
8. تۆۋەندىكىلەردىن ئومومىي ئىسىمغا تەۋە بولىدىغىنى: ( )
A. مەكتەپ، دۇنيا خەرىتىسى، دەريا
B. ئادەم، كىتاب تارىم دەرياسى
C . شەھەر، مىۋە، دەرەخ
D.ئالما، ھىندىستان، تىنچ ئوكيان
9.ئۇيغۇر تارىخي يېزىقلىرى ۋە ئەسەرلەر توغرىسىدا ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى: ( )
A. قەدىمكى تۈرك يېزىقى تۈرك تىلدا سۆزلىشىدىغان قەدىمكى خەلقلەر ئىجاد قىلغان ھەم 8- ئەسىردىن 11- ئەسىرگىچە قوللانغان ئېلىپبەلىك يېزىقى
B. خاقانىيە يېزىقى __ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ھېچقانداق ئىسلاھ قلىنمىغان ھالدا قوبۇل قىلىنغان يېزىق بولۇپ، " تۈركىي تىللار دىۋانى'، " قۇتادغۇبىلىك"، "ئەتەبەتۇل ھەقايىق" قاتارلىقلار مۇشۇ يېزىقتا يېزىلغان.
C . چاغاتاي يېزىقى 12-ئەسىردىن تارتىپ تاكى 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىكى تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەرنىڭ ئورتاق يېزىقى بولغان." تۇرپان تېكىستلىرى"، " مايتىرى سىمىت'، قاتارلىق ئەسەرلەر مۇشۇ يېزىقتا يېزىلغان.
D.ھازىرقى مۇڭغۇل يېزىقىنى مەشھور سىياسىيون، يېزىقشۇناس تاتاتۇڭا خاقانيە يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىپ بەرگەن.
Ⅱبوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ. (10نۇمۇر)
1. " شام" دېگەن ئەسەردىكى " شام نۇرى" ___________________________ گە سىموۋۇل قىلىنغان.
2." پىچىرلاپ ئۈن كېلەر قۇلاقلىرىمغا " دېگەن مىسرادا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ( ) قوللىنىلغان.
3. " تاتلىق" دېگەن سۈپەتنى دەرىجە بويىچە تۈرلىسەك ( ) ئاشۇرما دەرىجە ، ( ) كېمەيتمە دەرىجە، ( ) ئەركىلەتمە دەرىجە بولىدۇ.
4.گومرۇ ( ) - يىلى ( ) - يىلى ۋاپات بولغان
4. ئىسىم شەئىلەرنىڭ ( ) بۈلدۈرىدىغان سۆز تۈركىمى بولۇپ ، ئىسىملار مەنە جەھەتتىكى خۇسۇسىيتىگە ئاساسەن ( ) ئىسىم ۋە
( ) ئىسىم دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ .
Ⅲ. قىسقىچە جاۋاپ بېرىش سوئالى (7 نومۇر)
1. ھېكايە دېگەن نېمە؟ ئىپىك ئەسەرلەردىكى ئۈچ مۇھىم ئامىل قايسى؟
(3 نومۇر)
2. قەدىمكى تۈرك يېزىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوخشامدۇ؟ سېلىشتۇرۇپ بايان قىلىڭ. (4 نومۇر )
Ⅳ.مۇھاكىمە ۋە تەھلىل سۇئالى (23 نومۇر)
1.‹‹ئۇ ئانىسىنىڭ ‹داداڭ ئەينى چاغدا مېنىڭ چېچىمنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىكەن ، مەن بولسام ئۇنىڭ ئىسكىرىپكا چالغاندىكى تۇرقىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم › دېگەن سۆزنى ئويلاپ قالدى ››
1. بۇ پارچە كېمنىڭ قانداق تەسۋىرى ؟(2 نومۇر )
3.تېكىستكە نېمە ئۈچۈن ‹‹ئالتۇن رەڭ ئىسكىرىپكا ›› دېگەن ماۋزۇ قويۇلغان ؟ (3 نۇمۇر)
2. ‹‹كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق تەقدىرنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ ›› دېگەن قاراشقا قوشۇلامسىز ؟ (3نۇمۇر)
3. ‹‹ ھېچ ئىش ئۇقمايدىغان بالىنى خەقكە بېرۋەتسەك ، ھەتتا مەن ئۆزۈمنىمۇ سەن نېمە دېگەن تاش يۈرەك دادا ›› دەپ ئويلاپ قالىدىگەنمەن ››
بۇ پارچە قايسى ئەسەردىن ئېلىنغان ؟ ژانىرى نېمە ؟(2 نومۇر)
بۇ پارچىدا گەپ قىلۋاتقىنى كېىم ؟ كېمگە گەپ قىلىۋاتىدۇ ؟ (2نۇمۇر)
بۇ پارچىدە قانداق مەركىزىي ئىدىيە ئىپادىلەنگەن (3نۇمۇر)
4. " بوۋاي ئۆزىگە زىيادە ئىشىنەتتى ھەم ئۆز قىممىتىنى بىلەتتى. ھەر كېچىسى دۈشمەنلەر سۇ يولىنى قامال قىلغاندىن كېيىن، ئەتتىگەن چىقىپ، كەچ قايتىدىغان بېلىقچىدەك ئىنتايىن بىغەم ھالدا قېيىقنى ھەيدەپ، ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ خوشال قىلىدىغان ئىشلارنىڭ پىلانىنى تۈزۈيتتى."
