收藏 分销(赏)

七年级下册gagaren.doc

上传人:仙人****88 文档编号:7605114 上传时间:2025-01-10 格式:DOC 页数:6 大小:36KB 下载积分:10 金币
下载 相关 举报
七年级下册gagaren.doc_第1页
第1页 / 共6页
七年级下册gagaren.doc_第2页
第2页 / 共6页


点击查看更多>>
资源描述
2016-يىلى 3-ئاينىڭ -كۈنى 3.«دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان»گاگارىن دەرس تەييارلىغۇچى:مۇختەر مۇھەممەت 2016-يىلى 3-ئاينىڭ - كۈنى دەرس تىمىسى: «دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان»گاگارىن ئوقۇتۇش نىشانى: بىلىم ئىقتىدار نىشانى: تىكىستنى ھىسىياتلىق، چۈشىنىپ ئوقۇيالايدىغان بولۇش، تىكىستتىكى يېڭى سۆزلەرنى تېپىپ چىقىش ئاساسىدا مەنىسىنى چۈشىنىش، ئەسەرنىڭ ژانىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش، گاگارىننىڭ قانداق قىلىپ ئالەم ئۇچقۇچىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش. ئۇسۇل ۋە جەريان: تېكىستنى ھىسىياتلىق ئوقۇش ئاساسىدا چۈشىنىكسىز سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى تېپىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بۇ سۆزلەرگە ئىزاھات بېرىش، تېكىست مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك كىچىك سۇئاللارنى تەھلىل قىلىشقا يېتەكلەش ئارقىىلق ئوقۇتۇش نىشانىغا يىتىلىدۇ. ھىسىيات پۇزۇتسىيە قىممەت قارىشى نىشانى: ئوقۇغۇچىلارغا چولپان بولۇپ كەتسىمۇ ياشاش جەريانىدا سەمىمىلىك، كەمتەرلىك، مېھرى مۇھاببەت قاتارلىق ئادىمىلىك خسلەتلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدۇرۇش، ئادەملىك ئالەم كىمىسى قۇيۇپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولىنى بىلىۋېلىشقا يىتەكلەش. مۇھىم نوقتا: ئادەملىك ئالەم كىمىسى قۇيۇپ بېرىشنىڭ ئىلىم پەن تەتقىقاتىدا ئوينايدىغان رولى ۋە جەمىيەت تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش. قىيىن نوقتا: دەرس تىپى يېڭى دەرس دەرس ۋاقتى بىر سائەت ئۆتىلىدۇ ئوقۇتۇش ۋاستىسى: ئوقۇتقۇچى: دەرسلىك كىتاب، پايدىلىنىش قوللانمىسى، ئالەم كېمىسى ۋە گاگارىننىڭ سۈرەتلىرى ئوقۇغۇچى: دەرسلىك كىتاب، مەشىق دەپتەر، قەلەم. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: ئوقۇتقۇچى: ئۈلگە كۆرسىتىش ئۇسۇلى، سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلى، مۇھاكىمىگە تەشكىللەش ئۇسۇلى، مەشىقلەندۇرۇش ئۇسۇلى، ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى. ئوقۇغۇچى: ئىزدىنىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى، مۇستەقىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى. ئوقۇتۇش جەريانى: يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش گاگارىن ۋە ئالەم كېمىسىگە دائىر رەسىملەرنى كۆرسىتىش، رەسىملەر ئۇستىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. يېڭى بىلىمنى ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش تېكىست ئوقۇشقا يىتەكلىنىدۇ. چۈشنىكسىز سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى چۈشەندۇرۇلىدۇ. يېڭى سۆزلەر خىلۋەت- گژاتىك- سمولېنسىيە- فاشىست- ئالەم ئۇچقۇچىسى- راكىتا- ئاۋىئاتسىيە- يادرو- پولك- ئوربىتا- بەخىتكە يارىشا- ئەرەب رەقىمى – شىفىر- كائىنات- پىسخولوگ- تا س س- باياناتنامە- دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان- تەبەسسۇم- تۈس- پاراشۇت- پۈتۈنسۇرۇك- قورام تاش- ك گ ب- ئاھانەت- چاس بېرىش- شەرەپ تەلۋىلىگى- پولكوۋنىك- ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئەسەر ژانىرىغا ھۆكۈم قىلىشقا يىتەكلىنىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ ژانىرى ئەدەبى تەرجىمھال بولۇپ ئوقۇغۇچىلارغا تۆۋەندىكى سۇئاللار ئۇستىدە مۇھاكىمە قىلىش پۈرسىتى بېرىلىدۇ. 