بۇ پارچە قايسى تېكىستىن ئېلىنغان؟ ئەسەرنىڭ ژانىرى نېمە؟ ئەسەر قانچىنچى شەخس تىلىدا يېزىلغان؟ ( 3نومۇر)
ئەسەردىكى بوۋاي قانداق خاراكتىرگە ئىگە؟ (2 نومۇر)
سىز ئۆزىڭىزگە ئىشىنەمسى؟ ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلەيدىغانلىقىڭىزغا، ئىشلارنى پىلانلىق ۋە پۇختا قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنەمسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟
(3نومۇر)
Ⅳمەشىق ئىشلەش سۇئالى (14 نومۇر)
1. تۆۋەندىكى سۆزنىڭ مەنىسىنى ئىزھالاڭ (2 نۇمۇر)
ئايماق_____
ئىستىقبال______
2. تۆۋەندىكى سۆزلەرگە ئۇلانغان قوشۇمچىلارنى ماس ھالدا تۇتاشتۇرۇڭ (5 نۇمۇر)
رەنا ئىگىلىك كېلىش
رەنانىڭ باش كېلىش
رەنانى تەڭلەشتۈرمە كېلىش
رەناچىلىك چۈشۈم كېلىش
رەناغا يۆنىلىش كېلىش
رەندادىن ئورۇن پەيت كېلىش
رەنادىكى چەك كېلىش
رەناغىچە ئورۇن – بەلگە كېلىش
رەنادىن چىقىش كېلىش
رەنادەك ئوخشاتما كېلىش
3. ‹‹قەلەم›› دېگەن سۆزنى ئۈچ شەخسنىڭ بىرلىك ۋە كۆپلىكى بىلەن تۈرلەڭ (3نۇمۇر)
4. تۆۋەندىكى قوشۇمچىلاردىن پايدىلىنىپ سۆز ياساڭ ھەمدە جۈملە تۈزۈڭ
(4 نومۇر)
چى: سۆز ياساڭ: ________
جۈملە تۈزۈڭ: ____________________________________________
داش : سۆز ياساڭ ________
جۈملە تۈزۈڭ: ___________________________________________
Ⅵيېزىقچىلىق سۇئالى ( 30نۇمۇر)
‹‹ ئىناق ــــــــــــــــــــــ ›› دېگەن ماۋزۇدا بىر پارچە بايان خاراكتېرلىك ئەسەر يېزىڭ .
تەلەپ: 1. ئالدى بىلەن ئىخچام سۆزلەرنى تاللاپ ماۋزونى تولۇقلاڭ. مەسىلەن: " ئىناق ئوقۇتقۇچى" ، " ئىنااق ساۋاقداشلار"، " ئىناق قوشنىلار" دېگەندەك، ماۋزونى ئىجادى قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
2.ئۆزىڭىز كۆرگەن، ئاڭلىغان، ئۆزىڭىزگە قاتتىق تەسىر قىلغان ئادەم ۋە ۋەقەلەرنى يېزىڭ.
4. ماقالىدا باياننىڭ ئامىللىرى تولۇق بولسۇن،
5. سۆز- جۈملىلەر راۋان، باغلىنىشلىق، ئىملا توغرا، خەت چىرايلىق، ھەجىمى 2 بەت ئەتراپىدا بولسۇن.
展开阅读全文