1)گاگارىن قاچان تۇغۇلغان؟ 2)گاگارىن قانداق قىلىپ ئالەم ئۇچقۇچىلىقىغا تاللىنىپ قالدى؟ 3)گاگارىن ھەربىي قىسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن قانداق قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇقتى؟ 4)نىمە ئۈچۈن مەخپى نۇمۇرنى ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندىن كىيىن كۆرۈشكە بولىدۇ؟ 5)گاگارىن ئىرىشكەن شان شەرەپلەر ئالدىدا ئۆزىنى قانداق تۇتتى؟ 6)سىز ئەسەردىن گاگارىننىڭ سەمىمىلىكىگە دائىر نوقتىنى ھىس قىلدىڭىزمۇ؟ يۇقارقى سۇئاللار بىر بىرلەپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئەركىن مۇھاكىمە تەشكىللىنىدۇ. يېڭى بىلىمنى مۇستەھكەملەش ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلەپ پىكىر قاتناشتۇرىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى سۇئاللار ئۇستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 1)گاگارىن كىم؟ 2)گاگارىن قانداقىسىگە ئالەم ئۇچقۇچىلىقغا تاللىنىپ قالدى؟ 3)شان-شەرەپ گاگارىننىڭ ھاياتىدا قانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى؟سىز بۇنىڭدىن شان-شەرەپكە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىگىنى ھىس قىلدىڭىز؟ 4)«بۇ قېتىمقى ئۇچۇشتا قەھرىمان بىلەن ئۇتۇق يانمۇ-يان ئۆتۈپ كېتىپ قالدى» دېگەن جۇملىنىڭ مەنىسىنى قانداق چۈشەندىڭىز؟ ئوقۇغۇچىلارنى بۇ سۇئاللار ئۇستىدە ئېلىپ بارغان مۇلاھىزىلرى ئاساسىدا دەرس مەزمۇنى خۇلاسە قىلىنىدۇ. خۇلاسە: ئىنسانىيەت تارىخىدا ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ياساش ۋە ئالەمگە ئۇچۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ بىرى. سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن ئامىركا پەن- تېخنىكا جەھەتتە ئۈستۈنلۈك تالىشىپ كېلىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر. سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ سۈنئى ھەمرا قويۇپ بەردى. ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئالەمشۇمۇل ئىش. بۇ ئالەمشۇمۇل ئىشتا گاگارىننىڭ تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ ئالەم ئۇچقۇچىلىقىغا تاللاندى. ئوقۇتۇش جەريانىغا قارىتا تولۇقلاش پىكرى: دوسكا لايھەسى 3.«دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان» گاگارىن ۋېن چىيەن ئەدەبى تەرجىمھال ئالەم ئۇچقۇچىلىقىغا تاللاندى شان-شەرەپكە ئېرىشتى گاگارىن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە تاپشۇرۇق: سىزمۇ يازالايسىز،ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۇرىدىكى ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يىتەرسىزلىكلىرىنى يېزىپ بېقىڭ. دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش:
展开阅读全文

开通  VIP会员、SVIP会员  优惠大
下载10份以上建议开通VIP会员
下载20份以上建议开通SVIP会员


开通VIP      成为共赢上传

当前位置:首页 > 教育专区 > 小学其他

移动网页_全站_页脚广告1

关于我们      便捷服务       自信AI       AI导航        抽奖活动

©2010-2026 宁波自信网络信息技术有限公司  版权所有

客服电话:0574-28810668  投诉电话:18658249818

gongan.png浙公网安备33021202000488号   

icp.png浙ICP备2021020529号-1  |  浙B2-20240490  

关注我们 :微信公众号    抖音    微博    LOFTER 

客服